istanbul-uyghur-uch-ependi
ئۇيغۇر پوچتىسى، 16-دېكابىر
ئامىنە سەدەف
14- دېكابىر ئىستانبولنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونىغا جايلاشقان چىرپىجى باغچىسى ئاممىۋى پائالىيەت زالىدا ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ۋاپاتىنىڭ 30- يىلى ۋە ئۇيغۇر ھازىرقى زامان تارىخىدا «ئۈچ ئەپەندى» دەپ ئاتالغان ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن، مەسئۇت سابىرى بايقۇزى ۋە مۇھەممەت ئەمىن بۇغرا نى ئەسلەش ۋە تۇنۇتۇش پائالىيتى ئۆتكۈزۈلدى.
ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ۋەخپى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپى، تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ۋەخپى، ھۇماي ئانا تۈرك دۇنياسى ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق 11 تەشكىلاتنىڭ ھەمكارلىقىدا ئېلىپ بېرىلغان مەزكۇر پائالىيەتكە كۆپ ساندا تەتقىقاتچىلار، زىيالىيلار، ھەر قايسى ئاممىۋى تەشكىلات ۋەكىللىرى، ئاق پارتىيە، ئىيى پارتىيە، جۇمھۇرىيەت خەلىق پارتىيىسى ۋە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىنىڭ ۋەكىللىرى، شۇنداقلا زەيتىنبۇرنۇ رايونىنىڭ ھاكىمى قاتارلىقلار قاتناشتى.

پائالىيەت ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ۋەخپىنىڭ باشلىقى جاھىت داك ئەپەندىنىڭ ئېچىلىش نۇتىقى بىلەن باشلاندى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىي مۇئاۋىن رەئىسى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى ئابدۇرەشىت ئابدۇلھەمىت ئەپەندى، زەيىتىنبۇرنۇ رايونىنىڭ ھاكىمى، دوكتور ئادەم ئۇسلۇ قاتارلىقلار تەبرىك سۆزى قىلدى ۋە بۇ پائالىيەتنىڭ ئەھمىيتى ھەققىدە توختالدى.
ھاكىم ئادەم ئۇسلۇ ئەپەندى سۆزىدە مۇنداق دېدى: «بىز ھېلىلا ئاڭلىغان ۋە ئازراقلا دىققەت قىلساق چۈشۈنەلەيدىغان <شەرقىي تۈركىستان ئىستىقلال مارشى> <قۇرتۇلۇش يولىدا سۇدەك ئاقتى بىزنىڭ قېنىمىز> دەپ باشلىنىپ، <ياشىسۇن، مىڭ ياشىسۇن، گۈزەل ئىستىقبالىمىز> دەپ ئاخىرلاشتى. بىز بۇ مىسرالاردىن ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنگىچە ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرەشلىرىنىڭ يالغۇز ئەركىنلىك ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئۆزىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن قىلىنىۋاتقان مەۋجۇتلۇق كۈرىشى ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز.»
ئارقىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى سابىق رەئىسى دولقۇن ئەيسا، ئۇيغۇر ھەرىكىتى قۇرغۇچىسى رۇشەن ئابباس قاتارلىقلارنىڭ تەبرىك سىنلىرى قويۇپ ئۆتۈلدى.
ئېچىلىش ۋە تەبرىك سۆزلىرىدىن كېيىن ھۇماي ئانا تۈرك دۇنياسى ئاياللىرى بىرلىكىنىڭ قۇرغۇچىسى، پىروفېسور دوكتور مۇئەللا ئۇيدۇيۈجەل خانىم يېتەكچىلىكىدە «ئۈچ ئەپەندىنىڭ ھاياتى ۋە ئۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا ئوينىغان رولى» ھەققىدە مۇنازىرە يىغىن بۆلىكى باشلاندى. يىغىننىڭ بۇ قىسمىدا پروفېسسور دوكتور ئۆمەرقۇل ئەپەندى «بىر دۆلەت ئەربابى بولۇش سۈپىتى بىلەن مەسئۇت سابىرى بايقۇزىنىڭ ھاياتى ۋە پائالىيەتلىرى»، دوكتور ئابدۇللا ئوغۇز «شائىر، يازغۇچى، تارىخچى، ئوقۇتقۇچى ۋە مۇدەررىس مۇھەممەت ئەمىن بۇغرانىڭ ھاياتى ۋە ئەسەرلىرى»، پىروفېسور دوكتور ئورھان كاۋۇنجۇ «بىر رەھبەر سۈپىتىدىكى ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ كۈرەش ھاياتى» دېگەن تېمىلاردا توختىلىپ، كۆز قاراشلىرىنى ئىلمىي پاكىتلار بىلەن تەپسىلىي ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.
Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى
Subscribe to get the latest posts sent to your email.
