دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن ۋە سابىق مۇئاۋىن رەئىسى شۇنداقلا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تور تېلېۋىزىيەسىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى، داڭلىق ژورنالىست پەرھات مۇھەممەت (يورۇڭقاش) گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھرىدە كېسەل سەۋەبى بىلەن 2025 -يىلى 9 – ئاينىڭ 24- كۈنى 61 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.
مەرھۇم پەرھــات مۇھەممەت ئەپەنــدى 1964 – يىلــى دۇنياغـا كەلگـەن. 1981 – يىلـى شـەرقىي تۈركىسـتانئۇنىۋېرسـىتېتىنىڭ تىـل فاكۇلتېتىغـا قوبـۇل قىلىنغـان.1985 – يىلــى ئالــى مەكتەپنــى تامامــلاپ <شــىنجاڭخەلــق رادىيــو ئىستانسىســى> دا تاكــى 1992 – يىلــى12 – ئايغـا قـەدەر تەھرىـر ۋە مۇخبىـربولـۇپ خىزمـەت قىلغا . ۋەتەندىكـى مەزگىلىـدە ھەرقايسـى گېزىـت –ژۇرناللاردا 200 پارچىدىــن ئارتــۇق پوۋېســت، ھېكايــەۋە باشــقا ئەدەبىــي ئەسەرلىرى ئــلان قىلىنغــان. 93 -يىلـى تۈركىيەگـە چىقىـپ، 95 – يىلىغىچـە مىللىـي رەھبىرىمىــز ئەيســا يۈســۈپ ئالىپتېكىــن ئەپەندىمنىــڭ يېنىــدا خىزمــەت قىلغــان. تۈركىيــەدە <شـەرقىي تۈركىسـتان ياشـلار بىرلىكى>نىـڭ قۇرۇلۇشـىدا ھـەم ئۇنىـڭ ئـورگان گېزىتـى <شـەرقىي تۈركىســتان ياشــلىرى>نىڭ تەســىس قىلىنىشــىدا ئاساســلىق رول ئوينىغــان ۋە گېزىتىنىــڭ بـاش تەھرىـرى بولـۇپ ئىشـلىگەن. 1995 – يىلـى گېرمانىيەگـە كېلىـپ يەرلەشـكەن. پەرھـات مۇھەممىـدى چەتئەلگـە ھىجـرەت قىلىـپ چىققـان 92 – يىلىنىـڭ ئاخىرىدىـن تاكـى ھازىرغىچـە ئىزچىــل تــۈردە ئۇيغــۇر مىللىــي ھەرىكىتىنىــڭ ئــەڭ ئالدىنقــى ســېپىدىن يــەر ئېلىــپ كەلــدى.
تۈركىيـە ۋە گېرمانىيەلـەردە نەشـر قىلىنغـان <شـەرقىي تۈركىسـتان ياشـلىرى> گېزىتـى، <شـەرقىي تۈركىســتان> گېزىتــى، <بىرلىــك> ژۇرنىلــى، <ئۇچقــۇن> گېزىتــى، <ئىســتىقال> گېزىتــى، ئۇيغـۇر تېلېۋىزىيەسـى، شـەرقىي تۈركىسـتان ئۇيغـۇر تېلېۋىزىيەسـى قاتارلىـق گېزىـت – ژورنـال ۋە ئىنتېرنېـت تېلېۋىزىيەلەرنىـڭ ئاساسـلىق قۇرغۇچـى ھـەم بـاش تەھرىـرى بولـۇپ خىزمـەت قىلغـان.
پەرھـات مۇھەممەت ئەپەنـدى 1996 – يىلـى گېرمانىيـەدە قۇرۇلغـان <دۇنيـا ئۇيغـۇر ياشـلىرى قۇرۇلتىيى>نىڭ، 1999 – يىلى يەنە گېرمانىيەدە قۇرۇلغان <شـەرقىي تۈركىسـتان ( ئۇيغۇرىسـتان ) مىللىـي قۇرۇلتىيى>نىـڭ ۋە 2004 – يىلـى بارلىققـا كەلگـەن <دۇنيـا ئۇيغـۇر قۇرۇلتىيى>نىـڭ ئاساسـلىق قۇرغۇچـى ئەزالىرىنىـڭ بىـرى بولـۇپ، ھازىرغىچـە قۇرۇلتـاي تەشـۋىقات كومىتېتىنىـڭ مۇدىـرى، د ئـۇ ق مۇئاۋىـن رەئىسـى، د ئۇ ق تور تېلىۋىزىيەسىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە باش نازارەتچىسى ھەم مەسئۇل مۇھەررىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن ۋە ئۆتىمەكتە ئىدى.
ئىككى بالىنىڭ دادىسى ۋە كۈيۈمچان بىر ئەر ئىدى.
Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى
Subscribe to get the latest posts sent to your email.
