ئۇيغۇر پوچتىسى، 26-فېۋرال

ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى (CIA) پەيشەنبە كۈنى (12-فېۋرال) YouTube، X ۋە Facebook قاتارلىق كۆپلىگەن ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىدا خىتاي تىلىدا (ماندارىن) مەخسۇس سىن ئېلان قىلدى. مەزكۇر فىلىم خىتاي ھەربىي خادىملىرىنى CIA بىلەن ھەمكارلىشىشقا ۋە ئاخبارات تەمىنلىگۈچى بولۇشقا چاقىرىق قىلىشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، سىندا ئۇلارغا: «دۇنيانىڭ تەقدىرى سېنىڭ قولۇڭدا» دەپ خىتاب قىلىنغان.

«دادىل ئوتتۇرىغا چىقىش: كەلگۈسى ئۈچۈن» دەپ نام بېرىلگەن بۇ قىسقا فىلىمدە مۇنداق توقۇلما سىنارىيە گەۋدىلەندۈرۈلگەن: بىر خىتاي ھەربىي خادىم خىتاي ئارمىيەسىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدا بولۇۋاتقان  چىرىكلىكتىن ئۈمىدسىزلىنىدۇ  ۋە ئاخىرىدا نامسىز ئۇچۇر سىستېمىسى ئارقىلىق CIA بىلەن بىخەتەر ئالاقە ئورنىتىدۇ.

بىر مىنۇت 35 سېكۇنتلۇق بۇ سىنئالغۇنىڭ بېشىدا، ھەربىي خادىمنىڭ يىغىن زالىدا دوكلات ئاڭلاۋاتقان كۆرۈنۈشى ئارقىلىق مۇنداق دېيىلىدۇ:  «بۇ مەن ئۆزۈمنى بېغىشلىغان دۇنيا: ۋەتىمنى قوغداش، خەلقنى ھىمايە قىلىش. لېكىن كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ھەقىقەت بارغانسېرى ئايان بولماقتا: رەھبەرلەرنىڭ قوغداۋاتقىنى ئەمەلىيەتتە پەقەت ئۆزلىرىنىڭ شەخسىي مەنپەئەتى ئىكەن. ئۇلارنىڭ ھوقۇقى تۈمەنلىگەن يالغانچىلىقلار ئۈستىگە قۇرۇلغان. ئەمما ھازىر بۇ يالغانچىلىق بىلەن قوپۇرۇلغان تاملار ئاستا-ئاستا گۇمران بولماقتا،ابىزگە قالغىنى پەقەت مۇشۇ ۋەيرانچىلىقتىن كېيىنكى خارابىلىقنى رەتكە سېلىشتىن ئىبارەت.»

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن بۇيان، ئارمىيە ئىچىدە كۆپ قېتىم چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى ئېلىپ بېرىپ، يۇقىرى دەرىجىلىك گېنېراللارنى ئارقىمۇئارقا ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىدى. بۇنىڭ ئەڭ يېڭى مىسالى سۈپىتىدە، 2026-يىلى 1-ئايدا شى جىنپىڭنىڭ يېقىن ئىتتىپاقدىشى دەپ قارالغان جاڭ يۇشيانىڭ «ئىنتىزامغا ۋە قانۇنغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش» جىنايىتى بىلەن بىر تەرەپ قىلىنىشىنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ. جاڭ يۇشيا ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغاندا، خىتاي مەركىزىي سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتاتتى.

فىلىمدە مەزكۇر ھەربىي خادىمنىڭ چىرىكلىككە بولغان نارازىلىقى ئائىلە كۆرۈنۈشلىرى بىلەن ئۇلىنىدۇ. بۇ ھەربىي مۇنداق دەيدۇ: «رەھبەرلىك قاتلىمىدا ئىقتىدارى بارلار گۇمان نىشانىغا ئايلىنىدۇ، ئىنسانىي خىسلىتى  رەھىمسىزلەرچە بوغۇپ تاشلىنىدۇ. مەن بۇ ھوقۇق مەجنۇنلىرىنىڭ قىزىمنىڭ كەلگۈسى تەقدىرىنى بەلگىلىشىگە يول قويالمايمەن.»

سىنئالغۇنىڭ ئاخىرىدا، مەزكۇر ھەربىي خادىمنىڭ ماشىنا ئىچىدە ئولتۇرۇپ، مەخپىي تور سىستېمىسى ئارقىلىق CIA بىلەن بىخەتەر ئالاقە ئورنىتىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلىدۇ. سىنئالغۇدىكى باياندا مۇنداق دېيىلىدۇ: «تارىخىي تەجرىبىلەر بىزگە شۇنى ئۆگەتتىكى، ئۇرۇش قىلماي تۇرۇپ غەلىبە قىلغانلار ھەقىقىي ئۇتقۇچىلاردۇر. لېكىن ئۇرۇش ئوتىنى كۆرمىگەن شۇ كىشىلەر بىزنى جەڭ مەيدانىغا سۆرەپ كىرىشكە ئالدىرىماقتا. مەن بىر جەڭچى، مېنىڭ بۇرچۇم ۋەتەننى قوغداش ۋە خەلقنى ھىمايە قىلىش. بۇ يولنى تاللاش — مېنىڭ ئائىلەم ۋە ۋەتىنىم ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ئۇسۇلۇمدۇر.»

سىنئالغۇ ئاخىرىدا «دۇنيانىڭ تەقدىرى سېنىڭ قولۇڭدا» دېگەن خەتلەر چىقىدۇ ۋە CIA نىڭ بەلگىسى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.

بۇ سىنئالغۇ ئېلان قىلىنىپ قىسقىغىنە ئىككى كۈن ئىچىدە، يەنى ئامېرىكا شەرقىي قىسىم ۋاقتى جۈمە چۈشتىن كېيىن سائەت بىردىن 50 مىنۇت ئۆتكەنگە قەدەر، YouTube دىكى كۆرۈلۈش سانى 1 مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن.

CIA 2025-يىلى 5-ئايدىن باشلاپ خىتاي تىلىدا جەمئىي ئۈچ دانە سىنئالغۇ ئېلان قىلدى. بۇ يىل 1-ئايدا ئېلان قىلىنغان سىنئالغۇدا، CIA بىلەن بىخەتەر ئالاقە ئورنىتىشنىڭ كونكرېت باسقۇچلىرى تولۇق چۈشەندۈرۈلگەن. 2025-يىلى 5-ئايدا ئېلان قىلىنغان ئالدىنقى ئىككى قىسقا فىلىمدە بولسا، خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ كومپارتىيە ھاكىمىيىتىدىن بارغانسېرى ئۈمىدسىزلىنىپ، ئۆزى ۋە ئائىلىسى ئۈچۈن چىقىش يولى ئىزدەش جەريانىدا، نېمە ئۈچۈن ئاخىرىدا CIA بىلەن ھەمكارلىشىشنى تاللىغانلىقى تەسۋىرلەنگەن.

CIA بۇ يېڭى سىنئالغۇلار ئارقىلىق، خىتاينىڭ ئىچكى ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولغان ۋە ئۇنى تەمىنلەشنى خالايدىغان ئىشەنچلىك زاتلارنى جەلپ قىلىشنى مەقسەت قىلغان. سىنئالغۇ تېكىستىدە بىخەتەرلىك كاپالىتى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلگەن: «بىز سىزنىڭ شىجائىتىڭىزگە يۇقىرى باھا بېرىمىز. سىز يوللىغان ئۇچۇرلارنى ئەتراپلىق باھالاپ، بىخەتەرلىكىڭىزگە تولۇق كاپالەتلىك قىلغان ھالدا، سىزگە ئەتراپلىق ۋە ئېنىق جاۋاب قايتۇرىمىز.»


ئۇيغۇر پوچتىسى دىن تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى بايقاڭ

يېڭى يازمىلاردىن ئېلخەت ئارقىلىق خەۋەردار بولۇش ئۈچۈن مۇشتەرى بولۇڭ

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۇيغۇر پوچتىسى دىن تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى بايقاڭ

داۋاملىق ئوقۇش ۋە تېخىمۇ كۆپ ماتېرىياللارغا ئېرىشىش ئۈچۈن تىزىملىتىڭ.

داۋاملىق ئوقۇڭ