نويابىر 21, 2025
كانادا پارلامېنتىدا يېڭى كەلگەن ئۇيغۇرلارنى كۈتۈۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

ئۇيغۇر پوچتىسى، 20-نويابىر

كانادا دۇنيادا ئۇيغۇر كۆچمەنلىرىنى يەرلەشتۈرۈشنى قانۇنغا ئايلاندۇرغان تۇنجى دۆلەت بولۇپ، كانادا پارلامېنتىنىڭ تۆۋەن پالاتاسى 2023-يىل 1-فېۋرال، 10 مىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمان مۇساپىرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىدىغان M62 تەكلىپىنى بىر ئاۋازدىن ماقۇللىغان.

بۈگۈن كانادا پارلامېنتىدا M62 قارارى بويىچە كاناداغا يېتىپ كەلگەن يېڭى بىر تۈركۈم ئۇيغۇر كۆچمەنلەرنى كۈتۈۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشىدىن پاناھلىق تىلەپ كەلگەن بۇ ئۇيغۇرلارغا قۇچاق ئاچىدىغانلىقىنى نامايان قىلغان.

كانادادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى، ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشى تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى مەمەت توختىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇدا بىلدۈرۈشىچە، مۇراسىمغا تۆت چوڭ سىياسىي پارتىيەدىن 42 پارلامېنت ئەزاسى، پارتىيە رەھبەرلىرى، كانادا باش مىنىستىرى ئىشخانىسىنىڭ ئىككى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى (باش سېكرېتار ۋە ئىشخانا مۇدىرى)، ھازىرقى ھۆكۈمەتتىن ئالتە نەپەر فېدېرال كابىنېت مىنىستىرى، تۆت نەپەر سابىق مىنىستىر، شۇنداقلا تاشقى ئىشلار ۋە كۆچمەنلەر مىنىستىرلىقىنىڭ مۇھىم ئەمەلدارلىرى قاتناشقان بولۇپ، ئوتتاۋا، تورونتو، مونترېئالدىن كەلگەن ئۇيغۇر قېرىنداشلار ئاكتىپ ئىشتىراك قىلغان.

كانادا پارلامېنتى لېبرال پارتىيە ئەزاسى، M62 قانۇن لايىھەسىنى سۇنغان سەمىر زۇبەيىر يىغىندا سۆز قىلىپ، مەزكۇر مۇساپىر ئۇيغۇرلارنى كاناداغا يۆتكەشتە ئاكتىپ ئاۋاز قوشقان مىنىستىرلىكلەر ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا رەھمەت ئېيتقان.

مەمەت توختى مۇنداق دېگەن: «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشى تەشكىلاتىنىڭ كانادادىكى كۈچلۈك تەسىرى يەنە بىر قېتىم نامايان بولدى.»

سۆھبەتتە يەنە كانادادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يېڭى كەلگەن ئۇيغۇرلارغا مېھماندوستلۇق ۋە قېرىنداشلىق مېھرىنى يەتكۈزگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.


Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe to get the latest posts sent to your email.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe now to keep reading and get access to the full archive.

Continue reading