دېكابىر 21, 2025
Obzor: xitayning bayanati bilen xelqara bahalashlar arisidiki zor perqler

ئۇيغۇر پوچتىسى، 18-دىكابىر
ئاسىيە ئۇيغۇر

ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىكومنىڭ مۇئاۋىن سېكىرتارى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇدىرى چېن مىڭگو 3 – دىكابىر خىتاينىڭ چاڭ ئەن تورىدا بىر ماقالە ئېلان قىلغان. ئۇ ماقالىسىدە «مۇقىملىق» ۋە «خىتايچە زامانىۋىيلاشتۇرۇش» توغرىسىدىكى بايانلىرى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدە يۈرگۈزگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى ئاقلىماقچى بولغان. «ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى تولۇق يولغا قويۇپ، خىتايچە زامانىۋىيلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئۇسلۇبىنى يارىتىشقا كۈچ قوشايلى» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان مەزكۈر ماقالىدە، بۇ سىياسەتلەر مۇقىملىق، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىك بىلەن باغلىنىپ تەشۋىق قىلىنغان. قىززىق يېرى شۇكى، خەلقئارا ئاخبارات، ئىنسان ھەقلىرىگە مۇناسىۋەتلىك دوكلاتلار ۋە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ رەسمىي بايانلىرىدا بۇ ئىزاھاتلارغا پۈتۈنلەي باشقىچە مەنە بېرىلگەن.
خىتاي تەرىپىدىن ئىزچىل تەكىتلىنىپ كېلىۋاتقان «ئىجتىمائىي مۇقىملىق» ۋە «خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە زامانىۋىيلاشتۇرۇش» ئۇقۇملىرى يېقىن يىللاردا خىتاي ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلى، يەنى ئاتالمىش «شىنجاڭ»دا ئېلىپ بارغان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكەتلىرى ۋە جازا لاگىرلىرى قۇرۇشنىڭ قانۇنىي ئاساسىي قىلىنىپ كەلدى. ئەمما خىتاي تەكىتلەۋاتقان بۇ ئۇقۇملار، خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى ئورگانلىرى، غەرب دۆلەتلىرى ۋە كۆپلىگەن مۇستەقىل تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن قاتتىق رەت قىلىنىپ، «ئىرقىي قىرغىنچىلىق، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە سىستېمىلىق ئىسان ھەقلىرى دەپسەندەچىلىكى» دەپ باھالانماقتا.
خىتاي نېمە دەيدۇ؟
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي باياناتلىرىدا ئۇيغۇر ئېلى ئىزچىل ھالدا «تېررورلۇق، ئاشقۇنلۇق ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ ئالدىنقى سېپى» دەپ تەسۋىرلىنىپ كەلدى. «قايتا تەربىيەلەش مەركىزى» دەپ نام قويۇلغان جازا لاگىرلىرى بولسا، « ئۇيغۇرلارنى كەسپىي جەھەتتە تەربىيىلەش، قانۇن ئۆگىتىش ۋە ئاشقۇن ئىدىيىلەرنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلدۇرۇش»نى مەقسەت قىلىپ ئېچىلغان ۋاقىتلىق ئورۇنلار، دەپ ئىزاھلاندى.
چېن مىڭگو قاتارلىق ئەمەلدارلار يازغان ماقالىلەر ۋە رەسمىي نۇتۇقلاردا، بۇ سىياسەتلەرنىڭ «شىنجاڭدىكى ئۇزۇن مەزگىللىك مۇقىملىقنى قوغدىغانلىقى»، «تېرورلۇق، زوراۋانلىقنىڭ ئالدىنى ئالغانلىقى» ۋە «ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا يول ئاچقانلىقى» تەكىتلەنگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كەلدى. خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى بولسا، خەلقئارا تەنقىتلەرنى «سىياسىي تۆھمەت» دەپ رەت قىلىپ، غەرب دۆلەتلىرىنى «خىتاينىڭ ئىچكىي ئىشىغا ئارىلاشقانلىق» بىلەن ئەيىبلەپ كەلدى.
خەلقئارا جەمئىيەت نېمە دەيدۇ؟
ھالبۇكى، خىتاينىڭ بۇ بايانلىرىغا زىت ھالدا، ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، بىرلەشمە ئاگېنتلىق، ب. ب. س، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، رۇيتېر ئاگېنتلىقى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ دوكلاتلىرى ۋە تەكشۈرۈشلىرى مەسىلىنىڭ باشقا بىر يۈزىنى ئاشكارىلاپ بەرگەنىدى.
رۇيتېر ئاگېنتلىقى ۋە ب. ب. س ئېلان قىلغان ئاشكارىلانغان خىتاي مەخپىي ھۆججەتلىرى، مۇناسىۋەتلىك سۈرەتلەر ۋە سىنلارغا ئالاقىدار دوكلاتلاردا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پۈتۈنلەي قوراللىق قاراۋۇل، مۇنار، سىم تور، قاتتىق نازارەت بىلەن قورشالغانلىقى، تۈرمىگە ئوخشاپ كېتىدىغان چوڭ كۆلەمدىكى جازا لاگىرلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقى كۆرسىتىلدى. بۇ دوكلاتلاردا لاگىر شاھىدلىرىنىڭ:
مەجبۇرىي سىياسىي ئىدىيە ئۆگىنىش؛
دىنىي ئېتىقادى ۋە ئۆرپ – ئادەتلىرىنى ئىنكار قىلىشقا زورلىنىش؛
مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىش؛
قىيىن – قىستاققا ئېلىنىش، تۇغۇت چەكلەش، جىنسىي زوراۋانلىقلارغا ئۇچراش قاتارلىقلار توغرىسىدىكى گۇۋاھلىقلىرىغا كەڭ ئورۇن بېرىلدى.
جازالار نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟
2021-يىلى 23-مارت، ئامېرىكا، ياۋرۇپا ئىتتىپاقى، ئەنگلىيە ۋە كانادا بىرلا ۋاقىتتا خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى بىلەن مۇناسىۋىتى بولغان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا ئېلان قىلدى. بۇ، ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ 1989-يىلدىكى تيەنئەنمېن ۋەقەسىدىن كېيىن تۇنجى قېتىم خىتاي ئەمەلدارلىرىنى بىۋاسىتە ئىنسانىي ھەقلىرى سەۋەبىدىن جازالىشى بولۇپ، مەزكۈر جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلەر ئارىسىدا يۇقۇرىقى ماقالىنىڭ ئاپتورى چېن مىنگومۇ بار.
ئامېرىكىنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىيو بلىنكېن ئەينى چاغدىكى باياناتىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى قىلمىشلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ئاتىغان، كانادا پارلامېنتىمۇ مۇشۇنداق قارار چىقارغانىدى.
چېن مىڭگو ۋە مەسئۇلىيەت مەسىلىسى
بۇ يەردە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر نۇقتا شۇكى، «مۇقىملىق» ۋە «قانۇن بويىچە باشقۇرۇش» نى ئەڭ كۈچلۈك تەشۋىق قىلغان ئەمەلدارلارنىڭ ئۆزى خەلقئارا جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتىدا، چېن مىڭگونىڭ «خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش ۋە ھوقۇقىنى سۇئېستېمال قىلىش» بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكى كۆرسىتىلگەن.
دەرۋەقە، بۇ ئەھۋال خىتاينىڭ بايانلىرىدىكى ئاتالمىش «قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، مۇقىملىق ۋە بىخەتەرلىك» ئۈچۈن يولغا قويغان سىياسەتلىرىنىڭ ساختا يۈزىنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ.
«زامانىۋىيلاشتۇرۇش» دېگەن نېمە؟
خىتاي دائىرىلىرى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئاتالمىش «خىتايچە زامانىۋىيلاشتۇرۇش» نى «ئۆزىگە خاس تەرەققىيات يولى» دەپ تەسۋىرلىسىمۇ، لېكىن بۇ سىياسەت ئۇيغۇر ئېلىدە:
ئۇيغۇر تىلىنىڭ مائارىپ ۋە ئاممىۋى ساھەدىن سىقىپ چىقىرىلىشى؛
ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ يوقىتىلىشى؛
ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنىڭ چەكلىنىشى؛
ئۇيغۇربالىلارنىڭ ياتاقلىق مەكتەپلەرگە زورلاپ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى؛
ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي يوسۇندا خىتاي ئۆلكىلىرى ياكى باشقا جايلارغا يۆتكىۋېتىلىشى؛
ئۇيغۇرلارنىڭ يەر – زىمىنلىرىنىڭ مەجبۇرىي تارتىۋېلىنىشى قاتارلىقلار بىلەن بىر ۋاقىتتا يولغا قويۇلۇپ كەلدى.
خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدىمۇ «خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە زامانىۋىيلاشتۇرۇش كۆپ خىللىقنى قوبۇل قىلمايدۇ، بەلكى بىر خىللىقنى مەجبۇرىي سىڭدۈرۈشنى نىشان قىلىدۇ»غانلىقى كۆرسىتىلگەن.
خۇلاسە
دەرۋەقە، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئەمەلدارلىرى ئاتالمىش «مۇقىملىق» ۋە «بىخەتەرلىك» نى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان ئىرقىىي قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىنى ئاقلاشقا تىرىشسىمۇ، خەلقئارا جەمىيەتنى ئالداش تېخىمۇ تەسلەشمەكتە. خىتاي ئەمەلدارلىرىغا قويۇلغان خەلقئارالىق جازالار، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاشكارلىغان تۈرلۈك دوكلاتلار ۋە شاھىدلىقلار خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدە يۈرگۈزىۋاتقان سىياسەتلىرىنىڭ ئاددىي مەنىدىكى بىخەتەرلىك چارىسى ئەمەس، بەلكى بىر مىللەتنى يەر – يۈزىدىن تەل – تۆكۈس يوقىتىش ئۈچۈن يۈرگۈزىۋاتقان سىستېمىلىق دۆلەت تېرورلىقى ۋە ئىنسان ھەقلىرى كرىزىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
دېمەك، خىتاينىڭ بايانلىرى بىلەن خەلقئارا باھا ئارىسىدىكى بۇ زىتلىقلار ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ نېمە ئۈچۈن داۋاملىق دۇنيا جامائىتىنىڭ دىققەت مەركىزىدە تۇرىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.


Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe to get the latest posts sent to your email.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe now to keep reading and get access to the full archive.

Continue reading