
ئۇيغۇر پوچتىسى 17-دېكابېر
ھەبىبۇللا ئىزچى
16-دىكابىر، لوندوندىكى يۇنۇس ئەمرە ئىنىستىتۇتىدا « قاماقتىكى روھلار: خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ شېئىرلىرى» ناملىق كىتاپنىڭ ئىمزالىق تارقىتىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.
ئەنگىلىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىسى ئەزىز ئىسا ئەلكۈن تۈزۈپ تەرجىمە قىلغان بۇتوپلامغا 2017-يىلىدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندا كەڭ-كۆلەملىك ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغاندىن باشلاپ تۇتقۇن قىلىنغان، تۈرمىگە قامىلىپ ئۈزۈن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلگەن ۋە مەجبۇرى غايىپ قىلىۋېتىلگەن گۈلنىسا ئىمىن گۈلخان، نۇرمۇھەممەت ياسىن ئۆركىشى، ئابلەت ئابدۇرېشىت بەرقى، پەرھات تۇرسۇن، ئابدۇرەھىم ئابدۇللا، ئابدۇقادېر جالالىدىن، ئادېل تۇنىياز، ۋاھىتجان ئوسمان ۋە باشقا 25 نەپەر ئۇيغۇر شائىرلارنىڭ تەرجىمىھالى ۋە شېئىرلىرى كىرگۈزۈلگەن.
بۇ ئىمزالىق كىتاب تارقىتىش مۇراسىمىدا شائىر ئەزىز ئىسا ئەلكۈن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن، خەلقئارا پەن تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ باشلىقى روس خولدەر، سۈرگۈندىكى يازغۇچىلار ۋە شائىرلار جەمىيىتىنىڭ قۇرغۇچى دېرىكتورى جېننېفېر لاڭەر، ئەنگلىيە كوندون ئۇنىۋېرىسىتېتى ئافرىقا ۋە شەرقشۇناسلىق ئىنىستىتۇتىنىڭ پرافېسسورى راچېل خاررىس قاتارلىقلار سۆز قىلدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن سۆزىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر مائارىپى ۋە ئۇيغۇر زىيالىلىرىغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش ۋە قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى ھەمدە ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇردى.
خەلقئارا پەن تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ باشلىقى روس خولدەر سۆزىدە: «بۇ شائىرلار ئۆزىنىڭ كىملىكىدىن پەخرلىنىش بىلەن بىرگە چوڭقۇر ئازاپ-ئوقۇبەتنى بايان قىلغان. مەسىلەن، گۈلنىسا ئىممىننىڭ شېئىرلىرىدا ئۆزىنىڭ بالىلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىش قورقۇنچلىرى ۋە كۈچلۈك قارشىلىق روھى ئىپادىلەنگەن. بۇ توپلامدىكى ئەسەرلەر ھەم تەسىرلىك، ھەم جىددىي بولۇپ، دۇنياغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكىنىڭ قەتئىيلىك بىلەن قوغدىلىشى كېرەكلىكىنى نامايەن قىلىدۇ» دېدى.
سۈرگۈندىكى يازغۇچىلار ۋە شائىرلار جەمىيىتىنىڭ قۇرغۇچى دېرىكتورى جېننېفېر لاڭەر سۆزىدە: «بۇ شائىرلارنىڭ ھەممىسى خىتاينىڭ كەڭ-كۆلەملىك جازا لاگېرلىرى ۋە تۈرمىلىرىدە غايىپ بولدى. ئۇلارنىڭ ئەھۋالى ۋە قەيەردىلىكى نامەلۇم. ئۇلارنىڭ شېئىرلىرىدا ئۈمىدسىزلىك، ئازاپ، سېغىنىش ۋە مۇھەببەت ئىپادىلەنگەن» دېدى.
پروففېسسور راچېل خاررىس خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ شېئىرلىرى ۋە مەدىنىيىتى ھەققىدە سۆز قىلىپ، ئۇنى قوغداش ۋە خەلقئاراغا تونۇشتۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختۇلۇپ ئۆتتى.
ئاۋسترىيە پەن تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى ھېرېت شېرودېر خانىم پەرھات تۇرسۇننى ئاۋسترىيە يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ پەخرىي رەئىسلىكىگە كۆرسەتكەن. ئۇ «قاماقتىكى روھلار»نى گېرمان تىلىغا تەرجىمە قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇر شائىرلىرىنى قاماققا ئېلىش، ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى باستۇرۇش ۋە ئەسەرلىرىنى چەكلەش ئۇيغۇر تىلىنى يوقۇتۇشتىن ئىبارەتتۇر دېگەنلەرنى تەكىتلىدى.
Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى
Subscribe to get the latest posts sent to your email.
