چۈشتىن كىيىن
1.نەق مەيداندىكى خەۋەر ئاگېنتلىقلىرى، مۇخبىرلار ۋە يەرلىك خەلقنىڭ يەتكۈزۈشىچە، ئاخىرقى بىر نەچچە مىنۇت ئىچىدە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پايتەختى رىياد، قاتارنىڭ پايتەختى دوھا ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئەبۇزەبى شەھەرلىرىدە يېڭى پارتلاش ئاۋازلىرى ئاڭلانغان. سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلان قىلغان باياناتىدا: «سەئۇدى ئەرەبىستان، ئامېرىكا-ئىسرائىلىيە ھاۋا ھۇجۇملىرىغا قارىتا ئىراننىڭ قايتۇرما زەربىسى نەتىجىسىدە زىيانغا ئۇچرىغان بۇ قېرىنداش دۆلەتلەر بىلەن تولۇق ھەمدەمدە ۋە ئۇلارنى قوللايدۇ» دېدى.
- ئىراق ئىراننىڭ ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى ۋە ھاۋا بوشلۇقىنىڭ ئىشلىتىلمەسلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.
ئىراق باش مىنىستىرىنىڭ ھەربىي باياناتچىسى ساباھ ئەل نۇمان، ئىراقنىڭ جەنۇبىدا ئىككى كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى مەلۇم بولغاندىن كېيىن، بايانات ئىلان قېلىپ، ئىراقنىڭ «ئىسلام جۇمھۇرىيىتىگە قارىتىلغان ھۇجۇمنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى» ۋە ئىراق ئۇل مۇئەسسەلىرىنى نىشانلىغان «بۇ ئوچۇق-ئاشكارە ھۇجۇمنىڭ ئاقىۋەتلىرى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەنلىكىنى» ئېيتتى. - ئىران خەۋەر ئاگېنتلىقى ئىران رەسمىي ئاگېنتلىقى (IRNA) نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، جەنۇبتىكى مىناب شەھىرىدىكى بىر قىزلار مەكتىپىگە(ئىسلام ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمىغا باغلىق بىر شىپاخانىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىن 300 مېتىر يىراقلىقتا) قىلىنغان ئىسرائىلىيە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىدا،يەرلىك ۋاقىت سائەت 17:00 گىچە ئۆلگەنلەر سانى 85 گە، يارىلانغانلار سانى 92 گە يەتكەن. ئاگېنتلىق يەنە نۇرغۇن ئوقۇغۇچىنىڭ خارابىلىك ئاستىدا قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئىران خەلقىگە باشقۇرىلىدىغان بومبىدىن مۇداپىيەلىنىش ھەققىدە ھىچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەن، ئالدىن سىگنال سىستىمىسى كارغا كەلمەس ھالدا بولۇپ، ئىسرائىلىيەنىڭ ئەكسىچە ئىراندا باشقۇرىلىدىغان بومبىدىن مۇداپىيەلىنىش مەركەزلىرى قۇرۇلمىغان.
- قىزىل ئاي جەمئىيىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىراننىڭ تەخمىنەن 20 ۋىلايىتى «ھۇجۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان».
دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىران قىزىل ئاي جەمئىيىتىنىڭ باياناتچىسى مۇجتابا خالىدى ئىراننىڭ 31 ئۆلكىسىدىن 20 دىن ئارتۇقىنىڭ ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
5.دۇنيادىن ئىنكاسلار
بېرلىن، پارىژ ۋە لوندون ئىراننىڭ ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى ھەمدە تېھراننى « ئەتراپىدىكى 3-دۆلەتلەرگە ئېلىپ بېرىلىدىغان ھەربىي ھۇجۇملاردىن ساقلىنىش»قا چاقىردى.
ھىندىستان، باش مىنىستىر نارېندرا مودى ئىسرائىلىيەدىن قايتىپ كەلگەننىڭ ئەتىسىلا، «جىددىي ۋەزىيەتنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە پۇقرالارنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش» ئۈچۈن «بارلىق تەرەپلەرنى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا» ۋە دىئالوگنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشقا چاقىردى.
خىتاي دەرھال ئوق چىقىرىشنى توختىتىشقا چاقىرىق قىلىپ، جىددىيچىلىكنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىشىدىن ئاگاھلاندۇردى. ھەمدە ئوتتۇرا شەرقتە تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنىڭ قوغدىلىشىنى تەلەپ قىلدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يەنە ئىراننىڭ مىللىي مۇستەقىللىقى، بىخەتەرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى.
تۈركىيە «بارلىق تەرەپلەرنى دەرھال ئۆچمەنلىككە خاتىمە بېرىشكە» چاقىردى. تۈركىيە دىپلوماتلىرى ئېلان قىلغان بىر باياناتىدا، ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قارىتىلغان ھۇجۇملىرى بىلەن باشلانغان زەنجىرسىمان زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ «رايونىمىزنىڭ كەلگۈسىنى ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك مۇقىملىقنى خەتەرگە ئىتتىرىشى مۇمكىنلىكىنى» تىلغا ئالدى.
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي، شەنبە كۈنى ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قاراتقان ھاۋا ھۇجۇملىرى باشلانغاندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ «قەتئىي ئىرادىسى»گە ئاپىرىن ئوقۇدى ۋە بۇ ھۇجۇملارنىڭ ئىران خەلقىگە «تېررورچى بىر ھاكىمىيەتتىن قۇتۇلۇش» ئۈچۈن بىر «پۇرسەت» بەرگەنلىكىنى ئېيتتى. زېلېنسكىي سىنلىق ئۇچۇرىدا: «ئامېرىكىنىڭ قەتئىي بولۇشى مۇھىم. ئامېرىكا ھەر قېتىم قەتئىي ئىرادىسىنى كۆرسەتكەندە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى جىنايەتچىلەر ئاجىزلىشىدۇ» دېدى.
سەئۇدى ئەرەبىستان ئىراننىڭ ئۆز زېمىنىغا قاراتقان ھۇجۇملىرىغا قارىتا ئۆچ ئېلىش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالغانلىقىنى جاكارلىدى.
ئامېرىكا ھەربىي بازىلىرىغا ساھىبخانلىق قىلىۋاتقان سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان باياناتىدا، «رىياد ۋە شەرقىي ۋىلايەت رايونلىرىغا قارىتىلغان ۋە سەئۇدىي ئەرەبىستان تەرىپىدىن توسۇپ قېلىنغان ئىران ھۇجۇملىرىنى ئەڭ كۈچلۈك شەكىلدە ئەيىبلەيدىغانلىقىنى» بىلدۈردى.
باياناتتا يەنە: «خانىدانلىقىمىز ئۆز بىخەتەرلىكىنى قوغداش، زېمىنىنى، پۇقرالىرىنى ۋە ئاھالىلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان بارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىدۇ، شۇنداقلا بۇ قوغدىنىش ھۇجۇمغا قايتۇرما زەربە بېرىش تاللىشىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ» دىيىلدى.
- ئىراننىڭ پارىس قولتى دۆلەتلىرىگە قارىتىلغان ھۇجۇملىرى داۋاملاشماقتا
كۇۋەيت خەلقئارا ئايرودرومىغا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان (دەرون) ھۇجۇمى ئىلىپ بېرىلدى
پۇقراۋى ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كۇۋەيت خەلقئارا ئايرودرومىغا بىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان (UAV) ھۇجۇم قىلغان. ئىدارە ئېلان قىلغان باياناتىدا: «بىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان كۇۋەيت خەلقئارا ئايرودرومىنى نىشان قىلىپ، بىر قانچە خىزمەتچىنىڭ يېنىك يارىلىنىشىنى ۋە يولۇچىلار تېرمىنالىدا چەكلىك ماددىي زىيان كۆرۈلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى» دېدى.
فرانسىيە ئاگېنتلىقى (AFP) مۇخبىرلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىراننىڭ قولتۇق رايونىدىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىلىرىنى نىشان قىلىشى بىلەن بىر ۋاقىتتا، دوھانىڭ مەركىزىدە يەنە شىددەتلىك پارتلاش ئاۋازلىرى ئاڭلانغان.
بىر AFP مۇخبىرى دوھا قىرغاق لىنىيەسى ئۈستىدە ئىران باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنىڭ بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى تەرىپىدىن توسۇپ قېلىنغانلىقىغا شاھىت بولغان. قاتار رايوندىكى ئەڭ چوڭ ئامېرىكا ھەربىي بازىسى بولغان ئەل-ئۇدەيد ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا ساھىبخانلىق قىلماقتا.
پارتلاش ئاۋازىنى ئاڭلىغان ۋە قويۇق تۇمان كۆرگەن ئىككى گۇۋاھچى، فرانسىيە ئاگېنتلىقى (AFP) غا بەرگەن باياناتىدا، دۇبەينىڭ سىمۋوللۇق سۈنئىي ئارىلى پالم جۇمەيرادا جايلاشقان بىر مېھمانخانىدىن قويۇق قارا تۈتۈنلەرنىڭ كۆتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرگەنلىكىنى ۋە جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىللىرىنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا قاراپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئىيوردانىيە ئارمىيەسى، بۈگۈن ئەتىگەندىن باشلاپ 13 باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ئىتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئىيىتتى.
ھەربىي باياناتقا قارىغاندا، «قوراللىق كۈچىلەر ئىيوردانىيە زېمىنىنى نىشان قىلغان 49 ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ۋە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن يۈزلەشتى». باياناتتا، ئامېرىكا بازىلىرى جايلاشقان رايوندا 13 باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا توسۇپ قېلىنغانلىقى ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنىڭ چۈشۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
- تېھران، ئىسرائىلىيە ۋە ئامېرىكىنىڭ ھۇجۇملىرىدىن كېيىن خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى «دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈش»كە چاقىردى.
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابباس ئاراغچى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) غا يازغان مەكتۇبىدا، ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ «قانۇنسىز قىلمىشلىرىنىڭ ئاقىۋىتىگە ئىگە بولىدىغانلىقىنى» بىلدۈرۈپ، ئىراننىڭ «قانۇنىي ھالدا ئۆزىنى قوغداش» مەقسىتىدە ھەرىكەت قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتتىن «بۇ تاجاۋۇزچىلىق قىلمىشىنى ئەيىبلەشنى» تەلەپ قىلدى.
ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ۋېتو ھوقۇقىغا ئىگە بولغان ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى، شەنبە كۈنى سائەت ياۋرۇپا ۋاقتى 21:00 دە «ئوتتۇرا شەرقنىڭ ۋەزىيىتى»نى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن جەم بولىدۇ.
8.ياۋرۇپا پايتەخىتلىرىدە ۋە گۈرجىستاندا ئىرانلىق نامايىشچىلار توپلىنىپ، ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتىگە قارىتىلغان ھۇجۇملارنى تەبرىكلەشتى.
- ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى، ئىراننىڭ ھەربىي ئۇنسۇرلىرىغا قاراتقان «يېڭى ھۇجۇم»نى باشلىغانلىقىنى جاكارلىدى.
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى، ئېلان قىلغان ئاخبارات باياناتىدا، ئىراننىڭ مەركىزىدىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىش سۇپىلىرى ۋە ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى نىشان ئالغانلىقى ئېيتىلدى. - جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى لىندسېي گراخام، ياۋروپا دۆلەتلىرىنى ئىران ھاكىمىيىتى ئالدىدا «كىشىنى چۆچۈتكىدەك دەرىجىدە ئاجىز» قالغانلىق بىلەن ئەيىبلىدى.
دونالد ترامپنىڭ يېقىن ئىتتىپاقدىشى، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى لىندسېي گراخام، «ئەپسانىۋى غەزەپ» دەپ ئاتالغان ئىتتىپاقداش ئامېرىكا ئوپېراتسىيەسىگە فىرانسىيە، گېرمانىيە ۋە ئەنگلىيەنىڭ بەرگەن ئىنكاسلىرىدىن ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى. X سۇپىسىدا ئېلان قىلغان بىر يازمىسىدا، ياۋروپا دېموكراتىك دۆلەتلىرىنى «ۋەقەلەر ئۇلارنىڭ قىرغاقلىرىدىن يىراقلاشقانسېرى، ئۇلارنىڭ ئادالەتكە بولغان قىزغىنلىقىنى ۋە توغرا بىلەن خاتانى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى قارغۇلاشتى» دەپ ئەيىبلىدى. - ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى، ئىرانغا قاراتقان «چوڭ كۆلەملىك» ھۇجۇمدا 200 ئەتراپىدا جەڭچى ئايروپىلاننىڭ ئىشلىتىلگەنلىكىنى ئىلان قىلدى.
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئاخبارات باياناتىدا، 200 ئەتراپىدا جەڭچى ئايروپىلاننىڭ «ئىسرائىلىيە ھاۋا ئارمىيەسى تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ ھەربىي ئۇچۇش سەپرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى» بىلدۈردى.
ئارمىيە، دۆلەتنىڭ غەربىي ۋە مەركىزىي قىسىملىرىدا جايلاشقان ئىران باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە مۇداپىئە سىستېمىلىرىغا قارشى «كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم» ئېلىپ بارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. باياناتتا: «ئىراندىكى ھەر خىل نۇقتىلاردا جايلاشقان ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىش سۇپىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 500 ئەتراپىدىكى نىشاننى بومبىلىدۇق» دېيىلگەن بولۇپ، نۆۋەتتە ھەربىي ھەرىكەت داۋام داۋاملاشماقتا.
تەييارلىغۇچى: ئېھسان
ئۇيغۇر پوچتىسى دىن تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى بايقاڭ
يېڭى يازمىلاردىن ئېلخەت ئارقىلىق خەۋەردار بولۇش ئۈچۈن مۇشتەرى بولۇڭ
