
Gene bunin di'asporadiki uyghurlarni wetendiki qérindashlirini untumasliqqa chaqirdi.
تەييارلىغۇچى: تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان
6-ئۆكتەبىر
«شاھىت» بىز ئىسپات توپلاش تور بېكىتىنىڭ قۇرغۇچىسى گەنە بۇنىن فېيسبۇكتا ۋەتەندىكى خەلقى ئۈچۈن سۆز قىلىشنى ئۇنتۇغان كىشىلەرگە مۇراجىئەت قىلىپ، ئۇلارنى ۋەتەندىكى خەلقىنى ئۇنتۇماسلىققا، ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىپ مۇنداق دېگەن :
رېكورت ياراتقۇدەك دەرىجىدە تەكرارلانغان بولسمۇ، يەنە بىر قېتىم كىشىلەرنى بىزار قىلىش خەۋپىگە تەۋەككۈل قىلىپ، شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتەي:
بۇ دۇنيادا ئاسانلىقچە كەچۈرۈۋېتىشكە، نورماللاشتۇرۇشقا ياكى ئۇنتۇلۇشقا بولمايدىغان بەزى ئىشلار بار، چۈنكى ئۇنىڭ زىيانلىرى ۋە ۋەھشىلىك كۆلىمى بەك زور. 2017-يىلدىن بۇيانقى شىنجاڭ ئەنە شۇلارنىڭ بىرى. ئەگەر سىز بۇ رايون بىلەن يېقىن ئالاقىدە بولغان بىر كىشى بولسىڭىز، ئۇنىڭدىن مۇنداقلا ۋاز كېچىش، ۋە ھاياتىڭىزنى داۋام قىلىشقا، «قىلغۇدەك باشقا ئىش يوق» دەپ ئۆزىڭىزنى ئالداشقا، ياكى بارلىق ئىشلارنى چوڭ تەشكىلاتلار/ھۆكۈمەتلەرگە ياكى ئاللاھقا تاشلاپ قويۇش—قەتئىي توغرا ئەمەس.
تۇتقۇندىكى يۈز مىڭلىغان كىشىلەر، ھاياتى ۋەيران قىلىنغان مىليونلىغان كىشىلەر ئۇنداق خام خىيال (ۋە راھەت) سۈرەلمەيدۇ.
ئەمما ئەپسۇس، ئۇلارنىڭ بىردىنبىر ئۈمىدى سىز—يەنى ئەركىن دۇنيادا ھەرىكەت قىلىش، بىر ئىش قىلىش ئىمكانىغا ئىگە بولغان (ئەمما نۇرغۇنلىرى دائىم ئىش قىلماسلىقنى تاللاۋاتىدۇ) كىشىلەردۇر.