ئۇيغۇر پوچتىسى، 11-فېۋرال
ۋاشىنگتون – ئامېرىكا ئاسىيا تەتقىقات جەمئىيىتى (AAS) 2026-يىللىق تەرجىمە ۋە ئەدەبىيات مۇكاپاتلىرىنىڭ نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى. بروۋىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، تارىخچى ۋە تەرجىمان جوشۇا فرىيمېن (Joshua Freeman)، داڭلىق ئۇيغۇر شائىرى تاھىر ھامۇت ئىزگىلنىڭ «كېچىدە تۇتقۇن قىلىنىشنى كۈتۈش» (Waiting to Be Arrested at Night) ناملىق ئەسىرىنى ئۇيغۇر تىلىدىن ئىنگلىز تىلىغا يۇقىرى سۈپەتتە تەرجىمە قىلغانلىقى ئۈچۈن، نۇپۇزلۇق «پەترىك د. ھەنىن تەرجىمە مۇكاپاتى»غا (Patrick D. Hanan Prize for Translation) لايىق كۆرۈلدى.
مۇكاپات ھەققىدە
ئامېرىكا ئاسىيا تەتقىقات جەمئىيىتى (AAS) تەرىپىدىن تارقىتىلىدىغان پەترىك د. ھەنىن تەرجىمە مۇكاپاتى (Patrick D. Hanan Prize for Translation) ئىككى يىلدا بىر قېتىم بېرىلىدىغان بولۇپ، خىتاي تىلى ياكى ئىچكى ئاسىيا تىللىرىدىن ئىنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان ئەڭ مۇھىم ئەسەرلەرگە بېرىلىدۇ. بۇ قېتىمقى مۇكاپات ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ خەلقئارالىق تەسىرىنى ئاشۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى 2026-يىلى 13-مارت كانادانىڭ ۋانكۇۋېر شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان AAS يىللىق يىغىنى جەريانىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ.
تاھىر ھامۇت ئىزگىلنىڭ تەبرىكى
ئەسەرنىڭ ئاپتورى تاھىر ھامۇت ئىزگىل ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تەبرىك سۆزى ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى:
«جوشۇا فرىيمېننىڭ بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن! ئۇنىڭ بۇ كىتابنى تەرجىمە قىلىشقا سىڭدۈرگەن ئەجرى ۋە ياراتقان تەرجىمە سۈپىتى بۇ مۇكاپاتقا تامامەن لايىق.»
مەزكۇر ئەسەرنىڭ ئىنگلىزچە نۇسخىسى ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان، خەلقئارا ئەدەبىيات ساھەسىدە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغاپ كەلمەكتە. دۇنيادىكى نۇپۇزلۇق تاراتقۇلار ۋە ئەدەبىيات تەنقىدچىلىرى ئەسەرنىڭ قىممىتىگە يۇقىرى باھا بېرىش بىلەن بىرگە، جوشۇا فرىيمېننىڭ تەرجىمە ماھارىتىگە ئالاھىدە ئاپىرىن ئوقۇماقتا. جوشۇا فرىيمېننىڭ تەرجىمىسى تېكىستنىڭ ئەسلى جەۋھىرىنى ۋە ئۇيغۇر تىلىدىكى نازۇك تۇيغۇلارنى ئىنگلىز تىلىدا تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلىگەنلىكى بىلەن يۇقىرى ئالقىشقا ئېرىشتى. تەنقىدچىلەر ئۇنىڭ تەرجىمىسىنى «راۋان، تەسىرلىك ۋە ئەسلى نۇسخىنىڭ روھىغا سادىق» دەپ باھالىغان بولۇپ، بۇ خىل سۈپەت مەزكۇر ئەسەرنىڭ غەرب دۇنياسىدا كەڭ تارقىلىشىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرىگە ئايلاندى.
ئۇيغۇر پوچتىسى دىن تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى بايقاڭ
يېڭى يازمىلاردىن ئېلخەت ئارقىلىق خەۋەردار بولۇش ئۈچۈن مۇشتەرى بولۇڭ
