دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ۋەتىنىمىزدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە مىسلىسىز زۇلۇم داۋاملىشىۋاتقان، ئۇيغۇر دەۋاسى ئۆزىمىزگە خاس، تەرەپسىز، ئادىل ۋە مۇستەقىل بىر ئاخبارات ۋاسىتىسىغا ئەڭ مۇھتاج ۋاقىتتا قۇرۇلغان «ئۇيغۇر پوچتىسى»نى قىزغىن تەبرىكلەيدۇ.
«ئۇيغۇر پوچتىسى»نىڭ قۇرۇلۇشىدا ۋە بۇندىن كېيىنكى خىزمەتلىرىدە رول ئوينىغان ۋە ئوينايدىغان بارلىق پىداكار ئەزالىرىغا ئالىي ئېھتىرام ۋە سالام يوللايدۇ.
«ئۇيغۇر پوچتىسى»نىڭ كەسپىي، مۇنتىزىم ۋە ئۇزۇن مۇددەت داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر دەۋاسىغا پايدىلىق بولغان بارلىق خىزمەتلەردە زىچ ھەمكارلىشىشقا ھەرۋاقىت تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
— دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسى
ئۇيغۇر پوچتىسى دىن تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى بايقاڭ
يېڭى يازمىلاردىن ئېلخەت ئارقىلىق خەۋەردار بولۇش ئۈچۈن مۇشتەرى بولۇڭ
