
Chet elde tibetni qollighan xtay oqughuchi xtay ziyaritide tutqun qilindi
ئۇيغۇر پوچتىسى، 29-سېىنتەبىر
قسقارتىپ تەرجىمە قىلغۇچى: تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان
ياۋروپادا تۇرۇۋاتقاندا تىبەتنىڭ ئاكتىپ قوغدىغۇچىسىغا ئايلانغان بىر ختاي ئوقۇغۇچى، ختاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان. ئۇنىڭ ئىككى يېقىن دوستىنىڭ ئېيتىشىچە، بېيجىڭ پەقەت دۆلەت ئىچىدىلا ئەمەس، بەلكى چەت ئەلدىمۇ ئوخشىمىغان ئاۋازلارنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ تاجاۋۇزچىلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ.
ئۇنىڭ دوستلىرىنىڭ Associated Press غا ئېيتىپ بېرىشىچە، ختاينىڭ ئوتتۇرا-جەنۇبىدىكى چاڭشا شەھىرىدىن بولغان دۆلەت خەۋپسىزلىك خادىملىرى 22 ياشلىق جاڭ يادىنى يازدا ئائىلىسىنى يوقلاش ئۈچۈن يۇرتىغا قايتقاندىن كېيىن، «بۆلگۈنچىلىككە كۈشكۈرتىش» گۇمانى بىلەن تۇتقۇن قىلغان.
جاڭنىڭ دوستلىرى ئۇنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى ئەھۋالدىن خەۋەردار ئەمما ختاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆچ ئېلىشتىن ئەنسىرەپ كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان كىشلەردىن بىلگەن.
جاڭ چەت ئەلدە تۇرغان مەزگىللەردە، خىتايچە، تىبەتچە ۋە ئىنگلىزچە تىللارنى راۋان سۆزلىيەلەيدىغان بىر بۇددىست بولۇش سۈپىتى بىلەن، دوستلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، تىبەت ھوقۇقلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە چوڭقۇر ئشتىياق باغلىغان. ئۇ «تىبەتنى قوللايدىغان ختاي ياشلىرى »( Chinese Youth Stand for Tibet) تەشكىلاتىغا قاتناشقان ھەمدە تەخەللۇس ئاستىدا بېيجىڭنىڭ بۇ رايوندىكى سىياسەت ۋە ھەرىكەتلىرىگە قارشى تەنقىد يازغان.