
«گۇننار ياررىڭ كوللېكسىيونى» دا ساقلىنىۋاتقان بىر پارچە مەكتۇپ
The Jarring Collection, Lund University Library
زۇلھايات ئۆتكۈر تەييارلىدى
تۆۋەندە ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن تۈركولوگ گۇننار ياررىڭ ۋە ئەينى ۋاقىتتىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى داگ خاممارشۆلد (Dag Hammarskjöld ) بىلەن يېزىشقان ئىنگلىز ۋە تۈرك تىلىدىكى مەكتۇپلارنىڭ قىسقىچە مەزمۇنىنى سۇنماقچىمەن.
1- پارچە مەكتۇپ
(1958-يىلى 2-سېنتەبىر، ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ گۇننار ياررىڭغا يازغان خېتى)
جانابلىرى،
ئالدى بىلەن شۇ دەملەردە دۇنياۋىي ئېتىراپقا ئېرىشكەن بىر مۆھتەرەم شەخس بىلەن خەت- ئالاقە قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىمدىن تولىمۇ خۇرسەنمەن. كەشمىردىكى چېغىمدا لاھوردا يەرلىشىپ قالغان ۋەتەندىشىمىز مۇھەممەت رۇھى ئۇيغۇردىن سىزنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا بارغانلىقىڭىز ۋە نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يازغانلىقىڭىز ھەققىدە ئاڭلىغان ئىدىم. ھەممىدىن مۇھىمى، سىزنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا بولغان سۆيگۈڭىز مېنى ھاياجانلاندۇرغانىدى. كېيىنچە ئەنقەرەدە خەمىت زۇبەيىر ئەپەندىدىنمۇ سىزنىڭ ياخشى تەرىپلىرىڭىزنى ئاڭلىدىم. يىللاردىن بېرى سىزگە بولغان ھۆرمىتىمنى بىلدۈرۈش ۋە ۋەتىنىمنىڭ ئازاتلىقى توغرىلىق سىزنىڭ قىممەتلىك پىكىرلىرىڭىزنى ئاڭلاش پۇرسىتىنى زارىقىپ كۈتكەن بولساممۇ، مانا بۈگۈنكى كۈنلۈكتە نېسىب بوپتۇ.
ئالدى بىلەن ئاساسىي تېمىغا كىرىشتىن بۇرۇن، ئۆزۈمنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈشكە ئىجازەت قىلغايسىز.
مەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىز بارغان يېڭىسار ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. دادامنىڭ ئىسمى يۈسۈپ بەگ، ئۇ يېڭىساردىكى ئابرويلۇق كىشىلەردىن ئىدى، بەلكىم سىزمۇ يېڭىساردا تۇرغان ۋاقتىڭىزدا ئىسمىنى ئاڭلىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن. 1926-يىل مېنىڭ ھاياتىمدىكى بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قالدى، مەن شۇ يىلى غەربىي تۈركىستانغا يول ئالدىم ۋە 1934-يىلغىچە شۇ يەردە ياشىدىم. يۇرتتىكى چېغىمدا ئۇ يەردىكى تەقىبلەشلەر ۋە ئاقارتىش خىزمەتلىرىنىڭ چەكلىمىلىكى تۈپەيلىدىن كۆپ ئىشلار ماڭا ئايدىڭ ئەمەستى. غەربىي تۈركىستانغا كەلگەندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي تەرىپىدىن بېسىۋېلىنىپ، خىتاينىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلاندۇرۇلغانلىقىنى، شۇندىن ئېتىبارەن خىتاي ھۆكۈمرانلىرىنىڭ بىزنىڭ ۋەتىنىمىزنى قالاق ھالەتتە قالدۇرۇپ، ھەتتا دۆلىتىمىزنىڭ ئىسمىنىمۇ ئۆز خاھىشى بويىچە ئۆزگەرتكەنلىكىدەك نۇرغۇن ھەقىقەتلەرنى ئۆگەندىم. شەرقىي تۈركىستان تاشقى دۇنياغا نىسبەتەن خىرە بىر سىماغا ئايلىنىپ، دۇنيانىڭ نەزىرىدىن يىراق قالغان ئىدى. بۇ ھەقىقەتلەر مېنىڭ خىتايغا بولغان قارشىلىقىم ۋە ۋەتىنىمنىڭ ئازاتلىقىغا بولغان غايەمنىڭ ئوت بولۇپ يالقۇنجىشىغا سەۋەب بولدى.
ئۇ ۋەزىيەتتە ھەر قانداق بىر قوراللىق قوزغىلاڭ رۇسىيەنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە يول ئېچىپ بېرىشى مۇمكىن ئىدى، چۈنكى رۇسىيەنىڭ پىلانىنى پەرەز قىلغىلى بولىدۇ. بىز ئۈچۈن رۇسلارنىڭ ئىشغالىيىتى خىتاي ئىشغالىيىتىدىنمۇ بەكرەك خەتەرلىك، چۈنكى مەن غەربىي تۈركىستاندا بۇنىڭغا شاھىت بولدۇم. مېنىڭ قارىشىمچە بولغاندا ئەگەر خىتاي تەرەپ بىراز مايىللىق كۆرسەتسە، رۇس ئىشغالىيىتىنىڭ تەھدىتىدىن قۇتۇلۇپ قالغىلى بولاتتى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىمۇ بىراز كۈننىڭ سېرىقىنى كۆرگەن بولاتتى. شۇڭا بۇلارنى كۆزدە تۇتۇپ، 1932-يىل مەن خىتاي ئۆلكىلىرىگە بېرىپ، ئۇلارنىڭ رەھبەرلىرى ۋە دۆلەت ئادەملىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ يەرلىك مىلىتارىستلار تەرىپىدىن رەھىمسىزلەرچە ئېكىسپىلاتسىيەگە ئۇچراۋاتقانلىقى، رۇسلارنىڭ بولسا خىتايدىن ئازات قىلىشنى باھانە قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىشغالىيەت پىلانى ئۈچۈن چوت سوقۇۋاتقانلىقىدەك ۋەزىيەتكە دىققىتىنى ئاغدۇرۇشقا چاقىرىق قىلدىم. مەن خىتاي تەرەپنى شەرقىي تۈركىستانغا يۈكسەك ئاپتونومىيە ھوقۇقى بېرىشكە قايىل قىلماقچى بولدۇم. شۇندىلا جەڭ قىلىشتىن ۋە قان تۆكۈلۈشتىن ساقلىنىپ قالغىلى بولاتتى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىمۇ مەلۇم دەرىجىدە ئەركىنلىككە ئېرىشىپ قالاتتى.
ناھايىتى ئەپسۇس، مېنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان سەمىمىي تەكلىپلىرىم خىتاي مىللەتچى پارتىيەسى تەرىپىدىن رەت قىلىندى، مەن ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھېچقانداق چارە-تەدبىر قوللىنىلمىدى.
مۆلچەرلىگىنىمدەك ئاقىۋەت ئاخىرى يۈز بەردى. 1931-يىلى قۇمۇلدا پارتلىغان ئىنقىلابنىڭ تەسىرى پۈتكۈل ۋەتەن تەۋەسىگە تارالدى. يەرلىك مىلىتارىستلار قوزغىلاڭنى باستۇرۇشقا ئامالسىز قېلىپ رۇسىيەدىن ياردەم سورىدى، بۇنىڭ بىلەن رۇسىيە تەرەپ ئەسكەرلىرىنى ئىلى، چۆچەك، ئۇچتۇرپان ۋە قەشقەر قاتارلىق شەھەرلەرگە كىرگۈزدى. پۈتكۈل شەرقىي تۈركىستان تەۋەسىدە قوزغالغان ئىنقىلابلار باستۇرۇلۇپ، يېڭىدىن قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى يىقىلدى. ئۈرۈمچىدىكى ھۆكۈمەتنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن رۇسلار ۋەتىنىمىزدە 1933-يىلدىن 1943-يىلغىچە ھۆكۈم سۈردى. بۇ جەرياندا شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئېيتقۇسىز ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە ۋە باستۇرۇش، قىيناشلارغا مۇپتىلا بولدى. ئارقىدىن رۇسىيە – گېرمانىيە ئۇرۇشى يۈز بەردى. بۇ ئۇرۇشنىڭ ئۆزىگە خەۋپ ئېلىپ كېلىشىدىن ئەندىشە قىلغان يەرلىك مىلىتارىست شېڭ شىسەي ئۆزىنى جاڭ كەيشىنىڭ قوينىغا ئاتىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ساداقەتلىك كۆرسىتىشكە ۋەدە بېرىدۇ. ئۈرۈمچىدە قۇرۇلغان يېڭى ھۆكۈمەت ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان خىتايلاشتۇرۇشنى نىشان قىلغان مۇستەملىكە سىياسىتىنى يولغا قويىدۇ. بۇنىڭ بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقى تارىختا يەنە بىر قېتىم ئېغىر ئاسارەتكە دۇچ كېلىدۇ. بۇ ۋەزىيەت ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئۆزىنى رۇسلىۋالغان رۇسىيەگە ياغدەك ياقىدۇ ۋە رۇسىيەنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا قايتا تەسىر كۈچىنى كۆرسىتىش خىيالىنى ئويغىتىدۇ. رۇسىيەنىڭ مۇستەقىللىقنى قوللايمىز دىگەن ۋەدىسى بىلەن، ئىلى، تارباغاتاي ۋە ئالتاي ۋىلايەتلىرىدە ئىنقىلاب پارتلاپ خىتاي ھۆكۈمرانلىقى مەغلۇپ قىلىنىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، خىتاي مىللەتچى پارتىيەسىمۇ شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئاز دېگەندە بەزى ھوقۇقلارنى بېرىشكە ۋەدە قىلغانىدى. بۇ كېلىشىملەرگە ئاساسەن، ئۈرۈمچىدە تۈرلۈك ئىرق ۋە مىللەتلەرگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بىر يېڭى ھۆكۈمەت تەسىس قىلىنىدۇ. دوختۇر مەسئۇت سابىرى رەئىسلىككە تەيىنلىنىدۇ، پېقىرمۇ 1945-يىلدىن كېيىن ئۈرۈمچىگە قايتۇرۇپ كېلىنىپ باش كاتىپلىققا تەيىنلەندىم. ھالبۇكى، بىز داۋاملىق تۈردە بۇ شەرقىي تۈركىستاندا تۇرغۇزۇلغان خىتاي ئارمىيەسىنىڭ مۇداخىلىسىگە ئۇچراپ تۇردۇق. ھەر تەرەپتىن كەلگەن تۈرلۈك قىيىن-قىستاق، تەقىپلەشلەردىن قۇتۇلالمىدۇق. خىتاي قىزىل ئارمىيەسى شەرقىي چېگرىمىزغا بېسىپ كىرگەندىن كېيىن، گېنىرال تاۋ سىيۆ شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي ئارمىيەسىنىڭ باش قوماندانلىقىغا تەيىنلىنىدۇ. خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى كۈچكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى مەخپىي پىلانلاپ، مەسئۇت سابىرىنىڭ ئورنىغا بۇرھان شەھىدىنى رەئىس قىلىپ تەيىنلەيدۇ.
بۇ خىل شارائىت ئاستىدا مېنىڭ باشقا دۆلەتلەردىن سىياسىي پاناھلىق تىلەشتىن باشقا يولۇم قالمىغانىدى. شۇنداق قىلىپ، مەن يۈزلىگەن ھەمراھلىرىم، مىڭلىغان ۋەتەنداشلىرىم بىلەن بىرگە چېگرادىن ئۆتۈپ 1949-يىلى قىش ئايلىرىنىڭ بىر كۈنى كەشمىرگە يېتىپ كەلدۇق. بۇ ۋاقىتلاردا بىزنىڭ ۋەتەندىن زور بىر تۈركۈم كىشىلەر پاكىستان ۋە ھىندىستانغا قېچىپ كەلگەنىدى. بىز ئۇلارنىڭ تۈركىيە ياكى سەئۇدى ئەرەبىستانغا كۆچمەن بولۇپ كېتىشىگە ياردەمچى بولدۇق. شۇ قاتاردا مەنمۇ ئىككىنچى ۋەتىنىم دەپ ھېسابلىغان تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىگە كېلىپ ئورۇنلاشتىم. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن كۆچمەنلەرنىڭ جايلىشىشىغا ياردەم قولىنى سۇنغان پاكىستان ۋە ھىندىستان ھۆكۈمىتىگە، ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ خەير-ساخاۋات ئورگانلىرىغا چوڭقۇر رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن. ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن تۈركىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمەتلىرىگە مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن.
مېنىڭ يۇرتۇمدىن ئايرىلىشىم ئاۋۋال خەتەر ئىچىدە قالغان جېنىمنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن؛ ئاندىن ۋەتىنىمىزنى قىزىل خىتاينىڭ مۇستەملىكىسىدىن ئازات قىلىش، شۇنداقلا خىتاي مىللەتچى پارتىيەسىنىڭ قايتا قولىغا چۈشۈپ قالماسلىق ئۈچۈن ئەركىن دۇنيانىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ئىدى.
جۈملىدىن ئۆزۈم توققۇز يىلدىن بېرى كۆپلىگەن ئىسلام ئەللىرىگە سەپەر قىلىپ، ئۇلارنىڭ دۆلەت ئەربابلىرى، سىياسىيونلىرى ۋە مۆتىۋەرلىرى بىلەن كۆرۈشتۈم. ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تۈرك مۇسۇلمانلىرىغا يۈرگۈزىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى ئاڭلىتىپ كەلدىم. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭمۇ ئافرىقا دۆلەتلىرى مەسىلىلىرىدەك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇھىم خىزمەتلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ كەلدىم. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «1-نومۇرلۇق مۇستەملىكىچى» دەپ تىزىمغا ئېلىنىشىنى تەلەپ قىلدىم.
ۋەھالەنكى، بىر قىسىم مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ ۋە ئەركىن دۇنيادىكى دۆلەتلەرنىڭمۇ قىزىل خىتاينىڭ ۋە رۇسىيەنىڭ تەرىپىنى تۇتقانلىقىدىن ناھايىتى ئەپسۇسلاندۇق. بىزنى ئۈمىدسىزلەندۈرگىنى، بىر قىسىم ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ئىسرائىلىيەگە قارشى تۇرۇشتا بىرلىك شەكىللەندۈرۈپ، مىليونلىغان مۇسۇلمانلارغا زۇلۇم سېلىۋاتقان خىتاي بىلەن دوستلۇق ئورنىتىشىدۇر.
ھازىرچە گومىنداڭ (مىللەتچى پارتىيە) ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزگەن زالىم سىياسەتلىرىنى خەلقئاراغا كۆپ ئاشكارىلىماي تۇرغان ئىدۇق، چۈنكى مىللەتچى پارتىيەنىڭ كوممۇنىست ھۆكۈمەتكە قارشىلىقىنى كۆزدە تۇتقان ھالدا ھۆرمەت قىلدۇق. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش ئۈچۈن مىسىر ۋە تۈركىيەلەردە ئۇلارنىڭ ئەلچىلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقىنى قەغەز يۈزىدە بولسىمۇ جاكارلاشنى تەلەپ قىلدۇق. بۇ ھەرىكەتنىڭ خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئۈچۈن بىر زەربە بولىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتۇق. ئەمما مىللەتچى پارتىيە بۇ تەلەپنى ۋاقتى ئۆتكەن بىر ئىش قاتارىدا كۆردى، مۇستەقىللىق تەلىپىمىز يەنە بىر قېتىم رەت قىلىندى.
كەمىنە سىزنىڭ شەرقىي تۈركىستان داۋاسىغا بولغان كۆزقارىشىڭىزنى ئاڭلاشنى خالايمەن. بۇلاردىن باشقا مەن مىللىتىم ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئەسەرلەرنى توپلاپ، كۆپ خىل تىلدىكى ئەسەرلەر توپلانغان بىر كۇتۇپخانا ئېچىشقا تەرەددۇت قىلىۋاتقان ئىدىم. شۇڭا سىزدىن ماڭا بىر قىسىم ماتېرىياللارنى ئەۋەتىپ بېرىشىڭىزنى ئۆتۈنۈپ سورايمەن.
مۇمكىن بولسا شەرقىي تۈركىستاندا تۇرغان سەيياھلارنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى ئەسەرلىرى، ئۇلاردىن ھايات قالغان شىۋېتسىيەلىكلەر بولسا ئۇلارنىڭ ئىسمى ۋە ئادرېسى قاتارلىق ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىشىڭىزنى، ئۆزىڭىزنىڭ تۈركلەر ۋە مۇسۇلمانلار توغرىسىدا يازغان ئەسەرلىرىڭىز بولسا يوللاپ بېرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
ھۆرمەت بىلەن،
ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن
مەن بۇ مەكتۇپلارنى ئوقۇغاندىن كېيىن تۈركىيەدە ئۇشبۇ ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن كۇتۇپخانىسىنىڭ قۇرۇلغان ياكى قۇرۇلمىغانلىقىنى سۈرۈشتۈرۈپ بېقىش ئۈچۈن ھازىرقى «ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ۋەخپى»نىڭ مەسئۇلى دوكتۇر جان مۇھىددىن بىلەن ئالاقىلاشتىم. ئۇ كىشىمۇ ئەپسۇسلانغان تەلەپپۇزدا بۇ كۇتۇپخانىنى ئېچىشقا نېسىب بولمىغانلىقىنى، ئەپەندىم يىغقان كىتابلارنى باشقىلار ئارىيەتكە ئېلىپ كېتىپ قايتۇرۇپ بەرمىگەنلىكى سەۋەبىدىن ئۇلارنىڭ يوقىلىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى. مۇھىددىن بەگ يەنە ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئىشقا ئۈمىدلىك قارايدىغانلىقىنى، ئەيسا ئەپەندىنىڭ ھايات چېغىدىكى ئۈمىدىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، ۋەخپىنىڭ بىر كۇتۇپخانا قۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى
Subscribe to get the latest posts sent to your email.
