زۇلھايات ئۆتكۈر

(تۇرپان ئاستانىدىن تېپىلغان ئاتلىق ئەسكەر ھەيكىلى)
خىتايدىكى «تىيانشان تورى» (ئىلگىرىكى «تەڭرىتاغ تورى») دەپ ئاتالغان ئورگان تور بېكىتىنىڭ 2025-يىل 7-نويابىر سەھىپىسىدە «ئىككى ماكاننىڭ مەدەنىيەت بېغى» ماۋزۇلۇق چوڭ تىپتىكى يۈرۈشلۈك پروگراممىنىڭ رەسمىي يولغا قويۇلغانلىقى خەۋەر قىلىنغان.
ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇ پىروگرامما ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، «شىنجاڭ گېزىتى» ۋە شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى قاتارلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يادرولۇق تەشۋىقات دائىرىلىرىنىڭ يېتەكچىلىكى ۋە باشقۇرۇشى ئاستىدا يولغا قويۇلغانىكەن.
بۇ پروگراممىنىڭ تۇنجى سانىدا، قەدىمكى تۇرپان ئاستانىدىن قېزىۋېلىنغان ئات مىنگەن ئايال ھەيكىلى بىلەن خىتاينىڭ قەدىمكى لوياڭ شەھىرى تەۋەسىدىن قېزىۋېلىنغان ھەيكەلنىڭ سۈرىتى كۆرگەزمە قىلىنىپ، ئىككى ھەيكەل، ئىككى ماكان ئوتتۇرىسىدىكى «مەدەنىيەت بېغى» ھەققىدە خىتاينىڭ سىياسىي تەشۋىقاتىغا يەل ئۇرۇپ بېرىدىغان مەزمۇنلار ئورۇن ئالغان. كۆزەتكۈچىلەر ئۈچۈن بۇ پىروگراممىنىڭ تەسىس قىلىنىشتىكى مۇددىئاسىنى پەرەز قىلىشمۇ ئۇنچە قىيىنغا توختىمايدۇ. شۈبھىسىزكى، مەزكۇر پىروگرامما ئۇيغۇرلارغا ئائىت مەدەنىيەت مىراسلىرى ياكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى خىتاينىڭ «شىنجاڭ ئەزەلدىن خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىدى» دەيدىغان ئويدۇرما نەزەرىيەسىگە سېلىپ تەشۋىقات قىلىشنى نىشان قىلغان.
ھەر ئىككىلا ھەيكەلدە ئات مىنىپ كېتىۋاتقان ئايالنىڭ ئوبرازى يارىتىلغان بولۇپ، قارىماققا ئىككى ئايالنىڭ بېشىدىكى شىلەپىسى، كىيىم-كېچىكى، پۇتىدىكى ئۆتۈكى، ياسىنىشى، ھەتتا چاچ پاسونىمۇ ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ھالبۇكى، خىتاي تەشۋىقات دائىرىلىرى ئىككى دانە ھەيكەلدىكى ئورتاق تەسۋىرىي ئېلېمېنتلارنى تۇتقۇ قىلىۋېلىپ، «تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە ئائىت بۇ ئىككى دانە مەدەنىيەت يادىكارلىقى بىزگە ئەينى دەۋردىكى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك خەلقى بىلەن غەربىي دىياردا ياشىغان خەلقنىڭ ئورتاق ياشاش ئۇسلۇبىغا ئىگە ئىكەنلىكىنىڭ يارقىن كارتىنىسىنى يارىتىپ بەرگەن »دەپ جار سالماقتا. ھەتتا بۇ ھەقتە، مۇخبىرلار ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېينىڭ تەتقىقاتچىسى ئادىل ئابلىزنى زىيارەت قىلىپ، بىر ئۇيغۇر زىيالىيسىنىڭ ئاغزىدىن تارىخىي يادىكارلىقلارنى خىتاي سەپسەتىسى رامكىسى بويىچە شەرھلەشكە ئۇرۇنغان. مۇزېي خىزمەتچىسى ئادىل ئابلىز سۆزىدە مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئىككى ھەيكەلدىكى ئوخشاشلىق تاڭ سۇلالىسى مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ غەربىي رايونلارنى ئۈنۈملۈك باشقۇرغانلىقى ۋە ئورتاق سىستېما قوللانغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، شۇنداقلا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتىنىڭ «بىرلىك» رامكىسى ئاستىدا غەربىي رايون مەدەنىيىتىگە تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنىڭ دەلىلىدۇر».

(خىتاي تەشۋىقاتىدىكى ئات مىنگەن ئايال ھەيكىلى، مەنبە: «تىيانشان تورى»)
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان پروگراممىنىڭ فوكۇس نۇقتىسى «غەربىي دىيار خەلقى ئات مەدەنىيىتىنى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىن ئۆگەنگەن» دەيدىغان كۆزقاراشنى بازارغا سېلىش ئەمەسلىكى بىزگە مەلۇم. شۇنداق بولغان ھالەتتىمۇ، خىتايلار بۇ جەھەتتە ئىلىم دۇنياسىدىكى پولاتتەك پاكىتلار ئالدىدا ھەتتا سۆز قىلىش سالاھىيىتىگىمۇ ئىگە ئەمەس. مەسىلەن، بوزقىرلاردىن تارقالغان ئات مەدەنىيىتىنىڭ قەدىمكى تۇرپان زېمىنىدىكى ئىزنالىرىدىن 2700 يىللىق تارىخقا ئىگە دۇنيا بويىچە ئەڭ قەدىمىي ئېگەر، دۇنيا بويىچە تارىخى ئەڭ ئۇزۇن ئىشتان دەپ باھالانغان 3300 يىللىق ئىشتان بۇنىڭغا ئەڭ كۈچلۈك ئىسپات بولالايدۇ. شۇنداقلا تۇرپاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ باشقا جايلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشلەر نەتىجىسىدە، ئات بىلەن بىرگە دەپنە قىلىش، ئات بېشى سۆڭىكىنى ئېسىپ قويۇش ئادىتى قاتارلىق مەدەنىيەت ھادىسىلىرى، قىيا تاش سىزمىلىرى، قوي تېرىسىدىن ياسالغان چەۋگەن توپ، قامچا، ئۆتۈككە ئوخشاش ئېتنولوگىيەلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە بۇيۇملار ۋە ئات مەدەنىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك سۆز بايلىقى قاتارلىقلاردىن مەلۇمكى، ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئېتنىك تەركىبلىرى ھېسابلانغان مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ ئاتلىقلار مەدەنىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان كۆپلىگەن ماددىي ۋە يازما پاكىتلار مەۋجۇت.
شۇڭا بۇ يەردە بىزنىڭ رەددىيە بېرىش نىشانىمىز قايسى مىللەتنىڭ ئات مەدەنىيىتىنى ئىختىرا قىلغانلىقى مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى خىتاي كۈچەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان«ئىككى ماكان» دا كۆرۈلگەن مەدەنىيەت ئىپادىلىرىنىڭ ئوخشاشلىقى ھادىسىسىنى ئىلمىي پاكىتلار بىلەن ئىزاھلاشتىن ئىبارەت.
يۇقىرىدا ئات مىنگەن ئايال ھەيكىلى ھەققىدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كۆزقاراشلىرىنى ئاڭلىدۇق. خوش، ئۇنداقتا ئىلگىرى ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرى ۋە چەت ئەللىك ئالىملارنىڭ بۇ ھەقتە قانداق مۇلاھىزىلەرنى ئېلىپ بارغانلىقىغا نەزەر سېلىپ باقايلى:
ئالدى بىلەن شۇ نۇقتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشىمىز كېرەككى، ئەينى ۋاقىتتىكى تۇرپان ئويمانلىقى تارىختىكى يىپەك يولىنىڭ شەرق بىلەن غەربنى تۇتاشتۇرىدىغان ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش تۈگۈنى بولغان. شۇڭا قەدىمكى تۇرپان دىيارىنىڭ كۆپ خىل مەدەنىيەت، كۆپ خىل دىن ۋە كۆپ خىل تىللار بىرلىكتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان زېمىن ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا بۇ رايوندىكى مەدەنىيەتنىڭ يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ سىرتتىن كەلگەن مەدەنىيەتنى ئۆزىگە ماسلاشتۇرۇپ قىسمەن قوبۇل قىلىشى ۋە ئۆز مەدەنىيىتىنى تارقىتىشى نەتىجىسىدە شەكىللەنگەن ئۆزگىچە مەدەنىيەت ئىكەنلىكىنى ئەستىن چىقارماسلىقىمىز لازىم.
ئۆز نۆۋىتىدە لوياڭ ۋە چاڭئەنگە ئوخشاش خىتاينىڭ تاڭ ۋە سۈي سۇلالىسى تەۋەسىدىكى جايلارنىڭمۇ خىتايلار غەربىي يۇرت دەپ ئاتىغان بۈگۈنكى شەرقىي تۈركىستان تۇپراقلىرىدىن تارقالغان مۇزىكا-ئۇسسۇل-تىياتىر سەنئىتى، رەسساملىق- ھەيكەلتاراشلىق ۋە ئات مەدەنىيىتىگە مۇجەسسەملەنگەن ھەربىي تاكتىكا قاتارلىق ھۈنەر-سەنئەت، تېخنىكىلارنى كۆپلەپ قوبۇل قىلغانلىقىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقىمىز كېرەك.
ئەمما ھېچ بىر زامان كۆپ خىل مەدەنىيەتلەر ئۆزئارا كېسىشكەن رايوندا مەدەنىيەت بىلەن ئىدېئولوگىيەنى مەجبۇرىي بىرلىككە كەلتۈرۈش مۇمكىن بولمىغان. سىرتتىن قوبۇل قىلغان مەدەنىيەت ئاساسىي ئېقىمغا ئايلىنالمىغان. شۇڭا خىتاي تەشۋىق قىلغىنىدەك لوياڭ شەھىرى بىلەن تۇرپان شەھىرى ئوتتۇرىسىدا ئەزەلدىن بىرلىككە كەلگەن ئورتاق مەدەنىيەت بولۇپ باقمىغان دەپ كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇ.
ئۇزۇن مۇددەت يىپەك يولىنىڭ تارىخ، مەدەنىيەت ۋە دىن ئەھۋالى توغرىسىدا تەتقىقاتتا بولغان گېرمانىيەلىك ئالىم كلېمكېيت مىلادىيە 7-ئەسىردىن 10-ئەسىرگىچە بولغان دەۋرلەردە تۇرپاندا ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەرنىڭ ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىش ئەھۋالى ھەققىدە مۇنداق مۇلاھىزە يۈرگۈزگەنىدى: «تۇرپان كۆپ تەرەپلىمە مەنىۋى مەزمۇن ۋە يېزىق شەكىللىرىنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، ھالبۇكى بۇلار كۆلەملەشمىگەن، تۈرك-ئۇيغۇرچە روھ يەنىلا يېتەكچى ئورۇندا تۇرغان».
شۇڭا بۇ نۇقتىدىن ئات مىنگەن ئايال ھەيكىلىگە تەدبىقلىغىنىمىزدا، ھەيكەلدىكى كىشىلەرنىڭ ئوبرازى ھەرگىزمۇ خىتاي ئېيتقىنىدەك تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى شەھەر ئاھالىسى بىلەن تۇرپان ئويمانلىقىدىكى كىشىلەرنىڭ «ئورتاق مەدەنىيەت بېغى» بولغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.
قەدىمكى قوچو ۋە ئىدىقۇت خانلىرىنىڭ قەبرىگاھلىرى جايلاشقان ئورۇن ھازىرقى تۇرپان ئاستانىدىكى يانقىر (ياڭخى) قەبرىستانلىقى بولۇپ، پەقەت ھەيكەللەرنىلا كۆزدە تۇتقاندا، بۇ جايدىن يىل دەۋرى 273-778-يىللىرىغىچە بولغان دەۋرگە ئائىت 400 گە يېقىن ھەيكەل قېزىۋېلىنغان.
1915-يىلى ئەنگلىيەلىك ئارخېئولوگ مارك ئاۋرېل ستەيىن (Aurel Stein) نىڭ ئېكسپېدىتسىيە ئەترىتى تۇرپان ئويمانلىقىدىن 180 ساندۇققا يېقىن مەدەنىيەت بۇيۇملىرىنى قېزىۋالغان ۋە بۇلارنىڭ بىر قىسمىنى بۈيۈك بىرىتانىيە مۇزىيېغا ئىئانە قىلغان. ھازىر لوندونغا جايلاشقان بۈيۈك بىرىتانىيە مۇزېيى سىتەيىن كوللېكسىيونىدا تۇرپاندىن ئېلىپ كېلىنگەن ئات مىنگەن ئايال، ئات مىنگەن ئەر كىشى، تۆگە، سېرىكچى، چەۋگەن توپ ئويناۋاتقان كىشى قاتارلىقلارنىڭ ئوبرازى يارىتىلغان ھەيكەللەر ساقلانماقتا. ئاۋرېل سىتەيىن ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ھاسىلاتلىرى ھەققىدە تەپسىلىي ئىلمىي دوكلاتلارنى قالدۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭ «ئات مىنگەن ئايال» ھەيكىلى توغرىسىدا «ئىچكى ئاسىيا» ۋە «سېرىدىيا» قاتارلىق كىتابلاردىكى چۈشەندۈرۈشلىرىنى تۆۋەندىكى قۇرلارغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ: «قەبرىلەردىن تاڭ سۇلالىسى ئۇسلۇبىدا ياسالغان بېشى كىچىكرەك، بوينى ئۇزۇن كەلگەن ئاتلارنىڭ ھەيكەللىرى ۋە ئۇنىڭغا ماس كەلگەن تاڭ ئۇسلۇبىدىكى ئۇچلۇق ئېگەرلەر تەسۋىرلەنگەن ھەيكەللەر بايقالدى. يەنە ئوخشاش بىر قەبرىدىن پامىر تاغلىرى ئېتىكىدە داڭ چىقارغان بەدەخشان ئاتلىرىغا ئوخشايدىغان ئات ھەيكەللىرىنىمۇ قېزىۋالدۇق. بۇ تۈردىكى ھەيكەللەردە گەۋدىلەنگەن ئات ئېگەرلىرى ناھايىتى كۆركەم بولۇپ، نەقىشلىرى ئەينەن تۈركىستاندىكى كىگىز سېلىنچىلارنىڭ نۇسخىلىرىغا ئوخشايتتى، ئاتنىڭ يايلىرىمۇ بەئەينى خوتەن دەندان ئۆيلۈك قەدىمىي خارابىسىدىن تېپىلغان ئات ھەيكەللىرىگە ئوخشايتتى. ئات مىنگەن كىشىلەر تېمىسىدىكى ھەيكەللەر تۈرلۈك بولۇپ، بىر قىسمى بېشىغا دۇبۇلغا، ئۇچىسىغا تار پۇشقاقلىق ئىشتان كىيگەن ئورا كۆزلۈك ئەر چەۋەنداز ھەيكىلى بولسا، يەنە بىر قىسمى مىڭ ئۆي غار رەسىملىرىدىكى ساخاۋەتچىلەرنىڭ ئوبرازىغا ئوخشايدىغان بۇددىستچە كىيىنگەن كىشىلەر، يەنە بەزىلىرى بولسا يۈزىگە خىتايچە سەنئەت ئۇسلۇبى بويىچە بوياق بېرىلگەن، بېشىغا ئۇچلۇق كەلگەن شىلەپە كىيىۋالغان ئات مىنگەن ئايال ھەيكەللىرى ئىدى.»
ئاۋرېل سىتەيىننىڭ ئىلمىي بايانى شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، ئوخشاش بىر جايدىكى قەبرىدىن ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەرگە ئائىت بۇيۇملار بايقىلىشى مۇمكىن، شۇنداقلا، پەرقلىق مەدەنىيەت بەلباغلىرىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان جايلاردىنمۇ، ئورتاق ئالاھىدىلىككە ئىگە مەدەنىيەت بۇيۇملىرىنىڭ كۆرۈلىشى تەبىئىي ئەھۋال.

(تۇرپان ئاستانىدىن قېزىۋېلىنغان ئات مىنگەن كىشىلەر ھەيكەللىرى، 1928-يىل)
دۇنياغا داڭلىق ئالىم ئاۋرېل سىتەيىن 1928-يىلى نەشر قىلىنغان«ئىچكى ئاسىيا» ناملىق ئارخېئولوگىيەلىك تەتقىقات نەتىجىسى مەزمۇن قىلىنغان كىتابىدا، تۇرپان ئاستانە قەبرىستانلىقى ھەققىدە يەنە شۇ قۇرلارنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتكەنىدى: «مەن مۇرتۇقتىكى ئىشىمنى چالا قويۇپلا، قاراغوجىغا كەلدىم. چۈنكى خىتاي ئاھالىسى بار جايلاردا خىزمەت قىلغان چېغىمدا، خىتاي دائىرىلىرى بەلكىم ئۈرۈمچىدە تۇرۇپ مېنىڭ بۇ جايدىكى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشۈمگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان تاكتىكىلارنى ئىشقا سېلىشى مۇمكىن.»
دەرۋەقە ئارىدىن بىر ئەسىر ئۆتكەندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى نۇرغۇن ئىقتىساد ۋە كۈچ سەرپ قىلىپ، بۇ جايدىن تېپىلغان تارىخىي يادىكارلىقلارنى خىتاي مەنبەلىك تارىخقا باغلاش ئۈچۈن تىنماي سەپسەتە ۋە تاكتىكىلارنى مەيدانغا چىقارماقتا. گوياكى ئاۋرېل سىتەيىن يۈز يىل بۇرۇنلا خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر زېمىنىدىن قېزىۋېلىنغان بۇيۇملارنى بىر كۈنى ئۆزىنىڭ تارىخنى بۇرمىلاش ھىيلىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرىدىغانلىقىنى ئالدىن پەرەز قىلىپ بولغانىدى.
ۋاھالەنكى، خىتاينىڭ دېپىغا ئۇسسۇل ئوينىمايدىغان، ئەمەلىي پاكىتلار ئاساسىدا مۇستەقىل ئىزدەنگەن تارىخچىلار تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا تۈركلەر ياشىغان زېمىنلارنى بىر تۇتاش باشقۇرغانلىقى كۆزقارىشىنىڭ پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغانلىقىنى، تارىخي پاكىتلارغا ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى ئىزچىل تەكىتلەپ كەلگەن. مەسىلەن، تۈرك ئاكادېمىك گۈلنار قارا تاڭ سۇلالىسىنىڭ تۈرك ۋە ئۇيغۇرلار ياشىغان يۇرتلارغا بىر تۇتاش ھۆكۈمرانلىق قىلمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە بۇ ھەقتە ناھايىتى قىممەتلىك كۆزقاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويغان: «خىتاي مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ يېزىلغان <يېڭى تاڭنامە> ۋە <كونا تاڭنامە> ناملىق ئىككى پارچە تارىخىي ئەسەردە، بىر-بىرىگە زىت پاكىتلار مەۋجۇت. <يېڭى تاڭنامە> دە، تاڭ سۇلالىسىغا بەيئەت قىلغان ئايماقلارنىڭ تاڭ ھۆكۈمىتىگە بەلگىلىك مىقداردا باج تۆلەيدىغانلىقى بايان قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ھېچقانداق خىتاي ۋەسىقىلىرى ياكى ھۆججەتلىرىدە ئەمەلىي تاپشۇرغان باجنىڭ مىقدارى توغرىسىدا ئۇچۇر يوق. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە تەسىس قىلىنغان تۇتۇقبەگ مەھكىمىسى ياكى ئايماقلارنىڭ بۈگۈنگىچە پەقەت ئىسمىنىلا ئاڭلاپ كەلدۇق، مەمۇرىي رايونلارنىڭ خىزمەتلىرى توغرىسىدا باشقا پاكىتلارنىڭ بولماسلىقى دىققىتىمىزنى تارتىدۇ.»
شۇنداق، تارىختا بىر قىسىم خىتايلارنىڭ تاڭ سۇلالىسى يىللىرىدا تۇرپان رايونىغا كېلىپ بىر مەزگىل تۇرغانلىقى مەلۇم. بۇلارنىڭ بىر قىسمى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى ئۇرۇشلاردىن ئۆزىنى دالدىغا ئېلىش ئۈچۈن كەلگەنلەر، يەنە بىر قىسمى شىجۇ ئايمىقى نامىدا تەسىس قىلىنغان قورۇقچى بەگ مەھكىمىلىرىنىڭ خادىملىرى، ئىلگىرىكى خەن سۇلالىسى دەۋرىدە يەر تېرىشقا كەلگەنلەرنىڭ ئەۋلادلىرى ۋە ياكى لوياڭ، چاڭئەنلەر بىلەن پوچتا ئالاقىلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلغۇچىلار دېگەندەك تۈرلۈك ۋەزىپىلەر بىلەن ۋاقىتلىق تۇرۇپ قالغانلار ئىدى. تارىخىي ماتېرىياللاردا تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بىر قىسىم ئاز ساندىكى خىتايلارنىڭ ئاستانە قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنغانلىقى خاتىرىلەنگەن. ئازغىنە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ بۇ جايغا دەپنە قىلىنىشى خىتاي تەشۋىقاتچىلىرىنىڭ داۋراڭ سالغىنىدەك تاڭ سۇلالىسى ھاكىمىيىتىنىڭ پۈتكۈل غەربىي دىيارنى بىر تۇتاش باشقۇرغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمەيدۇ. ئەكسىچە ئۇيغۇرلار بۇ دەۋردە ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى دەۋرلەردىمۇ سىياسىي جەھەتتە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ، مۇستەقىل خانلىقلارنى قۇرۇپ، تۇرپان بوستانلىقىدىن يىراقلارغىچە سوزۇلغان زېمىنلارنى گۈللەندۈرۈپ كەلگەن.
خۇلاسىلىگەندە، خىتاي ئۆز تەشۋىقاتىدا ئات مىنگەن ئايال ئوبرازىنى بازارغا سېلىش ئارقىلىق، تاڭ سۇلالىسى غەربىي دىيارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونلارنى بىر تۇتاش باشقۇرغانىدى، شۇڭا بۇ دەۋردە غەربىي دىياردىمۇ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە خاس بولغان ئورتاق دىن، تىل ۋە مەدەنىيەت يولغا قويۇلغان دەيدىغان سەپسەتىنى ئوچۇق-ئاشكارە كۆتۈرۈپ چىقماقتا. روشەنكى، خىتاينىڭ بۇ سەپسەتىنى يارىتىشتىكى مەقسىتى شى جېنپېڭ دەۋرىدە يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان «خىتايلاشتۇرۇش» سىياسىتىنى ئىجرا قىلىش ۋە شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرك كىملىكىنى ئاساس قىلغان تارىخىي يىلتىزىنى قومۇرۇپ تاشلاشتىن ئىبارەت. ھالبۇكى، پولاتتەك تارىخىي پاكىتلار ئالدىدا، خىتاينىڭ قىلالايدىغىنى ساختىلىق ۋە يالغانچىلىق ئىبارەت خالاس.
مەنبەلەر:
1.https://www.ts.cn/xwzx/whxw/202511/t20251106_31442756.shtml (تىيانشان تورى)
2.https://www.ts.cn/xwzx/whxw/202511/t20251110_31478591.shtml
3. خ.ج. كلېمكېيت. 2003. «قەدىمكى يىپەك يولى مەدەنىيىتى». شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى.
4. ئابلىز مۇھەممەت سايرامى. 2013. «قەدىمكى تۇرپان ۋادىسىنىڭ ھەيكەلتىراچلىق سەنئىتى ھەققىدە». تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقاتى ژۇرنىلى، 1-سان.
5. Stein, Aurel.1928. Inner Most Asia. Oxford:The Clarendon Press.
6. Kara, Gülnar. 2018. Tang Hanedanı’nın Türk Topraklarını Hâkimiyet Altına Alma Çabaları. Bilgi Dergisi.Sayı-84.
Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى
Subscribe to get the latest posts sent to your email.
