دېكابىر 8, 2025
مۇساجان ئەر

مۇساجان ئەر

 ”ئۇيغۇر پوچتىسى“نىڭ قۇرۇلغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن، ئەجىر سىڭدۈرگەن قېرىنداشلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرۈمەن

نۆۋەتتە ئۇيغۇر خەلقى دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلار كۆپ تەرەپلىمىلىك بولۇپ، بۇلارنىڭ بىرى – ئۆزلىرى ئۇچراۋاتقان بېسىم ۋە زۇلۇم توغرىسىدا ئۆز-ئارا ئۇچۇر ئالالماسلىق، شۇنداقلا بۇ ھەقتىكى پەريادلىرىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتالماسلىقتۇر. بۇنىڭ سەۋەبى ئېنىقكى، شەرقىي تۈركىستاندا ئاخبارات ئەركىنلىكى پۈتۈنلەي چەكلەنگەنلىكتىندۇر.

خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى (خ.ك.پ.) ھۆكۈمىتى بارلىق مۇخبىرلارنى ۋە تاراتقۇ ئورگانلىرىنى كونترولى ئاستىغا ئېلىپ، پەقەت پارتىيەنىڭ يالغان تەشۋىقاتلىرىنى تارقىتىشقا مەجبۇرلىماقتا. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھېچقانداق ئاخبارات ئورگىنى ياكى مۇخبىر ئەركىن ھالدا ئۇچۇر ئىگىلەش ۋە ھەقىقىي خەۋەرلەرنى ئېلان قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئەمەس. خ.ك.پ. ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى مەخپىي ئېلىپ بېرىپ، دۇنيا جامائىتىدىن يوشۇرۇپ كەلمەكتە. بۇنىڭ نەتىجىسىدە دۇنيا بۇ جىنايەتلەر ھەققىدە يېتەرلىك ئۇچۇرغا ئېرىشەلمەيۋاتىدۇ.

 

مۇشۇنداق جىددىي ۋەزىيەتتە، «ئۇيغۇر پوچتىسى“نىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى خۇشاللىنارلىق بىر ئىش بولۇپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاخبارات ساھەسىدىكى چوڭ بوشلۇقنى قىسمەن بولسىمۇ تولدۇرۇشتا ۋە ھەقىقەتنى يەتكۈزۈشتە ھالقىلىق رول ئوينىشىنى ھەمدە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ياڭراق ئاۋازى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەن «ئۇيغۇر پوچتىسى“نىڭ قۇرۇلۇشىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە، ئۇنى قۇرۇپ چىققان مەسئۇل ۋە بارلىق خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ خىزمەتلىرىگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

 

چەكسىز ھۆرمەت ۋە ئالىي ئېھتىرام بىلەن، مۇساجان ئەر شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى – ئىستانبۇل

 


Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe to get the latest posts sent to your email.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe now to keep reading and get access to the full archive.

Continue reading