(گوللاندىيەدىكى ياش ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئەخمەدجان قاسىم بىلەن ئىلىپ بېرىلغان بۇ زىيارەت ماقالىسى «ۋولكسكرانت» Volkskrant گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ ماقالىنى «ئۇيغۇر پوچتىسى» مەزكۇر گېزىتنىڭ رۇخستى بىلەن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلدى)
بىرىنجى ئەۋلاد كۆچمەن: شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن ئەخمەدجان قاسىم
«مەن مىننەتدار، ئەمما يەنىلا كەمسىتىشكە ئۇچراپ تۇرىمەن»
29 ياشلىق ئۇيغۇر ئەخمەدجان قاسىم گوللاندىيەدىكى ھاياتىدا ناھايىتى تېزلا ئۆز يولىنى تاپقاندەك قىلاتتى. ئۇ تىلنى راۋان سۆزلەيدۇ ھەمدە ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە خەلق پارتىيەسى (VVD) نىڭ پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتناشقان. «لېكىن بەزىدە ئويلاپ قالىمەن: شۇنچە چوڭقۇر سىڭىشىپ كېتىشنىڭ ماڭا نېمە پايدىسى بولدى؟ مەن ھەمىشە چەت ئەللىك سۈپىتىدە مۇئامىلىگە ئۇچرايمەن» دەيدۇ ئۇ.
ئاپتور: ئانگېلا ۋالس
ئۇيغۇر پوچتىسى تەرجىمە قىلغان، 9-يانۋار
2009- يىلى 5- ئىيۇل ئەخمەدجان قاسىمنىڭ ھاياتىدىكى مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولدى. ئۇ چاغدا 13 ياشلىق ئەخمەدجان ئۈرۈمچىدىكى ئۆيىدە بىر دوستى بىلەن بىللە ئىدى. «ئۇيغۇرلار بۇ رايوننى شەرقىي تۈركىستان، ئۇيغۇرستان ياكى ۋەتەن دەپ ئاتايدۇ» دېدى ئەخمەدجان گېلدەرلاندتىكى ئۆيىدە ئولتۇرۇپ. بېيجىڭنىڭ ئۇزۇن قوللىرىدىن ئەنسىرىگەن ئەخمەدجان ئۆزىنىڭ ئېنىق ئادرېسىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدۇ.
«ئانىلىرىمىز شەھەر مەركىزىگە كەچلىك تاماققا كەتكەن ئىدى. بىر چاغدا پارتلىغان ئاۋازلارنى ئاڭلىدۇق. دېرىزىدىن قارىساق قارا ئىس كۆرۈندى. دوستۇمنىڭ ھاممىسى تېلېفون قىلىپ: «ئىشىكلارنى چىڭ تاقاڭلار، ھەرگىز سىرتقا چىقماڭلار» دېدى. بىز قورقۇپ كەتتۇق. توردا نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلەيلى دېسەك، تور ئۈزۈلۈپ قالغان ئىدى.»
شۇ كۈنى يۈزلىگەن ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى تىنچ نامايىشقا چىققان ئىدى. نامايىشچىلار خىتاينىڭ جەنۇبىدىكى بىر زاۋۇتتا ئىككى ئۇيغۇر ئىشچىنىڭ خىتاي ئىشچىلار تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. «بۇ پەقەت شۇ ئىشچىلار مەسىلىسىلا ئەمەس ئىدى» دەيدۇ ئەخمەدجان، «بۇ نامايىش — ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئىككىنچى دەرىجىلىك پۇقرا سۈپىتىدە مۇئامىلىگە ئۇچراش تۈپەيلىدىن بېسىلىپ قالغان غەزىپىنىڭ پارتلىشى ئىدى.»
ساقچىلارنىڭ قاتتىق باستۇرۇشى بىلەن تىنچ نامايىش قالايمىقانچىلىققا ئايلىنىپ كېتىدۇ. زوراۋانلىق شەھەردىكى خىتايلارغا قارىتىلىپ، ئونلىغان ئادەم ئۆلىدۇ. ئارقىدىن ئۆچ ئېلىش ھەرىكەتلىرى باشلىنىپ، ئونلىغان ئۇيغۇر قۇربان بولىدۇ. ئاندىن ھۆكۈمەت يۈزلىگەن ئۇيغۇرنى قولغا ئالىدۇ، يىگىرمىدىن ئارتۇق ئادەم ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ.
«ئانىلرىمىز سائەت كەچ توققۇز يېرىمدا ئاران ئۆيگە يېتىپ كەلدى. ئۇلار شەھەر مەركىزىدىن پىيادە ( كوچىدا ماشىنا، ئاپتوبۇس ياكى تاكسى قالمىغان ئىدى) قېچىپ كەپتۇ. كېيىن، ئانام يولدا جەسەتلەرنىڭ ئۈستىدىن ئاتلاپ ئۆتۈشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى.» ئۇنىڭ ئانىسى ئۆيگە كىرىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، پۈتۈن ئۈرۈمچىدە توك ئۆچۈرۈلۈپتۇ.
«ئەتىسى ئەتىگەندە توك كەلدى، تېلېۋىزوردا خىتاي دۆلەت تاراتقۇلىرىدا نامايىشچىلار <چەت ئەل تەرىپىدىن كونترول قىلىنغان تېررورچىلار> دەپ تەسۋىرلەندى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئەلۋەتتە قاتتىق جازالىنىدىغانلىقى ئېيتىلدى. ئارقىدىنلا، نەچچە ئاي داۋاملىشىدىغان قامال ئېلان قىلىندى.»
5-ئىيۇلدىن كېيىن ھاياتىڭىز قانداق ئۆزگەردى؟
«كوچىلاردا ئەسكەرلەر ۋە چارلىغۇچىلار پەيدا بولدى. ئىلگىرى بەكلا ئاۋات بولغان شەھەر جىمىپ قالدى. يىغىلىشلار چەكلەندى. كوچىلاردا ياش يىگىتلەر كۆرۈنمەيدىغان بولۇپ قالدى، ئۇلارنىڭ تۇتۇپ كېتىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە مىش-مىش گەپلەر تارقالدى.»
«كىچىك ۋاقتىمدا سىياسىي مۇنازىرىلەرگە ئارىلاشمايتتىم. باشلانغۇچ مەكتەپنى خىتايچە ئوقۇغانىدىم، خىتايچىنى ياخشى سۆزلەيتتم. ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان كەمسىتىشلەرنى ھەردائىم كۆرۈپ تۇراتتىم. <ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلمايمىز> دەپ يېزىلغان خىزمەت ئېلانلىرىنى كۆرگەن ئىدىم. بىر قېتىم ئاپتوبۇستا كېتىۋاتقان بىر يولۇچىنىڭ تەكشۈرۈش پونكىتىدا سەۋەبسىزلا ئۇرۇلغانلىقىنىمۇ كۆردۈم. 5- ئىيۇلدىن كېيىن ئۆز- ئۆزۈمدىن سوراشقا باشلىدىم: نېمە ئۈچۈن بۇنداق بولىدۇ؟ بۇ بىر ئۇيغۇر سۈپىتىدىكى ماڭا نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ شۇنى ھېس قىلدىمكى: خىتاينىڭ نەزىرىدە مەن يات ھېسابلىنىدىكەنمەن.»
«ئانام <ئوغلۇمنىڭ خىتايدا كەلگۈسى بارمۇ-يوق> دېگەن مەسىلىدە خېلىدىن بۇيان ئىككىلىنىپ يۈرگەن ئىدى. ئۇ ھۆكۈمەتنىڭ نازارىتىدىكى بىر ساياھەت شىركىتىدە ئىشلەيتتى، ئۈرۈمچىدىن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا تەۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە ساياھەت تەشكىللەيتتى. نامايىشتىن بىر ئاي كېيىن ئىستانبۇلغا خىزمەت بىلەن باردى. ئۇ يەردە ئۇنىڭغا بىر خىزمەتدىشىدىن تېلېفون كېلىپ، ئۇنى ھەرگىز قايتىپ كەتمەسلىككە ئۈندەپتۇ. چۈنكى 5- ئىيۇل كۈنى ئانام نازارەت كامېراسىغا چۈشۈپ قالغان ئىكەن، ھۆكۈمەت بۇنىڭ بىلەن ئۇنى <جىنيەت گۇماندارى> دەپ بېكىتەلەيتتى. ئانام شۇ يەردە قارار چىقىرىشقا مەجبۇر بوپتۇ ۋە گوللاندىيەگە كېلىپ پاناھلىق تىلەپتۇ.»
ئانىڭىزنى قاچان قايتا كۆردىڭىز؟
«831 كۈندىن كېيىن. ئۇ چاغقىچە مومىلىرىمنىڭ ئۆيىدە نۆۋەت بىلەن تۇردۇم. ئاتا- ئانام ئاجرىشىپ كەتكەن بولۇپ، دادام باشقا ئۆلكىدە ئىشلەيتتى. كېيىنكى ئايلاردا دادام ماڭا قاراش ئۈچۈن قايتىپ كەلدى. ئانام كەتكەن ھامان مەخپىي ساقچىلار ئۆيىمىزنى ئاختۇرۇپ، پاسپورتۇمنى تارتىۋالغان ئىدى، شۇڭا دەرھال ئانامنىڭ يېنىغا كېتەلمىدىم.»
«ئاجايىپ يېرى، ئۇ مەزگىلىم خېلى كۆڭۈللۈك ئۆتتى. ئۆسمۈر ئىدىم، قاتتىق قول ئاپام يېنىمدا بولمىغاچقا ئەركىنلىك تۇيغۇسىغا چۆمگەنىدىم. دوستلىرىم ئائىلە ئەزالىرىمغا ئايلاندى. ئوندەك دوستۇم بىلەن ھەر كۈنى بىللە ئوينايتتۇق: پۇتبول تېپەتتۇق، باشقىلارنىڭ ئىشىك قوڭغۇرىقىنى بېسىپ قويۇپ قاچاتتۇق، ئوت قالاپ قوقاستا كارتۇشكا پىشۇراتتۇق، بەش مېتىر ئىگىزلىكتىكى بالكوندىن قار دۆۋىسىگە سەكرەپ چۈشەتتۇق.»
«ئىككى يېرىم يىلدىن كېيىن، ئانامنىڭ تونۇش- بىلىشلىرى ئارقىلىق پاسپورتۇمنى قايتۇرۇۋالدىم ھەمدە گوللاندىيە ئەلچىخانىسىدىن ۋىزىغا ئېرىشتىم. ئانام مېنىڭ دەرھال يېنىغا كېلىشىمنى بۇيرىدى، ئەمما دادام مېنىڭ ئۆز يېنىدا قېلىشىمنى ئارزۇ قىلاتتى. بىر كۈنى دادام، تاغىلىرىم ۋە مومام بىلەن ئولتۇرغاندا، مومام تۇيۇقسىز مەندىن سورىدى: <ئەخمەدجان، سەن قايسى يولنى تاللايسەن؟> ئۇ مەن ئەسلەشنى خالىمايدىغان بىر پەيت ئىدى. دادامغا: <سېنى كۆرگىلى دائىم كېلىپ تۇرىمەن> دېدىم.»
دادىڭىز ھازىر نەدە؟
«ئۇ 20117- يىلى تۇتۇلۇپ، 15 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىندى. نېمە ئۈچۈنلىكىنى بىلمەيمەن؛ ئۇنىڭ بىلەن ئالاقە قىلالمايمەن. ئۇنىڭ ساق- سالامەت چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، سالامەتلىكى ئۇنچە ياخشى ئەمەس ئىدى. مېنىڭ قېچىپ كېتىشىم ئۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نىشانىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى، شۇنى بىلىمەن. چەت ئەل بىلەن ئالاقە قىلىش جىنايەت دەپ قارىلىدۇ. شۇ يىلى، شى جىنپىڭ قوزغىغان <زوراۋان تېررورچىلارغا قاتتىق زەربە بېرىش> ھەرىكىتىدە نۇرغۇن ئۇيغۇر تۇتقۇن قىلىندى.»
بالىلىق چاغدىكى دوستلىرىڭىز بىلەن يەنە كۆرۈشۈپ تۇرامسىز؟
«ياق. ئۇلارنىڭ ھەممىسى مېنى ئۈندىدار (WeChat) دىن ئۆچۈرۈۋەتتى. چەت ئەل بىلەن ئالاقە قىلىش ئۇلار ئۈچۈن خەتەرلىك.» ئەخمەدجان يانچۇقىنى يەڭگىل ئۇرۇپ قويدى.
يانچۇقىڭىزدا نېمە بار؟
«يانفونۇم بار. ئۇنىڭغا يېقىن دوستلىرىمنىڭ بەزى سۈرەتلىرىنى ساقلىۋالغان، كۆرەمسىز؟» ئۇ يانفونىنى ئېلىپ سۈرەتلەرنى كۆرسەتتى: «مانا بۇ مالىك. بويى ئەڭ ئېگىز بولغاچقا بىز ئۇنى <زىراپە> دەيتتۇق. مانا بۇ بۆرە، مېنىڭ ئەڭ يېقىن دوستۇم ئىدى. ئۇ ھېچكىمدىن قورقمايتتى، ئەمما دوستلىرى ئۈچۈن ئوتقا كىرىشكە تەييار ئىدى.»
«زەكىياتمۇ 2017- يىلى مېنى ئۈندىداردىن ئۆچۈرۈۋەتكەن ئىدى. ئەمما ئىككى يىلدىن كېيىن تۇيۇقسىز ئۇنىڭدىن ئۇچۇر كەلدى. <سېنى بەك سېغىندىم> دەپ يېزىپتۇ. ئۇ ماڭا ئۈرۈمچىنىڭ رەسىملىرىنى ۋە گىتار بىلەن ئورۇنلانغان بىر ئۇيغۇرچە ناخشىنىڭ ۋىدىيوسىنى ئەۋەتىپتۇ. ناخشىنىڭ ئىسمى <ۋەدە> ئىدى، ئۇ ياشلىق ۋە قېرىنداشلىق ھەققىدىكى ناخشا ئىدى. بىز بۇ ناخشىنى دائىم بىللە ئېيتاتتۇق. <بۇ ناخشا ئېسىڭدىمۇ؟> دەپ سورىدى ئۇ. ئەلۋەتتە ئېسىمدە ئىدى.»
قانداق جاۋاب قايتۇردىڭىز؟
«ئاساسەن ھېچنېمە دېمىدىم. نۇرغۇن نەرسىلەرنى دېگۈم بار ئىدى، لېكىن ئۆزۈمنى تۇتۇۋالدىم. ئۇنى تېخىمۇ خەتەرگە قويۇشنى خالىمىدىم.» ئەخمەدجان يانفونىنى يانچۇقىغا سالدى. «خەير، بۇنىڭغىمۇ ئالتە يىل بولۇپ قالدى.»
2011- يىلى نويابىردا ئەخمەدجان بېيجىڭ ۋە موسكۋا ئارقىلىق ئامستېردامغا كەپتۇ. ئۇنىڭ ئانىسى پويىز ئىستانسىسىدا كۈتۈپ تۇرغانىكەن. «ئېد-ۋاخېنىنگېنغا بارىدىغان پويىزدا ئانام ماڭا تويماي كۈلۈمسىرەپ قارايتتى.» ئەخمەتجان mavo ، mbo ۋە hbo لارنى پۈتتۈرۈپ، ئۇترېخت ئۇنىۋېرسىتېتىدا قانۇن كەسپىدە ئوقۇپتۇ. شۇ جەرياندا ئانىسى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ پاراكەندىچىلىككە ئۇچراپ تۇرۇپتۇ. 2020- يىلى ئەخمەدجان خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسىتىگە قارشى ئاكتىپ ھەرىكەتكە ئۆتۈشنى قارار قىپتۇ. تاراتقۇلاردا سۆزلەپتۇ ۋە 2022- يىلى ئۆز كەچۈرمىشلىرى ھەققىدە بىر كىتاب يېزىپتۇ.
سىز كىتابىڭىزدا گوللاندىيەگە كېلىپ بىر نەچچە يىلدىن كېيىن، ئىلگىرى ھېس قىلىپ باقمىغان ئەركىنلىكنىڭ تەمىنى تېتىشقا باشلىغانلىقىڭىزنى يېزىپسىز.
مەكتەپتە پىكىرىڭىزنى ئەركىن ئېيتالايدىكەنسىز، ئۇيغۇرچە سۆزلىيەلەيدىكەنسىز. «گوللاندىيەدە قىلىدىغان بىردىنبىر ئىش — تىرىشىپ ئىشلەش، مەن بۇنى قىلالايمەن» دەپسىز. ئەخمەدجان چوڭقۇر ئۇھ تارتتى. «راستىنى ئېيتسام، كىتاب نەشىر قىلىنغاندىن بۇيان نۇرغۇن ئىشلار ئۆزگەردى. ماڭا ئوخشاش بىرىنچى ئەۋلاد كۆچمەنلەر چوڭقۇر مىننەتدارلىق ھېس قىلىمىز. بۇ توغرا، مەن بۇ يەردە بىخەتەر. لېكىن مەن ئوقۇتقۇچىلار تەرىپىدىن كەمسىتىلدىم، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەسخىرىسىگە ئۇچرىدىم، پۇتبول مەيدانىدا ھاقارەتلەندىم، ئىرقىي ئايرىمچىلققا ئۇچرىدىم. ساناقسىز كەمسىتىشلەرنى باشتىن كەچۈردىم. ئۇزۇن ۋاقىت بۇلارغا سۈكۈت قىلدىم، چۈنكى ئۆسمۈر ۋاقتىمدا كۆرگەن ئومۇميۈزلۈك ئىرىقچىلققا سېلىشتۇرغاندا، بۇلار گويا ئەركىنلىكتەك تۇيۇلاتتى.»
«2022- يىلى VVD پارتىيەسىگە ۋەكىل بولۇپ، ئېد شەھەرلىك ھۆكۈمەت سايلىمىغا قاتناشتىم، لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەي پارتىيەدىن چىقىپ كەتتىم: ئۇلارنىڭ پاناھلىق تىلىگۈچىلەرگە قاراتقان مەۋقەسىگە قوشۇلالمىدىم. تۆتىنچى نۆۋەتلىك رۇتتې (Rutte) ئىچكى كابېنتى غۇلاپ، 2023- يىلى ئەركىنلىك پارتىيەسى (PVV) غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، قەلبىمدىكى بەزى نەرسىلەر بەربات بولدى. يېشىلگۆز (Yesilgöz)نىڭ <ئائىلىگە ئەگىشىپ پاناھلانغانلار قايتا پاناھلىق تىلەش> (nareis op nareis) ھەققىدىكى سۆزلىرى مېنىمۇ ئالاقىدار قىلاتتى. گويا پارتىيە مېنىڭ يۈزۈمدىن يۈزۈمگە: <ئەينى چاغدا سېنىڭ ئاناڭنى پاناھ تارىپ كېلىشىڭگە يول قويۇلماسلىقى كېرەك ئىدى> دېگەندەك بولدى.»
«مەن تىل ئۆگەندىم، ئوقۇدۇم، دۆلەت خىزمەتچىسى بولدۇم، ھاياتىمنى قۇردۇم. <ھەي، ھەپتە ئاخىرىڭ قانداق ئۆتتى؟> دېگەندەك تەكەللۇپلار ئارىسىدا يۈرمىدىم. ئەمما، ھېچقىسى يوق، بۇ يەرنىڭ قائىدىسى قانداق بولسا، شۇنىڭغا لايىقلاشتىم. ئەمما بەزىدە ئويلايمەن: بۇنچە سىڭىشىشنىڭ ئەھمىيىتى زادى نېمە؟ مەن يەنىلا بىر چەت ئەللىك دەپ قارىلىمەن.»
نەچچە خىل تىل بىلىسىز؟
«بەش خىل: ئۇيغۇرچە، خىتايچە، گوللاندچە، ئىنگلىزچە ۋە تۈركچە. ھازىر رۇسچە ئۆگىنىۋاتىمەن. مېنىڭ تىل تالانتىم بار، بۇ جەھەتتە مەن تەلەيلىك. بۇرۇن كىشىلەر: <گوللاندچىنى بەك ياخشى سۆزلەيدىكەنسىز> دېسە، ئۇنى بىر خىل ماختاش دەپ چۈشىنەتتىم.»
ئەجابا بۇ ماختاش ئەمەسمۇ؟
«ئۇنداق گەپلەر كۆپىنچە ياخشى نىيەتتە دېيىلىدۇ، ئەمما بەزىدە ئۇ بىر ئادەمنىڭ سىڭىشىش دەرىجىسىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەمگە ئوخشاپ قالىدۇ. گويا <سەن باشقىلاردىن پەرقلىق ئىكەنسەن> دېگەندەك. بۇ ماڭا خىتايلارنىڭ مېنىڭ خىتايچىنى ياخشى سۆزلىگىنىمنى كۆرۈپ: <سەن مۇنەۋۋەر ئۇيغۇرلاردىن ئىكەنسەن> دەپ <ماختىغىنىنى> ئەسلىتىدۇ.»
«مەن ئۆزۈمدىكى ئاسارەتلەرنى ساقايتىش ئۈچۈن پىسىخىك داۋالاشقا بېرىۋاتىمەن. ئۇ يەردە مەن <سىڭىشىش پارادوكسى> (integratie paradox) ھەققىدە ئۆگەندىم: تەربىيىلىنىشىڭىز قانچە يۇقىرى بولسا، سىز تەۋە بولغان توپلۇم قانچە يەككە بولسا، سىزدىكى چەتكە قېقىلىش تۇيغۇسى شۇنچە كۈچلۈك بولىدىكەن. ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان مەن راستىنلا يالغۇزلۇق ھېس قىلىپ كەلدىم. دوستلىرىم ماڭا پاناگاھ بولىدىغان ئاشۇ مەزگىللەرنى سېغىندىم. ھازىر سەل ياخشى بوپ قالدىم. ئۆزۈمگە بەك قاتتىق تەلەپ قويماسلىقنى، كۆپرەك خۇشاللىق تېپىشنى ئۆگەندىم. گوللاندىيەدە تاپالمىغان شۇ تەۋەلىك تۇيغۇسىنى پۈتكۈل ياۋروپادىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن تاپتىم.»
بەزى ئىسىم ۋە جايلار بىخەتەرلىك سەۋەبىدىن ئۆزگەرتىلدى.
ئاپتور: ئانگېلا ۋالس (Angela Wals)، ۋولكسكرانت (Volkskrant)
گوللاندىيەدىكى ياش ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئەخمەتجان قاسىم بىلەن ئىلىپ بېرىلغان بۇ زىيارەت ماقالىسى «ۋولكسكرانت» (Volkskrant) گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ ماقالىنى «ئۇيغۇر پوچتىسى» مەزكۇر گېزىتنىڭ رۇخستى بىلەن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ ئىلان قىلدى.
ماقالىنىڭ ئەسلى ئۇلىنىشى:
Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى
Subscribe to get the latest posts sent to your email.
