پەرھات مۇھەممەد

نەبىجان تۇرسۇن

1985-يىلى بېيجىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرۈپ، ئۈرۈمچىدىكى“شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭگو تىللىرى فاكۇلتېتى“غا ئوقۇتقۇچىلىققا تەقسىم قىلىنىپ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسىلىق ۋە ئىلمىي تەتقىقات ھاياتىمنى باشلىغىنىمدا فاكۇلتېتىمىزنىڭ 82-يىللىق سىنىپىدىكى كىچىككىنە يارىشىملىق بۇرۇت قويۇۋالغان ناھايىتى شوخ ۋە قىزىقچى ھەم ھەرىكەتچان بىر ئوقۇغۇچى بىلەن تونۇشتۇم، بۇ ھەم قەلەم كۈچى بار ۋە رومان ياكى پوۋېست يېزىش غايىسىدە كېلەچەككە تەلپۈنۈپ يۈرگەن بىر يىگىت ئىدى.

ئۇ، 1986-يىلى ئوقۇش پۈتتۈردى ۋە رادىيو ئىستانسىسىغا تەقسىم قىلىندى. ئۇزۇن ئۆتمەي سورۇنلاردا مەزكۇر چاقچاقچى ۋە ئويۇنچى بىر يىگىتنى كۆرۈشكە باشلىدىم، لېكىن ياشلىق روھى ئۇرغۇپ ۋە چوقچۇپ تۇرىدىغان بۇ يىگىتنىڭ گۇچۇڭدىكى مەشھۇر ئۇيغۇر چامباشچى-توختى چامباشنىڭ خىتاي چامباشچىلارنى مەغلۇپ قىلىپ پۈتۈن ئۇيغۇرلار ئېلىدا ھەتتا ئىچكىرى خىتايدا داڭ چىقارغانلىقى ھەققىدە پوۋېست يېزىشقا كىرىشكەنلىكىنى ئاڭلاپ بەكمۇ سۆيۈمدۈم.

ئارىلىقتىكى ھىكايىلەر خېلى كۆپ ئەلۋەتتە!. 1990-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پايەختى موسكۋاغا ئوقۇشقا كەتتىم ۋە تەتىل مەزگىللىرىدە قايتىپ كەلگەندە ئۇ ۋە باشقا دوستلار بىلەن ئاندا-ساندا كۆرۈشۈپ تۇراتتىم.

1993-يىللىرى ئەتراپىدا بولسا كېرەك ئىستانبۇلدىن بىر كونا تونۇشۇم موسكۋاغا كېلىپ مېنى ئىزدەپ مېنى ياتىقىمدىن تېپىۋالدى ۋە ئۆزى بىرگە ئېلىپ كەلگەن » شەرقىي تۈركىستان ياشلىرى« ( ئەگەر خاتا بولمىغان بولسا) ناملىق گېزىتتىن پارچىلارنى ماڭا ئوقۇشقا بەردى ۋە گېزىتنى چىقىرىۋاتقان بىر توپ ياشلارنىڭ سالىمىنى يەتكۈزدى. ئەنە شۇ سالام يوللىغانلارنىڭ بىرى ، يەنى شۇ گېزىتنى چىقارغۇچىلاردىن بىرى ئەنە ئەشۇ ئۈرۈمچىدە مەن تونۇغان،يەنى توختى چامباش پوۋېستىنى يازغان پەرھات مۇھەممەد ئىدى. كېيىنچىرەك ئۇنىڭ يورۇڭقاش تەخەللۇسىنى قوللانغانلىقىدىن خەۋەردار بولدۇم شۇنىڭدەك يەنە پەرھات قاتارلىق ئىستامبۇلغا توپلانغان بىر توپ ئوت يۈرەك ياشلارنىڭ ئىستامبۇلدىكى قىيىن كۈنلىرى، جاپالىق ھايات مۇساپىلىرى ھەققىدە كۆپ ئاڭلىدىم، ھەتتا پەرھات قاتارلىق بۇ ياشلار گېزىت چىقىرىمىز، ژۇرنال چىقىرىمىز، ۋەتەن دەۋاسى قىلىمىز دەپ ھەر كۈنى كىشىلەرگە تەشۋىق قىلىپ، جەڭگىۋارلىق ئىچىدە ئۆتسىمۇ، تۇرغىدەك ئىلللىق جايى، دائىم يېگۈدەك ئىللىق تاماقلىرى يېتەرلىك بولماپتۇ، قىسقىسى ۋەتەن دەۋاسىدا يۈرگەن پەرھات قاتارلىق بۇ ياشلار ئىستامبۇل كوچىلىرىدا بەزى كۈنلىرى ئاچ قاپتۇ. ھەتتا شۇنداق يومۇرلارنى ئاڭلىدىمكى، بەزى كىشىلەر بۇ ياشلارنى << ناماز ئوقۇمايدىكەن>> دەپ ئۇلارنى قوللاشنى مۇۋاپىق كۆرمەپتىمىش! ئەنە شۇ قوللاش بولمىغانلىقى ئۈچۈن بۇلار نۇرغۇن كۈنلەرنى ئاچ-يالىڭاچلىقتا ئۆتكۈزۈپتۇ.

مەن ئويلىدىمكى، قېنى ھېلىقى ئۇيغۇر بايلىرى، قېنى ھېلىقى ۋەتەنپەرۋەرلەر ! بۇ ياشلارنىڭ ئاچ-يالىڭاچلىقىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن بىرەر باي ئۇيغۇر چىقمىغاندىمۇ؟

ئاخىرى پەرھات قاتارلىقلار گېرمانىيەگە كېتىپ ئاندىن ئىللىق ۋە نورمال ھايات كەچۈرۈشكە مۇيەسسەر بوپتۇ!

مەرھۇم پەرھات يورۇڭقاش مېنىڭ تۇغقىنىم ياكى بىر تۇغقان قېرىندىشىم ئەمەس ! لېكىن ئۇ نەزىرىمدە ئۆز كىندىك قېنى تۆكۈلگەن تۇپراق- ئانا ۋەتىنى ئىشقىدا، ۋەتىنىنىڭ ئىستىقبالى يولىدا كېچە-كۈندۈز يىغلىغان، ئازابلانغان، تەر تۆككەن ۋە شۇ يولدا سەۋدا ھەم ئاخىرىدا قەلبى ۋە جىسمى بىمار بولغان بىر ئىنسان! ئۇ مەن ئۈچۈن ئۇيغۇرلۇق بىلەن تولغان قېرىنداشتۇر!

پەرھات يورۇڭقاشنىڭ ۋاپىتى بىر ھەپتىدىن بۇيان سان-ساناقسىز ماتەم-تەزىيە، مەرسىيە، مەدھىيەلەر بىلەن تولماقتا! ھەتتا ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەيكەل لايىھەسىمۇ تىكلەندى، ئۇنىڭ ئۈچۈن بار بولغان گۈزەل ۋە جەڭگىۋار سۆزلۈك زاپاسلىرىنىڭ ھەممىسى ئىشلىتىلدى.

لېكىن شۇنى سورايمەنكى، پەرھات ئۆلگەندىن كېيىن يىغا -زارە قىلىشقان، ئۇنى توختىماي مەدھىيەلىگەن ، ئۇنىڭ ئۈچۈن لۇغەتلىرىدىن توختىماي مەدھىيە، مەرسىيە سۆزلىرىنى ئىزىدىگەن ئۇيغۇرلار سىلەر پەرھات ھايات ۋاقتىدا ئۇنىڭ ئۈچۈن مۇنداق گۈزەل سۆزلەرنى، مۇنداق مەدھىيەلەرنى نېمىشقا ئېيتمىدىڭلار ؟

ھەي ئۇيغۇرلار سىلەر ئۆز قەھرىمانلىرىڭلار، ئۆز پىداكارلىرىڭلار، ئۆز داھىيلىرىڭلار، نامايەندىلىرىڭلارنى ھايات ۋاقتىدا قانچىلىك قەدىرلىيەلىدىڭلار ؟ پەرھات يورۇڭقاش كېچە-كۈندۈز ۋە يىللاپ ۋەتەن ۋە ئۆز خەلقى يولىدا تىنىمسىز ئىشلەۋاتقاندا قانچىلىك ئادەم ئۇنىڭ ئۈچۈن بىرەر ئىللىق ۋە يۈكسەك سۆزلەر بىلەن بولسىمۇ ئۇنى تەقدىرلىدى؟

ئىشىنىمەنكى، قەھرىمانلار، پىداكارلار، تۆھپىكارلار ۋە باشقا جەڭگىۋارلارنىڭ ھايات ۋاقتىدا ئۇچرايدىغان ھاقارەتلىرى، تۆھمەتلىرى ۋە سۆز ھۇجۇملىرى ئۇلارغا ئېيتىلغان ئىللىق سۆزلەر بىلەن ھەقىقىي باھالاردىن ئۈستۈن تۇرۇپ كەلدى.

ھەتتا كىشىلەر مۇنداق ھاقارەت ۋە ھۇجۇملار بىلەن تولغان سۆز-چۆچەكلەرنى بەكرەك ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان ۋە ھوزۇرلىنىدىغان ئەھۋاللار كۆپەيدى! ئەلۋەتتە، بۇ مەھكۇملۇقتتا ئۇزۇن ياخشىغان بىر مىللەتتە بولىدىغان روھى ۋە پىسخىكىلىق كېسەللىكلەرنىڭ بىرىدۇر!

مەرھۇم پەرھات يورۇڭقاش ! ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ساڭا جەننەتتىن ئورۇن بېرىشىغا ئىشەنچىم كامىل، چۈنكى ئۇلۇغ ئاللا ئالدى بىلەن ئىنسانلارنى ۋە ئۆز خەلقى-بىچارە ئۇيغۇر خەلقىنى سۆيگەن ئىنسانلارغا جەننەتتىن چوقۇم ئورۇن بېرىدۇ!

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز