دېكابىر 30, 2025

مەمەت توختى

شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار بۈگۈن ئۆز تارىخىدىكى ئەڭ قارا دەۋرلەردىن بىرىنى باشتىن كەچۈرمەكتە. خىتاينىڭ لاگېرلار ئارقىلىق مىڭە يۇيۇش، مىللى كىملىكتىن تاندۇرۇش ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش سىياسىتى ئۇيغۇر مىللى كىملىكىگە ئېغىر ۋە چوڭقۇر زەربە ئۇردى. ئەۋلاتلىتىمىز ئانا تىل، دىنىي ئەقىدىلەردىن ۋە مىللىي ئەنئەنىلەردىن ئايرىلىۋاتىدۇ. مەسچىتلەر، مازارلىقلار، بىناكارلىق ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋەيران قىلىنغاچ ھەم كۆزدىن ھەم كۆڭۈلدىن ئۇزاقلاشتى.

ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ مەدەنىيەت ياراتقۇچى ۋە تارقاتقۇچىلىرى بولغان زىيالىيلار قوشۇنى بولسا تامامەن پاسسىپلاشتۇرۇلغان بولغاچ، ئۇيغۇر جەمئ‍ىيىتى سەركىسىدىن ئايرىلغان پادىغا ياكى قۇتۇپ يۇلتۇزىدىن ئايرىلغان كېمىگە ئوخشاپ قالدى.  

2017-يىلىدىن باشلاپ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەڭ يۇقۇرى پەللىگە چىققان مەزگىلدە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە بىر قانچە پىداكار تەشكىلاتلار خىتاينىڭ ۋەھشىي جىنايى قىلمىشىنى دۇنياغا يەتكۈزۈپ، خەلقئارالىق قوللاشنى كۈچەيتتى. شۇ سەۋەپتىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئۇيغۇرلارغا ھىسداشلىق قىلىدىغان ۋە خىتاينى ئەيىبلەيدىغان دۆلەتلەر سانى زور دەرىجىدە ئاشتى.

بىراق، خىتاينىڭ سىياسىتىدە ئۆزگۈرۈش بولغىنى يوق. شۇڭا دىئاسپورادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئالدىدا جاۋاب بېرىش زۆرۈر بولغان مۇنداق بىر سوئال بار: بىز ۋەتەن سىرتىدا  قانداق ساقلىنىپ، كەلگۈسىدە مىللىي گۈللىنىشنى قانداق ئەمەلگە ئاشۇرىمىز؟

بۇ سۇئال بىزنى تۆۋەندىكى باشلانغۇچ تەپەككۈرگە يۈزلەندۈرىدۇ:

بىرىنچى: تەربىيە ۋە تەربىيلىنىشنىڭ مۇھىملىقى. سۈرگۈندىكى بالىلىرىمىز چوقۇم ئانا تىلىنى پۇختا بىلىشى، ئانا تىل ئارقىلىق ئۆز تارىخىمىز ۋە مەدەنىيىتىمىزگە چوڭقۇر رىشتە باغلىيالىشى كىرەك. ئانا تىل ساقلانماي تۇرۇپ مىللەت ئۇزۇن مۇددەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ. 

ئىككىنچى: دىئاسپورادىكى ئۇيغۇر نوپۇسىنى مىللى ئاڭ ۋە مىللى بىرلىكتە تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن شارائىتى يار بەرگەن دۆلەت ۋە رايۇنلاردا مەركەزلەشكەن ئولتۇراق رايونلىرى ياكى مىكرو مەدەنىيەت مۇھىتى يارىتىلىشى كىرەك. كانادادا داۋام قىلىۋاتقان  M62  پروگراممىسىدەك نىشانلىق پروگراممىلارغا سەپەرۋەر بولۇپ، تېرىقتەك چېچىلغان، بىخەتەرلىك ۋە جان قايغۇسىدىن روھى ئېزىلگەن، چىگرا ھالقىغان باستۇرۇشنىڭ يەمچۈكلىرى بولۇپ قىيىن ئەھۋالدا قالغان قېرىنداشلارغا ئىگە بولۇش، ئۇلارغا ئورتاق بىر ھايات مۇھىتى تەمىنلەش ئارقىلىق دىئاسپورادىكى مىكرو مەدەنىيەت مۇھىتىنى بەرپا قىلىش لازىم. 

ئۈچىنچى: قىسقا مۇددەتلىك تەشۋىقات تۈسىدىكى قەدەملەردىن بەكرەك، مىللەتنىڭ مىللىي كىملىك ساقلاشنى مەركەز قىلغان ئۇزۇن مۇددەتلىك ئورتاق ئىستراتېگىيە ھەققىدە پىلان ۋە پروگرامما تۈزۈش زۆرۈر.

بۇنىڭ ئۈچۈن بىرلەشكەن، كەسپىي ۋە تەرتىپلىك قۇرۇلما كېرەك.

– دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ئوخشاش بىرلەشتۈرگۈچى ۋە چاقىرىق كۈچى بار تەشكىلاتلارنىڭ  ئاساسىنى، ساپاسىنى ۋە  كەسپچانلىقىنى كۈچەيتىش.

– تەربىيىە، تەتقىقات، دىپلوماتىيە ۋە مىللى خاسلىقىمىزنى قوغداشقا قارىتىلغان ئورگانلارنى بەرپا قەلىش.

– ياش رەھبەرلەرنى يېتىشتۈرۈش ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك مالىيە پىلانى تۈزۈش.

– ھۆكۈمەتلەر ۋە جامائەتچىلىك بىلەن سىستېمىلىق ھەمكارلىق ئورنىتىش.

قوشۇمچە تۈر سۈپىتىدە يەنە دىجىتال ئارخىپ تۇرغۇزۇلىشى كېرەك. ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، كەسىپلەشكەن دىجىتال ئارخىپ سىسىتېمىسى بەرپا قىلىش، دۇنياۋى ياشلار سۇپىسى، مەدەنىيەتنى جانلاندۇرۇش سەپەرۋەرلىكى، مۇستەققىل مېدىيا قوشۇنى يارىتىش لازىم. 

ئېرقى قېرغىنچى ئاستىدىكى بىر مىللەت ئۈچۈن ھاياتتا قېلىشنىڭ ئۆزى ئەڭ چوڭ قارشىلىقتۇر. دىئاسپورا ئۈچۈن ئەڭ چوڭ كۈچ بىرلىكتۇر. ۋەتەننى قۇتقۇزۇش ۋە مىللەت سۈپىتىدە ئورتاق گۈللىنىش غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىستراتېگىيە بىردىن-بىر يولدۇر. 

ئەجدادلىرىمىز كىملىكىمىزنى ئەسىرلەپ ساقلىدى، ئەمدى بۇ ۋەزىپە بىزنىڭ قولىمىزدا.

مەمەت توختى كانادادىكى «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى ھىمايە قىلىش قۇرۇلۇشى» نىڭ ئىجرائىيە دېرىكتورى، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشى، 10 مىڭ ئۇيغۇرنى كۆچۈرۈشى ۋە خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەشكە چاقىرىق قىلىش قاتارلىق ھەرىكەتلىرى سەۋەبىدىن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن جازا ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇر پائالىيەتچى.

ئەسكەرتىش: «ئۇيغۇر پوچتىسى» ئوخشىمىغان پىكىرلەرگە سەھنە بېرىش پىرىنسىپى بويىچە، تۈرلۈك تەشكىلات ۋە پىكىردىكى زاتلارغا ئورۇن بىرىدۇ.ئوبزورلاردا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىر ۋە كۆز-قاراشلار ئاپتورنىڭ مۇستەقىل پىكرى بولۇپ، «ئۇيغۇر پوچتىسى»نىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىشى ناتايىن.


Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe to get the latest posts sent to your email.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe now to keep reading and get access to the full archive.

Continue reading