يانۋار 16, 2026

(مەزكۇر سۈرەت ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ تۈركولوگ، دىپلومات گۇننار ياررىڭ ئەپەندىگە ئەۋەتكەن مەكتۇپلىرى بىلەن بىرگە لۇند ئۇنىۋېرسىتېتى ياررىڭ كوللېكسىيونىدا ساقلانماقتا. سۈرەتتىكىلەر: سولدىن ئوڭغا ئۆرە تۇرغانلار: پولات قادىرى، تۇردى ئاخۇنباي، ئەيسابەگ ئوغۇللىرىدىن مۇرات، ئەركىن، ئارسلان، ئىلغار، ئالپتېكىن ئەپەندىنىڭ خانىمى، قىزى گۈلتەن ۋە ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن.)

زۇلھايات ئۆتكۈر تەييارلىدى

ئىككىنچى پارچە مەكتۇپ

(1958- يىل 28-نويابىر، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئامېرىكانىڭ پايتەختى ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئىشخانىسىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان گۇننار ياررىڭغا يازغان خېتى)

جانابلىرى،

سىزدىن كەلگەن قىممەتلىك مەكتۇپلارنى ۋە كىتابلارنى ئايرىم- ئايرىم ھالدا 1958-يىلى 6- ئۆكتەبىر ۋە 3- نويابىر كۈنلىرى پوچتىدىن تاپشۇرۇپ ئالدىم.

سىزدەك بىر دۇنياۋىي شۆھرەت قازانغان، دۇنيا جامائىتىنىڭ تىنچلىقى ۋە ھەققانىيەت ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان، بەختسىز ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستانغا جۈملىدىن مېنىڭ ئانا يۇرتۇم يېڭىسارنىڭ تۇپراقلىرىغا قەدەم باسقان، شەرقىي تۈركىستان ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى دۇنياغا تونۇشتۇرۇش يولىدا جاپالىق ئەمگەك سىڭدۈرگەن كىشى بىلەن خەت- ئالاقىدە بولغىنىمدىن ئۆزۈمنى ئىنتايىن بەختلىك ھېس قىلىۋاتىمەن. مىللىتىمىزنىڭ بېشىغا كەلگەن زۇلۇم دەستىدىن كۆرۈۋاتقان قاراڭغۇ، ئۈمىدسىز كۈنلەردە سىزدىن كەلگەن مەكتۇپلار ماڭا  چوڭقۇر تەسەللىي ھەم ھېسداشلىق ئېلىپ كەلدى.

سىزنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستانغا بولغان قىزىقىشىڭىز، ھېسداشلىقىڭىز ۋە بۇ يولدا كۆرسەتكەن خىزمەتلىرىڭىز كەلگۈسىدە شەرقىي تۈركىستان تارىخىغا ئالتۇن قەلەم بىلەن يېزىلغۇسى.

سىزنىڭ ماڭا ئەۋەتكەن شەرقىي تۈركىستانغا ئائىت قىممەتلىك ۋە مۇھىم كىتابلىرىڭىز ئۈچۈن چوڭقۇر رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن. كىتابلارنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغانلىرىنى ئۆزۈم ئوقۇپ ئۆگىنىۋاتىمەن. ئىنگلىز تىلى ياكى باشقا تىللاردا يېزىلغانلىرىنى دوستلىرىمنىڭ ياردىمىدە ئوقۇدۇم. سىز ۋە سىزنىڭ ئېسىل ئەمگەكلىرىڭىزنى تۈركىيەدىكى ئالىملارغا تونۇشتۇردۇم. مەسىلەن، پروفېسسور ئىسمائىل ھىكمەت ئەرتايلان ئەپەندىگە ئوخشاش خىتاي ۋە رۇس ئىمپېرىيالىزمىنىڭ زۇلمىغا ئۇچرىغان تۈركىي مىللەتلەر تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مۇتەخەسىسلەر. مەن ئۇلارغا سىزنىڭ كىتابلىرىڭىزنى كۆرسىتىمەن. كۇتۇپخانىمىز ئىشقا كىرىشكەندە، سىزنىڭ كىتابلىرىڭىز تۆردىن ئورۇن ئالىدۇ.

سىزدىن يەنە ئەينى ۋاقىتتا شەرقىي تۈركىستانغا بېرىپ تۇرغان، ھازىر ھايات بولغان شىۋېتسىيەلىك كىشىلەرنىڭ ئىسمى ۋە ئادرېسىنى تەمىنلەپ بېرىشىڭىزنى ئۆتۈنىمەن. جون ئاندېرسون (John Andersson) يېڭىسارغا بارغان ۋاقتىدا مەنمۇ شۇ يەردە ئىدىم. ھىندىستاندىكى ۋاقتىمدىمۇ ئۇ كىشى بىلەن 1950- يىلى 1954- يىللىرى بومبايدا كۆرۈشكەن ئىدىم. يېقىن كەلگۈسىدە يەنە ئۇ كىشى بىلەن ئالاقە قىلىشنى خالايمەن.

يەنە بىر ئىش، كىچىك ۋاقتىمدا يېڭىساردا «پولبار» (بەلكى تەلەپپۇزى خاتا بولۇشى مۇمكىن) ئىسىملىك بىر شىۋېتسىيەلىك كىشى بىزنىڭ ئائىلە بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولغان ئىدى. ھىندىستانغا كەلگەندىن كېيىن ئۇ كىشىنىڭ ھېلىمۇ شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقانلىقى ۋە شىۋېتسىيەگە قايتقاندىن كېيىن ئۇيغۇر تىلىدىكى «ئالتۇن» ئىسمىنى بەرگەن بىر جاۋاھىرات دۇكىنى ئاچقانلىقىنى ئاڭلىدىم. ئەگەر مۇمكىن بولسا، شۇ كىشىنىڭ ئالاقىلىشىش ئۇچۇرىنى يەتكۈزۈپ بەرگەن بولسىڭىز تولىمۇ سۆيۈنگەن بولاتتىم.

ئاخىرقى ئۆتۈنۈشۈم، مۇمكىن بولسا سۋېن ھېدىننىڭ شەرقىي تۈركىستانغا قىلغان سەپىرى ھەققىدىكى توپلاملارنىڭ باھاسى ۋە قايسى كىتابخانىلاردىن تېپىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارغا ئېھتىياجىم بار. خىتايدىكى چېغىمدا، سۋېن ھېدىن سىزغان شەرقىي تۈركىستاننىڭ ناھايىتى چوڭ 36 پارچە بىر خەرىتىسىنى كۆرگەن ئىدىم، مۇمكىن بولسا، شۇ خەرىتىنىڭ كوپىيەسىنى يوللاپ بېرىش مۇمكىنچىلىكى بارمىدۇ؟

سىزگە ئۆزۈم ۋە دوستلىرىم يازغان بىر قىسىم ئەرزىمەس كىتاب ۋە توپلاملارنى پوچتىدىن يوللىغان ئىدىم. تىزىملىكىنى مەكتۇپتا يوللىدىم. مەن  يەنە داۋاملىق شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە ئەسەرلەرنى يېزىۋاتىمەن، بۇ ئەسەرلەر نەشر قىلىنغىنىدا سىزگە يوللاپ بېرىش ئارزۇيۇم بار. ئەگەر تۈركچە كىتابلارغا ئېھتىياجىڭىز بولسا، سىزگە خىزمەت قىلىشنى شەرەپ دەپ بىلىمەن.

سىزنىڭ قىممەتلىك سالام خېتىڭىزغا ۋە ماڭا ئەۋەتكەن بىباھا كىتابلىرىڭىزغا يەنە بىر قېتىم تەشەككۈر ئېيتىمەن.

ھۆرمەت بىلەن،

ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن

كىتابلار تىزىملىكى تۆۋەندىكىچە:

1. ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن، «تۆمۈر پەردە ئارقىسىدىكى مۇسۇلمانلار»، ئەرەبچە

2. ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن، سەئىد شامىل، «ئاسىيا- ئافرىقا كونفېرانسى خاتىرىسى»، ئىنگلىزچە

3. ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن، «ئاسىيا- ئافرىقا كونفېرانسى ۋە تۈرك مۇسۇلمانلىرىنىڭ رۇسىيە ۋە خىتايدىن مۇستەقىل بولۇش مەسىلىسى ھەققىدە»، ئۇيغۇرچە

4. سىرىناگاردىكى تۈركىستان كۆچمەنلىرى كومىتېتى، «ماتەم كۈنى خاتىرىسى ھەققىدە»، ئۇيغۇرچە

5. مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا ۋە ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن، « شەرقىي تۈركىستان خىتاينىڭ قىزىل ئاپتونومىيەسىنى رەت قىلىدۇ»، ئۇيغۇرچە، ئىنگلىزچە

6. دوتسېنت دوكتۇر مۇھەددىر ن. ئۆزئەردىم، «خىتاي مەنبەلىرىگە ئاساسەن چىنى تۈركىستانى شەھەرلىرى»، تۈركچە

7. ئا. كامال ئىلقۇل، «شەرقىي تۈركىستان ۋە خىتايدىكى ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىلەر»، تۈركچە

8. رۇھى ئۇيغۇر، «نەۋائىي روھى»، ئۇيغۇرچە

9. رۇھى ئۇيغۇر، « يېڭى دۆلەتچىلىك ئىدىيەسى ھەققىدە»، ئۇيغۇرچە

10. پروفېسسور ئىسمايىل ھېكمەت ئەرتايلان، «غازى گېرايخان ۋە ئۇنىڭ ھاياتى ۋە ئەمگەكلىرى»، تۈركچە

11. پروفېسسور ئىسمايىل ھېكمەت ئەرتايلان، «تۈرك ئەدەبىياتى نەمۇنىلىرى»، تۈركچە

12. پروفېسسور ئىسمايىل ھېكمەت ئەرتايلان، «مەۋلانە ھەمىدى شېئىرلىرىنىڭ تولۇق نۇسخىسى»، تۈركچە

13. پروفېسسور ئىسمايىل ھېكمەت ئەرتايلان، «كابۇلى شېئىرلىرىدىن»، تۈركچە

گۇننار ياررىڭ ئەپەندىنىڭ ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىنگە يازغان جاۋاب خېتى

1960- يىل 3- فېۋرال، ۋاشىنگتون

ھۆرمەتلىك ئالپتېكىن ئەپەندى،

ئالدى بىلەن سىزنىڭ 1958- يىل 28- نويابىر ماڭا يازغان مەكتۇپىڭىزغا ۋاقتىدا جاۋاب قايتۇرالمىغىنىمدىن ئۆزۈر سورايمەن. چۈنكى بۇ جەرياندا مەن سىز تەلەپ قىلغان سۋېن ھېدىننىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئېكىسپېدىتسىيە سەپىرى توغرىلىق نەشر قىلىنغان كىتابلارنىڭ تولۇق تىزىملىكىنى تەييارلىدىم. بۈگۈن شىۋېتسىيەدە يېڭىدىن نەشر قىلىنغان تولۇق تىزىملىككە ئاساسەن سىزگە ھەر بىر كىتابنىڭ باھاسى ۋە ئۇچۇرىنى ئەۋەتىمەن. (بىر دوللار= 5.16 شىۋېتسىيە كوروناسى)غا توغرا كېلىدۇ.

خېتىڭىزدا يېڭىساردا تۇرغان پولبار ئىسىملىك ئالتۇن دۇكىنى ئاچقان ياش يىگىتنى سۈرۈشتۈرۈپتىكەنسىز. ئۆتكەن يازدا شىۋېتسىيەگە قايتقان ۋاقتىمدا، بۇ ھەقتە بىرئاز سۈرۈشتۈردۈم ۋە ئۇياقنىڭ پالمبېرىي ئىسىملىك بىر سودىگەر كىشى ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈردۈم. ئېيتقىنىڭىزدەك، دەرۋەقە ئۇ كىشى «ئالتۇن» ئىسىملىك بىر جاۋاھىرات دۇكىنى ئاچقانمىش، ئەمما ستوكھولمدا ئەمەس، فالشۆپىڭ دېگەن كىچك شەھەردە ئىكەن. ئادرېسى تۆۋەندىكىچە:

Mr. Karl Erik Palmberg

Dotorpsgatan51

Falköping, Sweden

خېتىڭىزدە يەنە ماڭا بىر قىىسم كىتابلارنى پوچتىدىن يوللىغانلىقىڭىزنى ئېيتىپسىز. ئەپسۇس، مەن بۇ كىتابلاردىن بىرىنىمۇ تاپشۇرۇپ ئالمىدىم. پەرىزىمچە، كىتابلار پوچتىدا يۈتۈپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن. تىزىملىككە قارىغىنىمدا، كىتابلار ناھايىتى دىققىتىمنى تارتتى. ئەگەر سىزگە باشقا بىر يول بىلەن شۇ كىتابلارنى ماڭا يەتكۈزۈپ بېرىش مۇمكىنچىلىكى بولۇپ قالسا، ئىنتايىن خۇشال بولىمەن. سىزگە يەنە باشقا كىتابلار لازىم بولسا، يەنە سېلىپ بېرىشكە تىرىشىمەن.

ھۆرمەت بىلەن،

گۇننار ياررىڭ

(داۋامى بار)


Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe to get the latest posts sent to your email.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe now to keep reading and get access to the full archive.

Continue reading