ئۇيغۇر پوچتىسى،
18-فېۋرال
ئىستانبۇل – خىتاينىڭ لاگىر سىستېمىسى ۋە ئۇيغۇرلارنى جاسۇسلۇققا مەجبۇرلاش قىلمىشلىرىنى ئاشكارىلىغان مۇھىم شاھىتلارنىڭ بىرى بولغان يۈسۈپجان ئەمەت، نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر سالامەتلىك ۋە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلىرى سەۋەبىدىن ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە مۇراجىئەتنامە ئېلان قىلدى.
يۈسۈپجان ئەمەت 2020-يىلى ئىستانبۇلدا قەستكە ئۇچراپ ئوق تېگىپ يارىلانغاندىن بۇيان، بەدىنىنىڭ ئاستىنقى قىسمى پالەچ ھالەتتە داۋالىنىۋاتقان بولۇپ،فىزىكىلىق ئەسلىگە كەلتۈرۈش داۋالاشلىرىنىڭ تەننەرخى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ئايلىق خىراجىتى 30 مىڭ تۈركىيە لىراسىدىن ئېشىپ كەتكەن. بۇ چىقىملارنى ئۆز ئالدىغا قامداشقا قادىر بولالمايۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇ مۇراجىئىتىدە تۆۋەندىكىلەرنى بىلدۈردى:
«ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئەزىز قېرىنداشلىرىم. مەن قېرىندىشىڭلار يۈسۈپجان ئەمەت بولىمەن. كەمىنە 2020-يىلى 11-ئايدىن باشلاپ دوختۇرخانىدا يېىتىپ داۋالىنۋاتىمەن.
بەدىنىمنىڭ( بوينۇمنىڭ) ئاستىنقى قىسمى پالەچ ھەم ئۇزۇن مۇددەت يېتىق ھالەتتە بولغاچقا دۈمبەمدە يېتىق يارىلىرى پەيدا بولۇپ، ھەر خىل داۋالىنىشلارغا دۇچ كېلىۋاتىمەن. ئاللاغا شۈكۈرلەر بولسۇن، ئەۋۋىلى ئاللانىڭ شىپاسى ئاندىن قالسا سىلەردەك قېرىنداشلىرىمنىڭ دۇئالىرىنىڭ بەرىكىتى بىلەن بۇ رامىزانغا سالامەت ئۇلاشتىم.
ئەزىز قېرىنداشلىرىم! كەمىنە ئۆزۈمنىڭ ھاجىتىدىن ھېلىھەم مۇستەقىل چىقالمايمەن. بەدەننى ئەسلىگە ئەكىلىش فىزىكىلىق داۋالىشى بولسا ئۆز خىراجىتىم بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان ھەمدە ئۇزۇن مەزگىللىك داۋالىنىش بولغاچقا بىر ئايدىلا خىراجەت 30 مىڭ تېلىدىن ئاشىدىغان بولغاچقا بۇ مۇراجەتنى سىلەرگە يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.»
ئۇيغۇر پوچتىسى دىن تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى بايقاڭ
يېڭى يازمىلاردىن ئېلخەت ئارقىلىق خەۋەردار بولۇش ئۈچۈن مۇشتەرى بولۇڭ
