يانۋار 28, 2026

بۇ سۈرەت TRT Haberتورىدىن ئېلىندى

ئۇيغۇر پوچتىسى، 24- يانۋار

زۇلھايات ئۆتكۈر

1909- يىلى قازاقىستاننىڭ سارايجىك شەھەر خارابىسىدا ئېلىپ بېرىلغان ئارخېئولوگىيەلىك قېدىرىپ تەكشۈرۈشتە،  يىل دەۋرى 13-14-ئەسىرلەرگە تەۋە ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان بىردانە ساپال كۈپ قېزىۋېلىنغانىدى. تەتقىقاتچىلار تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە بۇ ساپال كۈپكە 11- ئەسىردە ياشىغان بۈيۈك ئالىم يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئالەمشۇمۇل ئەسىرى «قۇتادغۇ بىلىگ» تىن ۋە تەسەۋۋۇپچى شائىر ئەھمەد يەسەۋىنىڭ ھېكمەتلىرىدىن ئۈزۈندىلەر ئويۇلغانلىقىنى  ئىسپاتلاپ چىققان.

تۈركىيە TRT Haber تورىنڭ 21- يانۋار خەۋىرىدە، ئەنقەرە ھاجى بايرام ۋەلى ئۇنىۋېرسىتېتىدىن دوتسېنت دوكتور مەسۇت قاراقۇلاق ( Mesut Karakulak) نىڭ مەزكۇر سارايجىك كۈپى توغرىسىدىكى كۆزقاراشلىرى بايان قىلىنغان. دوتسېنت دوكتور مەسۇت قاراقۇلاق بۇ ساپال كۈپنىڭ ئۆز نۆۋىتىدە بىزگە تۈرك مەدەنىيەت تارىخىنى يورۇتۇپ بەرگەنلىكى ھەمدە تۈرك تىلى ۋە سەنئىتى ئۈچۈن چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

بۈگۈنكى كۈندە قازاقىستاننىڭ غەربىدىكى ئاتىراۋ  (Atyrau) ۋىلايىتىگە جايلاشقان سارايجىك (Saraishyk ) بىر زامانلار تارىختىكى ئالتۇن ئوردا  دۆلىتى دەۋرىدە شانلىق ئىزلارنى قالدۇرغان شەھەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ، تۈرك دۇنياسىغا ئورتاق تارىخ ۋە مەدەنىيەتكە ساھىب بولغان ماكاندۇر. كاسپىي دېڭىزىنىڭ شەرقىي شىمال قىرغىقىغا، ئۇرال دەرياسىنىڭ قىرغىقىغا جايلاشقان سارايجىك ئوتتۇرا ئەسىردە شەرق بىلەن غەربنى تۇتاشتۇرىدىغان چوڭ سودا ۋە مەدەنىيەت يوللىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم مەركەزلىرىنىڭ بىرى ئىدى.

ئەينى ۋاقىتتا دەشتى قىپچاق دالالىرىنىڭ غەربىي چېتىگە جايلاشقان بۇ شەھەر پەقەت سىياسىي مەركەزلا بولۇپ قالماستىن، بەلكى ئىسلام دۇنياسى بىلەن تۈرك دۇنياسى ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە تورىنىڭ كېسىشكەن جايى ھېسابلىناتتى. شۇنداقلا شەرقىي ياۋروپا بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيانى ئۆزئارا باغلايدىغان ئىستراتېگىيەلىك رايون ئىدى.

سارايجىك كۈپىدىكى« قۇتادغۇ بىلىگ» ئىزلىرى

1909-يىلىدىكى قېزىشتا يەر ئاستىدىن قېزىۋېلىنغان 24 پارچە ساپال پارچىلىرىنى يەملەپ قۇراشتۇرۇش نەتىجىسىدە، بىر دانە سۇ قاچىلايدىغان ساپال كۈپنىڭ ئۈستىدە 11-ئەسىردىكى ئەدەبىي تىل قاراخانىيلار تۈركچىسى يەنى خاقانىيە تىلىدا يېزىلغان يازمىلار بارلىقى ئېنىقلانغان.

بۇ يازمىلارنى تۇنجى قېتىم 1910- يىلى تۈركولوگ ئا. سامويلوۋىچ ئوقۇغان ۋە ئېلان قىلغان. كېيىن، تۈركولوگ رېشىت رەھمەتى ئارات بۇ مىسرالارنىڭ «قۇتادغۇ بىلىگ» داستانىدىن ئېلىنغان بېيىتلار  ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرگەن. «قۇتادغۇ بىلىگ» نىڭ ۋېنا نۇسخىسىنىڭ 274- بېيىتىدا شۇنداق بايان قىلىنىدۇ:

«ئەقىل كۆركى تىلدۇر، بۇ تىل كۆركى سۆز،

كىشى كۆركى يۈزدۇر، بۇ يۈز كۆركى كۆز.»

كۈپتىكى يەنە بىر ھېكمەت

دوتسېنت دوكتور مەسۇت قاراقۇلاق كۈپ يۈزىدىكى يەنە بىر قۇر ئۈزۈندىنىڭ سوپىستىك خۇسۇسىيىتىگە ئاساسەن، تەسەۋۋۇپ شائىرى ئەھمەد يەسەۋىنىڭ ھۆكمەتلىرىدىن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ ھۆكمەت « بىلىم ۋە سەنئەت ئىنساننىڭ گۈزەللىكىدۇر. كىشىلەر  بىلىم ئېلىش ئۈچۈن ھەتتا ھاياتىنىمۇ پىدا قىلىدۇ» دېگەن مەزمۇندا ئىدى.

11-ئەسىردە قاراخانىيلار سۇلالىسى دەۋرىدە مەيدانغا  كەلگەن ئەدەبىي مىراسلارنىڭ نەچچە ئەسىردىن كېيىن نەچچە مىڭ كىلومېتىر ئۇزاقلىقتىكى ئالتۇن ئوردا زېمىنىدىكى سۇ كومزىكىگە ئويۇلۇشى ھەقىقەتەن بىزنى ھەيران قالدۇرىغان بىر ئىش. بۇ بىر دانە ئاددىي ساپال كۈپنىڭ تۈرك كۈلتۈر تارىخىنى يورۇتۇپ بېرىشى مەسىلىسىگە كەلسەك، تۈرك-ئىسلام دۇنياسىنىڭ كىلاسسىك نەمۇنىلىرىدىن  ئېلىنغان ئۈزۈندىلەرنىڭ ئوردا سارايلاردىلا ئەمەس، خەلقنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىدىن ئورۇن ئېلىشى ئەينى دەۋردىكى ئەدەبىي ئېقىم ۋە ئىدېئولوگىيەنىڭ خەلق ئارىسىدا كەڭ تارقالغانلىقىدەك ھەقىقەتنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ دەپ قاراشقا بولىدۇ.  

بۈگۈنكى كۈندە  ئۇيغۇر كىملىكى ۋە دۆلەتچىلىك ئىدىيەسىنىڭ نامايەندىلىرىدىن بولغان «قۇتادغۇ بىلىگ» ۋە ئۇيغۇرمەدەنىيىتىنىڭ جۇلالىق تاجلىرىدىن «دىۋانى ھېكمەت» قاتارلىق ئەسەرلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك چەكلەشلىرىگە ئۇچراپ قىممىتىنى يوقاتماقتا. بۇ خىل ۋەزىيەت ئاستىدا، مەزكۇر ئەسەرلەرنىڭ تارىختا بوزقىر مەدەنىيەت بەلباغلىرىغىچە سوزۇلغان رايونلاردا خەلق ئارىسىدا ئومۇملاشقانلىقىدىن خەۋەردار بولۇش بىزنىڭ پەخرلىنىش تۇيغۇمىزنى ئۇرغۇتىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئۆز مەدەنىيەت مىراسلىرىمىزنى قوغدىشىمىز ۋە چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىشتەك تەخىرسىز ۋەزىپىنىمۇ زېممىمىزگە يۈكلەيدۇ. 


Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe to get the latest posts sent to your email.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe now to keep reading and get access to the full archive.

Continue reading