دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ شائىر ئەخمەتجان ئوسماننى جەمىيەتتتىن چىقىرىپ تاشلاش ھەققىدىكى رەزىل قارارى ھەققىدە قارىشىم

نەجمىدىن قارلۇق

2025-يىلى1-ئۆكتەبىر خىتتاينىڭ دۆلەت بايرىمى كۈنى، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەدەبىياتقا مۇناسىۋەتلىك ئۇيغۇرپەندىن باشقا يەنە بىر تەشكىلاتى بولغان دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسى، شائىر ئەخمەتجان ئوسماننى «ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى، مىللىي قىممەت – قاراشلىرى ۋە ساغلام ئىدېئولوگىيەسىگە تامامەن ماس كەلمەيدىغان ۋە زىت شەخسىي كۆز قاراشلىرى ئۇيۇشمىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا تارقىلىپ ئۇيۇشمىنىڭ خەلق ئالدىدىكى ئوبرازىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزدى» دىگەن مەزمۇندا بايانات ئېلان قىلدى.

ئەڭ ئاۋال، بىر يازغۇچىلار جەمىيىىتىنىڭ ئوخشىمىغان پىكىرگە خۇددى خىتاينىڭ ئۇسلۇبى بويىچە چەتكە قېقىش ۋە بۆھتان چاپلاش پوزىتسىيەسى قوللانغىنى، بىرەر دىيانەت ئورگىنى ياكى ئوتتۇرا ئەسىر چېركاۋلىرىغا ئوخشاش «قوغلاپ چىقىرىش» ئۇسلۇبى، ماڭا ئوخشاش لەقەم بىلەن دارغا ئېسىلغان مەنسۈر ھەللاجىنى ئەسلەتتى .

بىر يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ «دىنىي ئېتىقاد»ى ۋە «مىللىي قىممەت – قاراش»قا ھۆكۈم قىلىش سالاھىيىتى ، پەردە ئارقىسىدا تۇرىۋېلىپ ئۇقتۇرۇش چىقارغان ئۆزىنى يازغۇچى ھىسابلايدىغان ھەسەتخورلارنىڭ ئۇقتۇرۇش چىقىرىش ئۇسلۇبىدىكى ئەدەبسىزلىكى-سەكراتتىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئېچىنارلىق قارا يۇمۇر !

پىكىر ئەركىنلىكىنى، بىر-بىرىمىزنى ھۆرمەت قىلماسلىق، تىل ئەخلاقى ۋە مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىمزدىكى ئاقىۋىتىنى ئويلىماسلىقلار، تولىمۇ ئاجىز ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە جەمىيىتىنىڭ بىرلىكى ۋە تەرەققىياتىغا ئېغىر زىيان كەلتۈرىدۇ.

خىتاي باستۇرۇشى ئاستىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى قوغداشتا، ئوخشىمىغان پىكىردىكىلەرگە بولغان سىغدۇرۇشچانلىق ۋە ئۆزئارا ھۆرمەت بولمىسا بولمايدىغان مۇھىم ئامىل. بۇ بايانات ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيانلىق ۋە دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار جەمىيىتىنى قارا جەمىيەتكە ئايلاندۇرۇپ يەر بىلەن يەكسان قىلدى.

ئەدەبىياتنىڭ ئاساسىي پرىنسىپى ئىدىيە كۆپ خىللىقى ۋە دىئالوگدۇر. ئەخمەتجان ئوسمان ئۇيغۇر زامانىۋى شېئىرىيىتىنىڭ يېڭى شەكلىنى بارلىققا كەلتۈرۈشتىكى ئاۋانگارت شائىر. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى سوفىستىك تەسەۋۋۇر، پەلسەپە ۋە ئۇلۇغۋار مىللىي مەۋجۇتلۇق ئۈچۈن ئىزدىنىش سەپىرىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.

ھەر قانداق بىر يازغۇچىنىڭ ئىدىيە ئوخشاشماسلىقى تۈپەيلىدىن يازغۇچىلار جەمىيىتىدىن چىقىرىلىشى بىر مۇستەبىتلىك ۋە سۈيقەستتۇر. ئىنسانىيەت تارىخىدىكى بۈيۈك ئەسەر بولغان خەلقارا كىشىلىك ھوقۇق باياننامىسى ئىپادىلەنگەندەك، ئىدىيە ئىپادىلەش ئەركىنلىكى ئىنسانلىقنىڭ ئەڭ ئاساسىي ھوقۇقى بولۇپ، يازغۇچىلار ئۇيۇشمىلىرى بۇنى قوغدىشى كېرەك. ئەدەبىيات دوگمىلىق بىلەن چەكلىنىپ قالسا، ئۇنىڭ ئىجادىيەت كۈچى ئۆلىدۇ. بۇ بايانات ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ خىتاي باستۇرۇشىغا قارشى تۇرۇشتىكى بىرلىكىگە زىيان يەتكۈزىدۇ، ئىچكى ئىختىلاپنى كۈچەيتىدۇ، ئۇيغۇلار ئىچىدىكى ئۆز ئارا ئىشەنچ ۋە مۇھەببەتنى بۇزىدۇ.

«بايانات»نىڭ خىتتاينىڭ دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلىگەندەك بىر ۋاقىتتا ئېلان قىلىنىش، ئىشلەتكەن تىلى ۋە كەسپىيلىكى بولۇپمۇ يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسى دەپ ئاتالغان بىر جەمىيەتكە ماس كەلمەيدۇ. دىئالوگ ئارقىلىق ھەل قىلىش ۋە ئەڭ بولمىغاندا كەسپى بولغان ۋەزىپە ئالمىشىش باياناتى ئورنىغا «بىكار قىلىنغانلىقى»، « ئەزالىقتىن چىقىرىپ تاشلانغانلىقى»دەك قوپال ۋە ھۇجۇم خاراكتېرىدىكى ئەدەبسىز جۈملىلەر ، ئۇلار قوغدىماقچى بولۇۋاتقان «ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى، مىللىي قىممەت – قاراشلىرى»غا بولۇپمۇ ئەدەبىيات نەزەرىيىسىگە تېخىمۇ زىت.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز