ئابلىز شاكىر
مۇقام تەتقىقاتىغا زور تۆھپە قوشقان سەنئەتكار ئابلىز شاكىر 1939-يىلى غۇلجىدا تۇغۇلغان بولۇپ، بۈگۈن ئۈرۈمچىدە 86 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇنىڭ ۋاپاتى ئۇيغۇر مىللىي سەنئىتى ساھەسىدىكى زور يوقىتىش ھېسابلىنىدۇ.
5-نويابىر، ئۇيغۇر پوچتىسى
مەرھۇم ئابلىز شاكىر ئۇيغۇر مۇقاملىرى ۋە خەلق ناخشىلىرىنى قوغداش ۋە راۋاجلاندۇرۇشقا زور تۆھپىلەرنى قوشقان، بولۇپمۇ ئۇ غۇلجا خەلق ناخشىلىرىنى رەتلەش ۋە يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان مۇقام بۆلەكلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىغان.
مۇقام تۆھپىكارى، مۇزىكا ئۇستازى ئابلىز شاكىر 1939-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى غۇلجىدا تۇغۇلغان. ئۇ ھاياتىدا «بايات ۋە چەبىيات»، «رۇخسار مۇقامى» قاتارلىق مۇقاملارنى ئەڭ دەسلەپ ئورۇنلىغان ئۇستازلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان، شۇنداقلا، ئونلىغان غۇلجا خەلق ناخشىلىرىنى رەتلەش ۋە ئىجاد قىلىش بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ تەمبۇر، دۇتار قاتارلىق سازلارنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنلايدۇ.

ئابلىز شاكىر مۇڭلۇق ۋە چىرايلىق ئاۋازى بىلەنلا ئەمەس، خوش پېئىل مىجەزى ۋە ئاتا سۈپەت چىرايى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى زامان خەلق مۇزىكىسىنىڭ جانلىق ۋەكىلى بولۇپ قالغان.
ئۇ 1976-يىلى باشلانغان مۇقام رەتلەش خىزمىتىگە ئاكتىپ قاتناشقان بولۇپ، ھۈسەنجان جامى، ئەبەيدۇللا تۇردى، غىياسىدىن بارات قاتارلىق مەشھۇر سەنئەتكارلار بىلەن بىرلىكتە مۇقام مۇزىكىلىرىنى توپلاش، رەتلەش ۋە ئۆلچەملەشتۈرۈش خىزمىتىگە ئاساس سالغان.
1980-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى قارمىقىدا مۇقام تەتقىقات ئىشخانىسى قۇرۇلغاندا، ئابلىز شاكىر، زىكرى ئەلپەتتا، ئۆمەر ئىمىن، ئۆمەرئاخۇن ئاكا قاتارلىق مۇقامشۇناسلار بىلەن بىرلىكتە، يوقىلىپ كەتكەن ياكى كەم بولغان مۇقام ئاھاڭلىرىنى تېپىش ۋە تولۇقلاشقا كۈچ چىقارغان. ئۇنىڭ تۆھپىسى بىلەن، تۇردىئاخۇن ئاكا قالدۇرۇپ كەتكەن 245 ئاھاڭغا يەنە 45 ئاھاڭ قوشۇلۇپ، جەمئىي 290 مۇقام ئاھاڭى رەتلەپ چىقىلغان.
ئابلىز شاكىرنىڭ ۋاپاتى پەقەت بىر سەنئەتكارنىڭ يوقىلىشىلا ئەمەس، بەلكى ئۇستازنىڭ ھاياتى ۋە پائالىيەتلىرى ئۇيغۇر خەلق مۇقاملىرىنىڭ مەدەنىي مىراسلىرىنى ساقلاپ قېلىش يولىدىكى تەستىقنامىسى بولۇپ قالغان. ئۇ غۇلجا خەلق ناخشىلىرىنى رەتلەش بىلەن بىللە يەنە ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، مۇھەببەت، يۇرت، خەلق، ئادالەت، دوستلۇق ۋە تەبىئەتكە بولغان سۆيگۈ تېمىلىرىدىكى ناخشىلارنى ئورۇنلاپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئەركىن ۋە يارقىن ئىپادىلىنىشىنىڭ نەمۇنىلىك ۋاستىچىسى بولغان.
ئۇنىڭ «داۋاندىن ئاشقانلار»، «ئەرزىم بار»، «قەدىرلەيمەن سېنى جانان»، «دەردىڭ يامان» دېگەن ناخشىلىرى ئىنتېرنېتتا ئۇچرايدۇ.
ئۇيغۇر زىيالىسى، ئۇيغۇر پىروژېكت فوندى رەئىسى ئەركىن سىدىق مۇنداق دېدى: مەن بۇ ئاكىمىزنىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن ۋە ئۇنى قاتتىق سېغىنىش ئىچىدە ئەسلەيمەن.
ۋېرجىنىيەدە ياشايدىغان، غۇلجىلىق دوكتۇر ئابدۇراھمان ئابلىمىت مۇنداق دېگەن: «پشقەدەم سەنئەتكارلىرىمىزنىڭ ھاياتى تولىمۇ مەنىلىك ئۆتتى، ئۇلار مەڭگۈ ئەل بىلەن ياشىدى. ئۇستاز ئابلىز شاكىرنىڭ ۋاپاتى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن زور يوقوتۇش. ئۇ سەنئەت ساھەسىدىكى چوڭ بىر تۈۋرۈك ئىدى. ئابلىز شاكىر ئاكا تولىمۇ تالانتلىق ئىدى. ئۇنىڭ ئاۋازى ياڭراق، يېقىملىق ئىدى، تەمبۇرنى ۋاياغا يەتكۈزۈپ چالاتتى…»
يىقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇيغۇر خەلقى ياخشى كۆرگەن، ئاتاقلىق ناخشىچى، مۇزىكانتلاردىن ئابلىز شاكىر ئاكىنىڭ يىقىن دوستلىرى، زاماندىشلىرىدىن غىياسىدىن بارات، ئەبەيدۇللا تۇردى، ئابلىكىم ئابدۇللا، سەيدۇللا توختى، مۇساجان روزى، ھۈسەنجان جامى، نۇرمۇھەممەت تۇرسۇن قاتارلىق داڭلىق كىشىلەر، ئارقا-ئارقىدىن ئالەمدىن ئۆتتى، ئۇلار ئۆز ھاياتىدا ئاجايىپ-ئېسىل، يېقىملىق ناخشىلار ياراتىپ، خەلقنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان ئىدى!
ئابلىز شاكىرنىڭ ئورۇنلىشدا، سىگاھ مۇقامى
ئەسلەپ:
تەييارلىغۇچى: تاھىر ئىمىن
Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى
Subscribe to get the latest posts sent to your email.
