دېكابىر 21, 2025
Isa yüsüp alptékinning shiwitsiye arxiplirida saqliniwatqan bir nechche parche mektupi (1)

زۇلھايات ئۆتكۈر

«ئۇيغۇرلارنىڭ يارى» دەپ ئاتالغان مەشھۇر تۈركولوگ گۇننار ياررىڭ (Gunnar Jarring)  20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەشقەر، يەركەنت، خوتەن قاتارلىق جايلىرىدا ئۆگىنىش ۋە ماتېرىيال توپلاش پائالىيەتلىرىدە بولغانىدى. گۇننار ياررىڭ ئەپەندى ئۇ جايلاردىن توپلىغان 150 پارچىدىن ئارتۇق چاغاتاي تىلىدىكى ئەسەرلەرنى ئانا مەكتىپى شىۋېتسىيە لۇند ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسىغا تەقدىم قىلىدۇ. شۇندىن ئېتىبارەن، مەزكۇر كۇتۇپخانىدا «گۇننار ياررىڭ شەرقىي تۈركىستان قوليازما ئەسەرلىرى كوللېكسىيونى (يىغمىسى)» تەسىس قىلىنغان ۋە داۋاملىق تۈردە تولۇقلىنىپ بېيىپ بارغان. بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلارغا ئائىت قوليازما ئەسەرلىرىنىڭ سانى 560 پارچىدىن ئاشىدىغان بولۇپ، دۇنيا بويىچە ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئۈچىنچى چوڭ قوليازما ئەسەر كوللېكسىيونىغا ئايلاندى.

لۇند ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسى «ياررىڭ كوللېكسىيونى» دەپ ئاتالغان گىگانت ئارخىپتا يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان قوليازما ئەسەرلەردىن باشقا يەنە گۇننار يارىڭغا مۇناسىۋەتلىك خەت-چەكلەر، كۈندىلىك خاتىرە، يانچۇق دەپتىرى، دىپلوم، تەكلىپنامە، قوليازما، لېكسىيە، ھۆججەتلەر، فوتو رەسىملەر، ئۈن-سىن ئامبىرى، كونفىرانس خاتىرىسى، ساياھەت ھۆججەتلىرى، ئىقتىسادىي ۋە قانۇنىي ھۆججەتلەر، باسما ماتېرىياللار، خەرىتە ۋە چوڭ ھەجىملىك يۆگىمە ماتېرىياللار قاتارلىقلارمۇ تۈرلەر بويىچە رەتلىنىپ ساقلانماقتا.

«ياررىڭ كوللېكسىيونى»دىكى بىر قسم ئۈنئالغۇ لېىنتىلىرى

مەكتۇپلارغا كەلسەك، گۇننار ياررىڭ ئەپەندىنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دىپلوماتلار ۋە تەتقىقاتچى كەسىپداشلىرى، تۇققان ۋە دوستلىرى ئوتتۇرىسىدا يېزىشقان خەت- چەكلەرنىڭ ئارخىپتا ئىگىلىگەن ھەجمى 16 كۋادىرات مېتىر كېلىدىغان بولۇپ، 245 ئارخىپ ساندۇقىدا ساقلانماقتا. بۇلار ئىچىدە ئۇيغۇرلاردىن ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن (ئەنقەرە، سەككىز پارچە خەت)، ئىسمايىل ئەمەت (ئۈرۈمچى)، رەھمىتۇللا تۈركىستانى(مەككە)، پروفېسسور ياسىن ھاشىرى (بېيجىڭ، بەش پارچە خەت ۋە رەسىم) ، ئابدۇرېشىت ياقۇپ (بېيجىڭ، ئىككى پارچە خەت)، ئابلەت سەمەت (بېرلىن)، كامىل تۇرسۇن (خېلسىنكى) قاتارلىق كىشىلەر بىلەن بولغان خەت ئالاقىلىرى بار.

بۇلاردىن باشقا يەنە گۇننار ياررىڭ تۈركىيە، گېرمانىيە، قازاقىستان، رۇسىيە، ئۆزبېكىستان، خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەردىكى دۇنياغا داڭلىق تۈركولوگلاردىن ئاننا مارىيا گابائىن، لېكوك، ،مالوۋ، تەلەت تېكىن، رېشىت رەھمەتى ئارات، گېڭشىمىن قاتارلىق كىشىلەر بىلەنمۇ تىل تەتقىقاتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە خەت-ئالاقىدە بولغان.

زور كۆلەمنى ئىگىلىگەن بۇ بىر تۈركۈم خەت-چەكلەر ئەينى ۋاقىتتىكى بەزى سىياسىي ئۆزگىرىشلەر، ئۇيغۇر تارىخىدا تىلغا ئېلىنمىغان شەخسلەر ۋە ۋەقەلەر ھەققىدە ئۇچۇرغا ئىگە بولۇش بولسۇن ياكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەرەققىياتىغا دائىر تەتقىقاتلار بولسۇن ۋە ياكى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىشتە بولسۇن چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە.

ئارخىپتا يەنە خەت-چەكلەردىن باشقا ئۇيغۇرلارغا ئائىت بىر قىسىم ئۈن ئارخىپلىرىمۇ بار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ بەزى ئۈن ئارخىپى ۋە ۋەتەندىن كەلتۈرۈلگەن خەلق ناخشا-مۇزىكىلىرىنىڭ ئارخىپى بار. مەن بۇ ئۈن ئارخىپىنىڭ بارلىقىنى ياررىڭ كوللېكسىيونىغا ئائىت ماتېرىياللاردىن بىلىپ، كېيىن ئارخىپتىكى ئۈنلەرنى ئاڭلاش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم.  

بىرىنچى ئاۋاز لېنىتىسى 1978-1977- يىللىرى ئەيسا ئالىپتېكىن ئەپەندىنىڭ گۇننار ياررىڭغا قالدۇرغان ئاۋاز خاتىرىسى بولۇپ، ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ ئۆزى ھەققىدىكى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش ۋە شەرقىي تۈركىستاننى ئازاد قىلىش پىلانى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تۆۋەندە ئاۋاز ئارخىپىنى ئوقۇرمەنلەرگە قىسقارتىپ تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈشنى مۇۋاپىق كۆردۈم:

«سالامىڭىزنى ئالدىم. سىزنى مەن كۆپ ياخشى كۆرىمەن، سىزگە قارشى بۈيۈك ھۆرمىتىم بار، سىزنى كۆرسەم دەيمەن. ئۆتكەندە سىز تۈركىيەگە كەلگەندە كۆرۈشەلمەي قالدۇق، كۆپ مۇتەئەسسىر بولدۇم، ياخشى بىر پۇرسەتتە ئىسۋەچكە(شىۋېتسىيە) بېرىپ سىز بىلەن كۆرۈشمەك ئىستىكىم بار، ياكى سىزنى بۇ يەرگە تەكلىپ قىلىپ شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە كونفېرانس بەرمەك ئىستىيورۇم.

مەن بۇ يەردە شەرقىي تۈركىستان قۇرماق ۋە تەتقىق قىلماق ئۈچۈن بىر ۋەخپە قۇرماق ئىستەيمەن، بۇ ئىشتا سىزنىڭ ياردىمىڭىزغا مۇھتاجمەن، بۇ خۇسۇستا ياردەم قىلىشىڭىزغا ئىمىنمەن. خىتايلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمىنى دۇنياغا ئاڭلاتماق، بىر بەينەلمۇنەل دەۋا ھالىتىگە كەلتۈرمەك ئۈچۈن مۇجادىلە قىلىپ ياتماقتىمەن. سىز بۈگۈنگە قەدەر شەرقىي تۈركىستاننى تەتقىق قىلماق ۋە تونۇتماق ئۈچۈن كۆپ بۈيۈك خىزمەتلەرنى قىلدىڭىز، سىزدىن ناھايىتى مەمنۇن، مىننەتدارمەن. بۇندىن كېيىنكى ئىشلىرىڭىزغا مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمەن.

1944-يىلى خىتايلارغا قارشى ئىلىدا ئىنقىلاب بولدى. خىتاي ھۆكۈمىتى گېنىرال جاڭ جىجۇڭ ئاتلىق بىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا ئەۋەتتى. جاڭ جىجۇڭ شەرقىي تۈركىستانلىق مۇجادىلىچىلەردىن مەسئۇت بەگ، ئىمىن بەگ ۋە پېقىرنى شەرقىي تۈركىستانغا دەۋەت قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىز گەنسۇنىڭ لەنجۇ شەھرىگە كېلىپ جايلاشتۇق. بىز ئۈرۈمچىگە كەلگەندە ئىلىدىن ئۈچ كىشىلىك ھەيئەت كەلمىش، بۇلار رېھىمجان، ئەمەتجان، ئوبۇلخەيرى تۆرەدىن ئىبارەت ئىدى. ھەيئەت رەئىسى رەھىمجان بولۇپ، بۇ كىشى مەسئۇت سابىرىنىڭ جىيەنى ۋە كۈيئوغلى ئىدى. بۇلار بىلەن جاڭ جىجۇڭ ئارىسىدا ئالتە ئاي مۇزاكىرە داۋام قىلدى، نەتىجىدە ھەر ئىككى تەرەپ بىر سۈلھىگە كەلدى، ئوتتۇرىدا بىر مۇئائىدە ئىمزالاندى، بىر كۇئالىسيون ھۆكۈمىتى قۇرۇلدى. بۇ ھۆكۈمەتكە جاڭ جىجۇڭ رەئىس بولدى، بۇرھان شەھىدى، ئەمەتجان مۇئاۋىن رەئىس بولدى. بۇ ھۆكۈمەتكە خىتاي تۈركىستانىدىكى پۈتۈن مىللەتلەر ئەزا بولۇپ ئىشتىراك قىلدى، مەنمۇ ئەزا بولۇپ كىردىم. دوستلىرىمدىن مۇھەمەمەتئىمىن بۇغرامۇ ئىمار ۋەزىرى بولۇپ تەيىنلەندى. بىر مۇددەتتىن كېيىن، گېنىرال جاڭ جىجۇڭ  ئومۇمىي ۋالىيلىقنى مەسئۇتبەگكە ئۆتكۈزۈپ بەردى. 

كېيىن قىزىل خىتاينىڭ ئەسكەرلىرى يەنى كومۇنىست پارتىيە ئەسكەرلىرى گەنسۇنى ئىگىلىدى. جاڭ جىجۇڭ ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاننى مۇداپىئە قىلماستىن، تەدبىر قوللانمىدى. كېيىن مېنى باش كاتىپلىققا ئورۇنلاشتۇردى. بىر يىلدىن كېيىن، قىزىل خىتاي جاڭ كەيشىنى مەغلۇپ قىلىپ، گەنسۇنى ئىشغال قىلدى. شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللىيەتچى تاۋ سىيۆمۇ كوممۇنىست پارتىيەگە قارشى ئۇرۇشماستىن شەرقىي تۈركىستاننى قىزىل خىتايغا تەسلىم قىلدى. پېكىندىكى خىتاي ھۆكۈمىتىگە تېلېگىرامما ئەۋەتىپ تەسلىم بولغانلىقىنى ئۇقتۇردى. شۇندىن ئېتىبارەن بىزمۇ جاڭ كەيشى بىلەن بولغان ئالاقىمىزنى كەستۇق. چۈنكى بىز ھاياتىمىز بويىچە كوممۇنىست خىتايغا قارشى كۈرەش ئېلىپ بارغان ئىدۇق، بىزنىڭ بۇ يەردە قېلىشىمىزغا ھېچ ئىمكانىيەت قالمىدى. شەرقىي تۈركىستاندىن ئايرىلىشقا مەجبۇر قالدۇق. يۈزلەرچە شەرقىي تۈركىستاندا بىللە ئىشلىگەن مۇجادىلە ئارقاداشلارى ئۈرۈمچىدىن ئايرىلىپ ئۈچ ئاي يول يۈرۈپ كەشمىرگە كەلدۇق، تۆت يىل شۇ يەردە تۇرۇپ قالدۇق، 1954-يىلى ئاندىن تۈركىيەگە كېلەلىدۇق.

ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستاندىن350 قازاق قېرىنداشلار ھۇدۇتقا كەلدى. ئۇلارنىڭ كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنماي ھىندىستانغا كىرگۈزمەسلىككە بۇيرۇق كەلدى. مەن ئاڭلاپ يېڭى دېھلىغا بېرىپ بۇ كىشىلەرنى كىرگۈزۋېتىڭ دەپ سۆزلىدىم، ئۇلار چىن خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۈشمىنى بولغان مۇھەممەت بۇغرانى قوبۇل قىلدىڭىز دەپ خىتايلارنىڭ خاپا بولغانلىقىنى ئېيتتى. مېنى  قايتۇرۋەتسەڭلار خىتاي ئۆلتۈرىدۇ، (ئۇيغۇرلارنىڭ) يۈرىكىدە ھىندىستانغا دۈشمەنلىك تۇغۇلىدۇ دەپ ئۇلارغا يالۋۇردۇم. «سىز بىر يەر تېپىڭ ئەمىسە، تىرانسىت ئۆتۈشى ئۈچۈن ئىجازەت بېرەيلى» دېدى. بۇنى سەئۇدى رەت قىلدى، كەشمىردە قالغان مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا بۇ ھەقتە ماڭا خەت يازدى. مەن سەئۇدىدىن مىسىرغا، ئاندىن تۈركىيەگە كەلدىم. مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا بىلەن تۈركىيەدە كۆرۈشتۈق. بىزدىن كېيىن  قېچىپ كەلگەن 1850 ئادەم بار. تۈركىيەگە ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغىلى كەلدۇق دەپ تۈركىيەدىكى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرگە ئەھۋالنى ئۇقتۇردۇق، خىتاينىڭ زۇلۇمىنى ئاڭلاتتۇق. ئەنقەرەگە بېرىپ، فۇئات كۆپرۈلۈ بىلەن كۆرۈشتۇق. 1939 -يىلى بۇ كىشىنى زىيارەت ئەتكەن ئىدىم، ئۇ چاغدا بۈيۈك مەجلىس ئەزاسى ئىدى. 1953-يىلى تامامىيلە ئۇيغۇرلار تۈركىيەگە قوبۇل قىلىنىپ قەيسەرى، كونيا، ئالتايكۆيىگە يەرلەشتۈرۈلدى، قەرز پۇل بېرىلىپ يېڭىدىن ئىگىلىك تىكلىشىگە ياردەم قىلىندى.

1965-1967-يىللىرى يەنە  ئافغانىستانغا قاچقان شەرقىي تۈركىستانلىق 304 نەپەر كىىشنى يەنە تۈرك ھۆكۈمىتى بىلەن ئالاقىلىشىپ جايلاشتۇردۇم. كەشمىردە قالغان 66 كىشىنىمۇ تۈركىيەگە ئەكەلدىم. بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى توپلاپ شەرقىي تۈركىستان مۇھاجىرلار جەمئىيىتى دەپ بىر جەمئىيەت قۇردۇق. غايىمىز ئۇنۇتۇلغان يۇرتىمىزنى تونۇتماق، قىزىل چىن زۇلمىنى تۈركىيەگە ۋە دۇنياغا ئاڭلاتماق، مۇھاجىرلارغا خىزمەت قىلماق ئىدى. كۆپ ئىشلارنى قىلدۇق».

ئۈن ئارخىپىدا يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ۋەيران قىلىشىغا قارشى 1986-يىلى 3-مارتتىكى «ئۇنتۇلغان شەرقىي تۈركىستان» تېمىلىق شىۋېت تىلىدىكى شىۋېتسىيە رادىيوسىنىڭ سۆھبەت خاتىرىسى بار بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىغا ئائىت بايانلار خاتىرىلەنگەن. ئۈن ئارخىپىدا ساقلىنىۋاتقان يەنە بىر ئۇيغۇرچە ئاۋاز ئارخىپى بولسا دېھقانلار مەدھىيەلەنگەن شائىر روزى سايىتنىڭ بىر پارچە شېئىرى، يەنە 6-7 دانە ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرى ۋە مۇقام ئۈن لېنتىلىرى بار ئىدى.

(داۋامى بار)


Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe to get the latest posts sent to your email.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe now to keep reading and get access to the full archive.

Continue reading