دېكابىر 29, 2025

مەمەت ئىمىن

بىز ھەممىمىز نورمال ئىنسان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ھاياتىمىزدا يۈز بەرگەن ھەر خىل كۆڭۈلسىز ئىشلار ۋە پاجىئ‍ەلەر تۈپەيلىدىن قايغۇ ھېس قىلىمىز، كۆڭلىمىز يېرىم بولىدۇ. ئۇ بىزنىڭ تەسەللى ۋە ياردەمگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىمىزنى بىلدۈرىدۇ، شۇنداقلا بىزنىڭ يۈزلەنگەن قىيىن ئەھۋالنى بىر تەرەپ قىلىشىمىزغا ۋە باشقىلار بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ. 

گەرچە ھېس تۇيغۇسى بار ھەرقانداق بىر نورمال ئىنساننىڭ كۆڭلى يېرىم بولىدىغان، قايغۇرىدىغان، چۈشكۈنلىشىدىغان ۋاقتى بولسىمۇ، ئەمما ئوخشىمىغان كىشىلەرنىڭ ئوخشاش ۋەقەلەرگە بولغان قايغۇرۇش ياكى كۆڭلى يېرىم بولۇش دەرىجىسى پەرقلىق بولىدۇ. بەزى كىشىلەر چىداملىق بولسا، بەزى كىشىلەر ھىسسىياتچان بولىدۇ؛ بەزىلىرى ھىسسىياتىنى يوشۇرالايدىغان بولسا، بەزىلەر ئاسان ئىپادىلەيدىغان بولىدۇ. 

ئوخشىمىغان كىشىلەرنىڭ كۆڭلى يېرىم بولۇشى ياكى قايغۇرۇشىغا سەۋەب بولغان ئامىللار پەرقلىق بولسىمۇ، ئەمما ئۇ سەۋەبلەرنى تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە تەرەپكە يىغىنچاقلاش مۇمكىن:

  1. ئائىلىدە، ئۇرۇق تۇققانلار ۋە يىقىن دوستلار ئارىسىدا ئۆلۈم-يېتىم بولۇش، ياكى ئۇلاردىن ۋە يۇرتتىن ئايرىلىش؛ 
  2. ھاياتتا يۈز بەرگەن مەغلۇبىيەتلەر ۋە ياكى ئۈمىد قىلغان نەرسىلەرگە ئېرىشەلمەسلىك، ئوقۇش ۋە خىزمەتتە نەتىجە قازىنالماسلىق، تىجارەتتە پۇل تاپالماسلىق ياكى رىقابەتچىسىگە يىڭىلىپ قىلىش؛
  3. ھاياتتا ئۈمىد قىلغان ھەممە نەرسىلەرگە ئاسانلا ئېرىشىش، لېكىن قوغلىشىدىغانغا ئەھمىيەتلىك بىر نەرسە تاپالماسلىق؛  
  4. يوقسۇزلۇق ۋە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق، تۇرمۇش، خىزمەت ياكى ئۈگۈنىش بېسىملىرى؛
  5. ئىجتىمائىي ئالاقە ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى ئوڭۇشسىزلىقلار ۋە كۆڭۈلسىزلىكلەر؛
  6. ھەر خىل جسمانىي كېسەللىكلەر؛
  7. قالقانسىمان بەزنىڭ ئىقتىدارى  تۆۋەن بولۇش؛
  8. ھورمۇنلارنىڭ قالايمىقان بولۇشى ۋە ھورمۇن تەڭپۇڭلىقىنىڭ بۇزۇلىشى؛ 
  9. خاراكتېرىدىكى بىنورماللىق، يەنى داۋاملىق پۇشايمان قىلىش، ئۆزىنى ئەيىپلەش ۋە ئۆزىنى تەنقىد قىلىش؛
  10. چۈشكۈنلىشىش كېسىلى، خامۇشلۇق كېسىلى قاتارلىق روھىي كېسەللەر؛
  11. پەسىل خاراكتېرلىك ھېس-تۇيغۇ قالايمىقانچىلىقى؛
  12. بەزى دورىلارنىڭ ئەكىس تەسىرى. 

كۆڭۈل يېرىم بولۇش ياكى قايغۇرۇش ئۇزۇن مۇددەت داۋام قىلغاندا، روھىي ۋە جىسمانىي ساغلاملىققا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىپ، كۆپلىگەن يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇ يەنە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشقا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىشى، بەزى ئېغىر ئەھۋاللاردا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خەۋپىنى ئاشۇرىۋېتىشى مۇمكىن:

  1. ئۇزۇن مۇددەتلىك غەم-قايغۇ ۋە كۆڭۈلسىزلىك يۈرەك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماي، ئۇنىڭ ساقىيىشىنىمۇ قىيىنلاشتۇرىدۇ.
  1. ئۇزۇن مۇددەتلىك كۆڭۈل يېرىم بولۇش، قايغۇرۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك روھىي بېسىم بەدەننىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرىۋېتىدۇ.
  1. ئۇزۇن مۇددەتلىك كۆڭلى يېرىم بولغان، قايغۇرغان كىشىلەر ھەر خىل دورىلارنى يىيىش ياكى ھاراق ئىچىش ئارقىلىق ئۆزىنى راھەتلەندۈرۈشكە ئۇرۇنۇشى مۇمكىن. بۇ يالغۇز ئۇ نەرسىلەرگە خۇمار بولۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماي، بەلكى كۆپلىگەن باشقا ساغلاملىق مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
  1. ئۇزۇن مۇددەتلىك كۆڭۈل يېرىم بولۇش ۋە قايغۇرۇش ئۇيقۇ قالايمىقانچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، يەنى بەزى كىشىلەردە ئۇيقۇسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارسا، بەزى كىشىلەردە كۆپ ئۇخلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
  1. ئۇزۇن مۇددەتلىك كۆڭۈل يېرىم بولۇش ۋە قايغۇرۇش ئىشتىھا قالايمىقانچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بەزى كىشىلەرنىڭ ئىشتىھاسىنىڭ تۇتۇلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارسا، يەنە بەزى كىشىلەرنىڭ كۆپ تاماق يىيىشىگە سەۋەب بولۇپ، سەمىرىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
  1. ئۇزۇن مۇددەتلىك كۆڭۈل يېرىم بولۇش ۋە قايغۇرۇش باشقىلار بىلەن بولغان ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتكە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىپ، چەتكە قېقىلىش ۋە يالغۇزلۇنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
  1. ئۇزۇن مۇددەتلىك كۆڭۈل يېرىم بولۇش ۋە قايغۇرۇش ئىنسانلارنىڭ دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈش، ئەستە ساقلاش ۋە قارار چىقىرىش ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرۇشى مۇمكىن.
  1. ئۇزۇن مۇددەت غەم-قايغۇغا پاتقان كىشىلەر ئىلگىرى ياقتۇرغان پائالىيەتلىرىگە بولغان قىزىقىشىنى يوقىتىپ، بەدىنىدە ھالسىزلىق ھېس قىلىشى مۇمكىن؛ بۇ ئەھۋال ئۇلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش، ئۆگىنىش ۋە خىزمىتىنى قىيىنلاشتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن.
  1. كۆڭۈل يېرىم بولۇش ۋە قايغۇرۇشتىن ۋاقتىدا غالىپ كەلمەي، بۇ ھالەت ئۇزۇن مۇددەت داۋام قىلغاندا، ئېغىر دەرىجىدە چۈشكۈنلىششنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى، ئاخىرىدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ئويىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

قانداق قىلىپ كۆڭلى يېرىم بولۇش ۋە ياكى قايغۇرۇشتىن غالىپ كەلگىلى ياكى كۆتۈرەڭگۇ روھىي ھالەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ؟ 

  1. كۆڭۈل يېرىم بولغاندىكى ھېس-تۇيغىنى يوشۇرماي، ئۇنىڭغا يۈزلىنىىش ۋە ئۇنى ئېتىراپ قىلىش. كۆڭۈل يېرىم بولۇش، راھەتسىزلىنىش، ئازاپلىنىش، قايغۇرۇش قاتارلىق ھېس-تۇيغۇلارنىڭ نورمال ئىنساندا بولىدىغان ھېس-تۇيغۇلار ئىكەنلىكىنى تونۇپ يىتىش، ئۇلارنى ئىنكار قىلماسلىق ۋە ياكى ئۇلارنى زورلاپ ئىچىگە يۇتماسلىق كىرەك. 
  2. چوڭقۇر نەپەس ئېلىش. چوڭقۇر نەپەسلىنىش، ئادەمنىڭ جىددىلىشىشىنى تۆۋەنلىتىپ، تەمكىن ۋە ساغلام تەپەككۇر قىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ. 
  3. تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللۇنۇش ۋە بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ئاكتىپ قاتنىشىش. جىسمانىي ھەرىكەت بېسىمنى تۆۋەنلىتىپ، كەيپىياتنى ياخشىلايدۇ، ھەر خىل تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللۇنىشنى ئىزچىل داۋام قىلىش، ئىنسانلارنىڭ روھىنى كۆتۈرۈشكە ئالاھىدە پايدىلىق.
  4. زېھىن مەشىقى قىلىش. زېھىننى ئىشقا سېلىش، چوڭقۇر ئويلىنىش ۋە تەپەككۇر قىلىش ئادەمنىڭ خاتىرجەم ۋە سەگەك روھىي ھالەتكە ئىگە بولۇشىغا ياردەم بېرىدۇ 
  5. دۇنيا قارىشىنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈش ۋە يېڭىلاش. نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرگە تېخىمۇ ئاكتىپ مۇئامىلىدە بولۇش ھەمدە شۇنىڭغا ماس ھالدا ئۆزىنى تەڭشەش. 
  6. مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش. شۇ ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشنىڭ تەجرىبە-ساۋاقلىرىنى يەكۈنلەپ، ئۇنىڭ سەۋەبىنى باشقىلاردىن ئىزدەشنىڭ ئورنىغا، ئۆزىدىن كېتىپ قالغان تەرەپلىرىگە قاراپ چىقىش ئارقىلىق، قانداق قىلغاندا ئۇ خىل ئەھۋالدىن ساقلانغىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئويلاش.
  7. ئىجادىي پائالىيەتلەرنى سىناپ بېقىش. يېزىقچىلىق، رەسىم سىزىش، ئۇسۇل ئويناش، مۇزىكا ۋە ناخشا ئىجات قىلىش قاتارلىق ئىجادىي پائالىيەتلەر ئىنسانلارنىڭ جىددىيلىكىنى پەسەيتىشكە، كۆڭۈلسىز ئىشلارنى ئۇنتۇشىغا ياردەم بېرىدۇ. 
  8. كۆڭلى يېرىم بولۇشقا سەۋەب بولغان موھىت ياكى ئىشلاردىن يىراقلاش.  ساياھەت قىلىش، تەبىئىي مەنزىرلەرنى ئايلىنىش ۋە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىش.
  9. ئۇرۇق-تۇققان ۋە يېقىن دوستلارنى زىيارەت قىلىش، ئۇلار بىلەن سىردىشىش، ئىچىنى تۆكۈش، ئىچىنى بوشىتىش.

10.يېتەرلىك ئۇخلاش ۋە ئارام ئېلىش. يىتەرلىك ئۇخلاش ئىنسانلارنىڭ ئېنىرگىيەسىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ياردەم بىرىدۇ.

ئاپتور تېببىي پەنلەر دوكتورى مەمەت ئېمىن كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى تېببىي مەركىزىدە خىزمەت قىلىدۇ.ئۇ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ساغلاملىق مەسىلىلىرىنى تەتقىق قىلىش بىلەن بىرگە، «ساغلام بولۇڭ» YouTube قانىلى ئارقىلىق خەلققە ساغلاملىق بىلىملىرىنى يەتكۈزۈپ كەلمەكتە.


Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe to get the latest posts sent to your email.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe now to keep reading and get access to the full archive.

Continue reading