دېكابىر 8, 2025
گېرمانىيە تاراتقۇسى دولقۇن ئەيسانى  خىتاي ئىشلىرىغا ئالاقىدار 100 مۇھىم شەخس قاتارىغا كىرگۈزگەن

گېرمانىيە تاراتقۇسى دولقۇن ئەيسانى  خىتاي ئىشلىرىغا ئالاقىدار 100 مۇھىم شەخس قاتارىغا كىرگۈزگەن

 ھەبىبۇللا ئىزچى 

يېقىندا گېرمانىيەنىڭ ياۋروپادىكى تەسىرى بار ئاخبارات ئورگىنى – «تابلە مېدىيا» 2025- يىللىق ياۋروپا ئىتتىپاقى سەھنىسىدە خىتاي ئىشلىرىغا ئالاقىدار 100 مۇھىم شەخسنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە مەركىزىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا بۇ تىزىملىكتىن ئورۇن ئالغان. بۇ 100 مۇھىم شەخسنى مەزكۇر ئورگاننىڭ مۇھەررىرلەر گۇرۇپپىسى تاللاپ چىققان بولۇپ،  بۇ شەخسلەر ئۆز ساھەلىرىدىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئىلگىرىلىشىگە تەسر كۆرسەتكەن كىشىلەر ئىكەن.  

ئۇلار ھەرقايسى جەمئىيەتلەر، ئەقىل ئامبارلىرى، فوندلار، تەتقىقات ئورگانلىرى ياكى ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلار ئىچىدىكى سىياسەت، سودا، مەسلىھەت بېرىش قاتارلىق تەرەپلەردە كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە كىشىلەردىن تاللاپ چىقىلغان ئىكەن. بۇ كىشىلەر ياۋروپا، خىتاي ۋە ئافرىقىدىكى يېزا ئىگىلىكى، مائارىپ، كېلىمات، تەتقىقات، بىخەتەرلىك قاتارلىق ساھەلەرگە تەسىر كۆرسەتكەن دېپلوماتلار، دۆلەت رەھبەرلىرى، ئىقتىسادشۇناسلار، خەلقئارا سىياسەتچىلەر ۋە ئاخباراتچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. 

مەزكۇر تاراتقۇ دولقۇن ئەيسا ھەققىدە مۇنداق يازغان: دولقۇن ئەيسا ( 2017-يىلدىن باشلاپ) دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (DUQ) نىڭ رەئىسى بولۇپ خىزمەت قىلغان. ئۇ ميۇنخېندا تۇرۇپ، دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قايغۇلىرىنى دۇنياغا يەتكۈزىدۇ. دولقۇن ئەيسا ئۇيغۇرلارنىڭ زۇلۇمغا ئۇچرىشىغا دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىشتىكى يېتەكچى ئاۋاز ھېسابلىنىدۇ؛ ئۇ دائىم ب د ت ئىنسان ھەقلىرى كېڭىشى، ياۋروپا پارلامېنتى ۋە خەلقئارالىق ئاممىۋىي تەشكىلاتلاردا خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى سىستېمىلىق ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى ھەققىدە سۆزلەيدۇ. ئۇ سىياسەتچىلەر ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بىلەن بولغان ئالاقىدە خىتاي ھۆكۈمىتى سادىر قىلغان ئىنسان ھەقلىرى جىنايەتلىرىنى تونۇشتۇرىدۇ. دولقۇن ئەيسا ئۆزى ۋە ئائىلىسىگە قارىتىلغان زوراۋانلىق ۋە باستۇرۇشلارغا قارىماي، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنىي مەۋجۇتلۇقى، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى ۋە ئادالىتىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. 

دولقۇن ئەيسا مەزكۇر تاللاش ھەققىدە مۇنداق دىگەن: «تابلە 2025 تىكى 100 مۇھىم  شەخس» نىڭ ئاممىۋىي تەشكىلاتلار (NGOs) تۈرىدە تاللانغانلىقىمدىن تولىمۇ خۇشال بولدۇم. بۇ ئېتىراپ مەن ئۈچۈن زور شەرەپ، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ۋە دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىمدىكى مۇھىم بىر قەدەم. مېنى بۇ نادىر تىزىملىككە لايىق كۆرگەن بارلىق كىشىلەرگە چىن قەلبىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.»

2019- يىلى گېرمانىيەدە قۇرۇلغان «تابلە مېدىيا» سىفىرلاشقان ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، يېتىلگەن كەسپىي مۇخبىرلار ۋە قابىل مۇھەررىرلەردىن تەشكىل تاپقان، خەۋەرلىرىنىڭ قىممىتى يۇقىرى، ئوندىن ئارتۇق تارمىقى بار ئاخبارات ئورگىنى بولۇپ، ياۋروپا ۋە گېرمانىيەنىڭ سىياسىي ۋە سودا ساھەسىنى مائارىپ سىياسىتى، سىياسىي تەتقىقات، خەلقئارا مۇھىت، تاشقى سىياسەت ۋە خەۋپسىزلىك سىياسىتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى مول ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە ئۇچۇر، پىكىر ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرى بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

 


Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe to get the latest posts sent to your email.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe now to keep reading and get access to the full archive.

Continue reading