
ئۇيغۇر پوچتىسى، 18-دىكابىر
كۆكبىكە
2025-يىلى17-دىكابىر، ساباھاتتىن زائىم ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن فارابى تەلىم-تەربىيە، مەدەنىيەت، تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ تەشكىللىشى ۋە بىرقانچە ئورگاننىڭ ھەمكارلىشىشىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىنغا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇر، تۈرك ۋە ئەرەپ زىيالىيلىرى ۋە مېھمانلار قاتناشتى.
مەزكۇر يىغىن «مۇھەممەت ئەمىن بۇغرانىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كۈرەشلىرى»، «مۇھەممەت ئەمىن بۇغرانىڭ مۇھاجىرەتتىكى كۈرەشلىرى»، «مۇھەممەت ئەمىن بۇغرانىڭ پىكرىياتى»، «مۇھەممەت ئەمىن بۇغرانىڭ ئىزلىرى ۋە مەنىۋى مىراسى» قاتارلىق تۆت بۆلۈمدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ئۇيغۇرچە، تۈركچە، ئەرەپچە ۋە ئىنگىلىزچە ئىلمىي ماقالىلەر ئوقۇلدى.
بۇ قېتىمقى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا نەبىجان تۇرسۇن، ئەسئەت سۇلايمان، ھاجى قۇتلۇق قادىرى، ئابدۇرېھىم دۆلەت، ئابدۈشكۈر قۇمتۇر قاتارلىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرىمۇ قاتنىشىپ يىغىننىڭ ھەر قايسى بۆلەكلىرىدە ئىلمىي دوكلاتلىرىنى سۇندى.
يىغىن ئىشتىراكچىلىرىغا ئۇيغۇر پولوسى، ساڭزا ۋە ئۇيغۇر پۇشۇرۇقلىرى ئىكرام قىلىنىدى. ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيەت بۇيۇملىرى ئۈچۈن ئايرىم ئۈستەل تەييارلىنىپ باشقا مىللەتتىن بولغان قاتناشقۇچىلار ئۇيغۇرلارنىڭ تائام ۋە مىللىي مەدەنىيتى بىلەنمۇ يېقىندىن تونۇشۇش ئىمكانىيتىگە ئىگە بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يىغىن ئىشتىراكچىلىرى چاي ۋە تائام ۋاقتىدا تەتقىقاتچى ئۇستازلار بىلەن تونۇشۇش ۋە سۇئال سوراش پۇرسىتىگە ئېرىشتى.

دوكتۇر ئەسەت سۇلايمان لېكسىيە سۆزلىمەكتە.
يىغىن دەم ئېلىش ئەسناسىدا تارىخ پەنلىرى دوكتۇرى نەبىجان تۇرسۇن «ئۇيغۇر پوچتىسى» مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئەھمىيتى ھەققىدىكى مۇنداق دېدى:
«مۇھەممەت ئەمىن بۇغرا يالغۇز سىياسىي داۋا، جامائەت، دۆلەت ۋە مەدەنىيەت ئەربابى بولۇپلا قالماستىن بەلكى نوپۇزلۇق ھەم كۈچلۈك تارىخچىدۇر. بۇ يىغىننىڭ ئەھمىيتىنى ئۈچ نۇقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ:
بىرىنچى، بۇ يىغىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تارىخىدا ئۆتكەن، شۇنىڭدەك ھازىرمۇ ئۆزىنىڭ مىللىي تەقدىرى، مىللىي كىملىكى ۋە باشقا مەسلىلىرى ھەققىدە ئىزدىنىۋاتقان، جاپا چېكىۋاتقان شەخسلەر، نامايەندىلەر ۋە باشقىلارنى ھۆرمەتلەش، قەدىرلەش ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيتىگە، كىملىكىگە، تەرەققىياتىغا، كېلەچىكىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش، توغرا باھا بېرىش ۋە قوللاش، ئۆتۈپ كەتكەنلەرنىڭ روھىدىن ئۆگىنىش، ئەۋلادلارغا ئىجابىي ئۈلگە تىكلەپ بېرىش جەھەتلەردە ناھايىتى مۇھىم دەپ قارايمەن.
ئىككىنچىدىن، مۇھەممەت ئەمىن بۇغراغا ئوخشاش تارىختا ئۆتكەن، 1965-يىلغىچە ياشىغان، ئۇيغۇرلارنىڭ 20- ئەسىرنىڭ بىرىنجى ۋە ئىككىنجى يېرىمىدىكى مىللىي سىياسىي كۈرەشلىرىدە مۇھىم رولغان، يېتەكچى ئورۇننى ئالغان شەخسنىڭ ھاياتى، پىكىرلىرى، دۇنيا قارىشى، سىياسىي مەيدانى شۇ ۋاقىتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي قاتلىمى، مەۋجۇت ئېقىملار، سىياسىي كۆز قاراشلىرى ۋە ئىنتىلىشلىرىنى چۈشىنىشتە، يېڭى ئەۋلادلارغا بۇلارنى چۈشەندۈرۈشتە ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
ئۈچىنچى، مۇھەممەت ئەمىن بۇغرانىڭ <شەرقىي تۈركىستان تارىخى> ناملىق ئەسىرىنىڭ، نۇتۇقلىرىنىڭ، ئەسلىمىلىرىنىڭ ۋە ماقالىلىرىنىڭ تۈرك تىلى ۋە باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىنىشى ئۇ ھەققىدىكى چۈشەنچىلەرنىڭ خەلقئارادا چوڭقۇرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىغا ئىگە. شۇنداقلا، بۈگۈنكى دەۋردە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىزدىنىۋاتقان دۇنيادىكى مۇتەخەسىسلەرگە ئۇ ياشىغان ۋە ھەرىكەت قىلغان دەۋرلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاڭ تەپەككۇرىنى ۋە قانداق بىر ھالەتتە ئىكەنلىكىنى تونۇشتۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.»

يىغىنغا قاتناشقان تەتقىقاتچىلار
مەزكۇر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا مۇھەممەت ئەمىن بۇغرانىڭ ئىلمىي ھاياتىدىن باشقا يەنە سىياسىي ھاياتى، ئىدىيەسى، پەلسەپىۋى، سىياسىي، مىللىي، دۆلەتچىلىك ھەققىدىكى ئومومىي كۆز قاراشلىرى، ئۇنىڭ تەسىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلدىكى دەۋا پائالىيەتلىرى، مىللىي كىملىكىنى كۈچەيتىش، راۋاجلاندۇرۇش، تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق مەسلىلەرگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ۋە رولىدىن ئىبارەت كۆپ مەسلىلەر بويىچە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلدى.
Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى
Subscribe to get the latest posts sent to your email.
