نويابىر 21, 2025
izchi-journalist

ھەبىبۇللا ئىزچى، 1974-يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۇچار ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. ئاخباراتچى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى. ئۇ 1992-يىلى ئوتتۇرا مەكتەپ دەۋرىدە تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاۋازى بولغان «تاڭ نۇرى» گېزىتىنى چىقىرىشقا قاتناشقان. 1995-يىللىرى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتىدە «تەڭرىتاغ»،«سادا» ۋە «ئازاتلىق مەشئىلى» گېزىتىنى چىقىرىشقا قاتناشقان . ھەبىبۇللا ئىزچى ئۇيغۇر تارىخىدىكى پېشقەدەم ئاخباراتچى نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندىنىڭ بىر قوللۇق تەربىيەلىشى ۋە يېتەكلىشى بىلەن ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ۋەقەلەرنى تەكشۈرۈپ چىقىپ خاتىرىلەشكە قاتناشقان.
2006-يىلىدىن 2009-يىلىغىچە، خىتاينىڭ جېجىياڭ ئۇنىۋېرسىتىتى چاي تەتقىقات ئىنىستىتۇتىدا چايچىلىق كەسپىدە ئوقۇغان. 2012- يىلىدىن باشلاپ خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە ئالداپ ئېلىپ قېچىلغان ئۆسمۈرلەرنى قۇتقۇزۇشقا قاتنىشىپ ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللاپ، 2015-يىلىنىڭ ئاخىرىدا «قېرىنداشلار ساخاۋەت فوندى»نى قۇرۇشقا قاتناشقان ھەيئەت ئەزالاردىن بىرى.
2016 -يىلى مۇھاجىرەتكە چىققاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىدا، 2022-يىلىدىن باشلاپ ئەركىن ئاسىيا راديوسىدا ياۋروپا مۇخبىرى بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇنىڭ شىۋىتسارىيەدە چىقىدىغان «تىبەتكە نەزەر» ناملىق گېرمان تىلىدىكى ژورنالدا ئۇيغۇرلار ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزگەن قىرغىنچىلىق سىياسيىتى ھەققىدە ئوننەچە ماقالىسى ئېلان قىلىنغان. 2024- 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنى ھۆججەتلەشتۈرگەن «كۆك تاشلىق ئارخىپ-5ئىيۇل قىرغىنچىلىقى» دېگەن كىتاۋى نەشىر قىلىنغان ۋە ھازىر ئېنگلىز، گېرمان، تۈرك تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنماقتا. نۆۋەتتە ئۇنىڭ «كۆك تاشلىق ئارخىپ-2» كىتاۋى نەشرگە تەييارلانماقتا .


Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe to get the latest posts sent to your email.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe now to keep reading and get access to the full archive.

Continue reading