يانۋار 9, 2026

ئۇيغۇر پوچتىسى، 8- يانۋار

گۈلنار ئىمام

يەنە بىر يېڭى يىلنى كۈتىۋالدۇق. 2017– يىلى باھار ئايرىلىرىدا باشلانغان چوڭ تۇتقۇندىن باشلاپ ھېسابلىغاندا، مۇھاجىرەتتىكى نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرنىڭ ۋەتەن ۋە ئائىلىسى بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈك ياشاۋاتقىنىغا توققۇز يىل بولدى. كىشىنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا 10 يىل بولاي دېگەن بۇ كۈنلەردە، تېخىمۇ كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار ۋەتەنگە ئەركىن بېرىپ – كېلىشنى تاللىماقتا، تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇرلار ئۇلارنى توغرا چۈشىنىپ، ھېچنېمە بولمىغاندەك ئارىلىشىپ يۈرمەكتە. ئۆتكەن يازدىن باشلانغان بۇ ۋەتەن سەپىرىنى «بارسا ئۆزىنىڭ ۋەتىنىگە ئاتا- ئانىسىنى كۆرگىلى باردى» دېگەندەك ئىنسانىي ئىھتىياجلارنى پەش قىلىپ تۇرۇپ، «باتۇر، قورقماس بولغاچقا بارالىدى»، «ئاخبارات ئېلىپ كەلگىلى باردى» دېگەندەك سەۋەبلەر بىلەن ئاقلىغانلارنى كۆرگەنىدۇق. ئەمدى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيەدىكى ئەلچىخانىسى ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم بىرلىكسەپ بۆلۈمى بىلەن بىرلىكتە بەزى ئۇيغۇرلاردىن «ۋەتەننى زىيارەت قىلىش» ئۆمىكى تەشكىللەپتۇ. ئەمدى بۇنى قانداق ئاقلايدىغانلار چىقاركىن؟ بۇ ۋەتەن يولىنى ئېچىۋېتىشنىڭ ماھىيىتىنى ۋە مەقسىتىنى ئەمەلىيەتتە ھەممىمىز بىلىمىز. بۇ ھەقتە ھەتتا بۇ ئېچىۋېتىشنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان رەزىل سىياسىي مەقسەتلەرنى ئېنىق دەلىللەپ بەرگەن، رەت قىلغىلى بولمايدىغان پاكىتلار بىلەن لىق تولغان ھۆججەتلىك فىلىممۇ ئىشلەندى.

مېنىڭچە، بۇ قېتىمقى ۋەتەن زىيارىتى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ئەڭ ئېچىنىشلىق ئەخلاقىي سىناقلىرىنىڭ بىرى بولدى. ئون يىلدىن بېرى داۋاملىشىۋاتقان قىرغىنچىلىق، مىليونلىغان ئىنساننىڭ لاگىر ۋە تۈرمىلەرگە قامىلىپ، ئەركىنلىكىدىن مەھرۇن قىلىنىشى، جازا ۋە قىيناقتا خاراب بولغان جانلار، خورلانغان ئاياللار، ۋەيران قىلىنغان سان – ساناقسىز ئائىلىلەر، دەپسەندە بولغان ئىززەت ۋە نۇمۇس، دىنىي ئېتىقادنىڭ ۋە ئانا تىل مائارىپىنىڭ پۈتۈنلەي چەكلىنىپ، بىر پۈتۈن ئەۋلادنىڭ خىتايلاشتۇرۇلۇشى… مانا مۇشۇنداق يازساق تۈگىمەيدىغان بىر قاتار جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەن خىتاي ھۆكۈمىتى جىنايىتىنى يوشۇرۇش مەقسىتىدە ئوتتۇرىغا چىقارغان «ئۇيغۇرلار ئەركىن، تىنچ، بەختىيار ياشاۋاتىدۇ» تىياتىرىغا ئۇيغۇرلارنى تەكلىپ قىلغىنىدا، باش تارتماي ئاۋاز قوشقان ئۇيغۇرلارنى نېمە دېگۈلۈك؟

بۇ ساياھەت، ۋەتەن زىيارىتى، ئائىلىسى بىلەن جەم بولۇش ئەمەس، بەلكى جانلىرى بىلەن بەدەل تۆلەۋاتقانلارنىڭ ئاھىنى، نەچچە يىللاردىن بېرى داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئىنكار قىلىشتۇر. ۋەتەنگە بېرىپ- كەلگەنلەر «بۇ مېنىڭ ئىنسانىي ھەققىم» دەپ دەۋا قىلغىنى بىلەن، بۇ ھەق مىللىي دەۋا ۋە مىليونلىغان ئادەمنىڭ قېنى بەدىلىگە كەلمەسلىكى كېرەك. ۋەتەنگە بېرىش ئارقىلىق خىتاي دېگەن زالىمغا «سېنىڭ جىنايەتلىرىڭ بىز ئۈچۈن مۇھىم ئەمەس» دېگەن سىگنالنى بېرىش، بىر مىللەتنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئادا قىلىشقا تېگىشلىك ئەخلاقىي مەجبۇرىيەتنى ئۇنتۇغانلىق بولىدۇ. بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بۇ قېتىم ئەسلىدە ۋەتەنگە بارالايدىغاندەك، شۇ خىتاينىڭ چەكلىمىسى سەۋەبلىكلا بۇ يىللاردا ۋەتەنگە بارالمىغاندەك قىلىپ كېتىشتى. ئەمەلىيەتتە، سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن بىرىنىڭ كەلگەن دۆلىتىدە ھاكىمىيەت ئالمىشىپ، بىخەتەرلىك كاپالەتكە ئىگە بولمىغۇچە ۋەتىنىگە بارسا بولمايدىغانلىقى ھەممىگە ئايان بىر ئىش. سىياسىي پاناھلىق ئارقا كۆرۈنىشى بولغانلىقى سەۋەبىدىن ۋەتەنگە ئەسلىدىنلا بارالمايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ قېتىمقىدەك خىتاي يارىتىپ بەرگەن مۇمكىنچىلىكنى پۇرسەت بىلىپ، ۋەتەنگە بېرىپ- كېلىۋېلىشى كىشىنى ھەيرانۇھەس قالدۇرىدۇ. ئەجىبا بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەنگە بىر بېرىپ- كېلىۋېلىشى، ئائىلىسى بىلەن بىر جەم بولۇۋېلىشى ئۈچۈن خىتاي قىزىل تونىنى سالماي كىيىپ، خەلقىمىزنى بۇ قېتىمقىدەك يىللارچە قىرغىن قىلىپ بېرىشى، ئاندىن بۇ جىنايىتىنى ئىنكار قىلىدىغان مۇشۇنداق پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بېرىشى كېرەكمۇ؟ بۇنداق بىر پۇرسەتتىن پايدىلىنىش — ئۆز خەلقىگە قىلىنغان تولىمۇ ئېغىر خىيانەت، كەچۈرگۈسىز جىنايەت ئەمەسمۇ؟

يوللار ئېچىلىپ، ئۇزاق ئۆتمەي، بۇ خىيانەتنىڭ ئاقىۋەتلىرىنى ئېنىق كۆرۈۋاتىمىز. مىللىي بىرلىك پارچىلانماقتا. ھەر ۋاقىت زېھنىمىزنى خوراتقان چېچىلاڭغۇلۇق يەتمىگەندەك، خىتاي بۇ قېتىم چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئىشەنچسىزلىك پەيدا قىلدى. كىم «سېتىلدى؟»، كىم «سادىق قالدى؟» دەپ ئويلاشلار بىزنى چارچاتماقتا، بىر – بىرىمىزدىن ئۈمىدسىزلەندۈرمەكتە. ئىچىمىزدىن پارچىلاپ، سېسىتماقتا.

بىزگە قوينىنى ئاچقان دۆلەتلەر «ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى بېرىپ- كېلىپ يۈرگەن يەردە، ئۇلارغا سىياسىي پاناھلىق بېرىش راستتىنلا زۆرۈرمۇ؟» دېگەن ناھايىتى رېئال بىر سۇئالنى قويۇشى، بىزنىڭ سەمىمىيىتىمىزدىن گۇمانلىنىشى مۇمكىن. مانا بۇ يېڭىدىن سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلتىماسىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنماي، بېسىپ قويۇلىۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبى بولۇشى ئېھتىمال. «ھاياتىم خەتەردە» دەپ پاناھلىق ئالغان ئۇيغۇرلارنىڭ زالىمنىڭ تەكلىپى بىلەن ئىشغال ئاستىدىكى ۋەتەنگە ساق- سالامەت بېرىپ – كېلىشى، پۈتۈن ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ سىياسىي ئىناۋىتىنى يوقاتماقتا.

ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمغا شۇنى ئېيتقۇم بار: خىتاي بىزنىڭ ئائىلە سېغىنىشىمىزدىن بىر ئاجىزلىق سۈپىتىدە پايدىلىنىپ، بىزنى ۋەتەنگە بىر بېرىۋېلىشقا قىزىقتۇرىدۇ. خىتاي بىزگە بىر قېتىملىق سەپەر پۇرسىتى بېرىدۇ، ئەمما بىزدىن غۇرۇرىمىزنى، ۋىجدانىمىزنى ۋە ئىززىتى دەسسەپ چەيلەنگەن، جانلىرى خاراب قىلىنغان خەلقىمىزنىڭ ھەققىنى تارتىۋالىدۇ. بۈگۈن خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئىشىكىدە ۋىزا سوراپ ئۆچىرەتتە تۇرۇش — ئاشۇ سان – ساناقسىز لاگىر، تۈرمىلەردە يېتىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ نالە – پەريادلىرىغا قۇلاق سالمىغانلىق، خىتاينىڭ جىنايىتىنى ئاقلىغانلىق.

«مەن بىر ئادەمنىڭ قولىدىن نېمە كېلەتتى؟ جاھاننىڭ تىنچ ۋاقتىدا ۋەتەنگە بىر بېرىۋالاي» دەپ ئويلاش — بىر نادانلىق ۋە ئەقىلسىزلىق. دۇنيادا بىزنى ھەيران قالدۇرىدىغان چوڭ ئىشلار يۈز بېرىۋاتقان، چوڭ كۈچلەرنىڭ يېڭى سىياسەتلىرى بىزنى ھاڭ – تاڭ قالدۇرىۋاتقان، نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلار «ئەمدى دۇنيا بىزگە ياردەم قىلمايدۇ» دەپ ئۈمىدسىزلىنىۋاتقان بۇ كۈنلەردە، بىز دەل ئەخلاقىي پىرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىدىغان ئەقىل ۋە ۋىجدان بىلەن، ۋەتەننى «ئۆزۈم ۋە ئائىلەم» دەپلا چۈشىنىشتىن ۋاز كېچىپ، ئاۋازلىرى بوغۇلغان خەلقىمىزنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ پىكىر قىلىدىغان بولغاندا، ئاندىن بىرلىكىمىز بىلەن كۈچىمىز ۋە ئۈمىدىمىزنى يوقاتماي، ئۇيغۇر دېگەن بۇ توپنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ساقلاپ قالالايمىز. بىلسەك، بۇ ئۆزىمىز ۋە ئەۋلادلىرىمىز ئۈچۈن تولىمۇ زۆرۈر ۋە تەخىرسىزدۇر.

ئاپتور نورۋىگىيەدە ياشايدىغان ئۇيغۇر ئانا.


Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe to get the latest posts sent to your email.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe now to keep reading and get access to the full archive.

Continue reading