ھەبىبۇللا ئىزچى
2025-يىللىق بېرلىن ئەركىنلىك مۇنبىرىدە سىياسەت، سودا، پۇقرالار جەمئىيىتى، تاراتقۇ ۋە مەدەنىيەت ساھەلىرىدىن كەلگەن 60 دىن ئارتۇق تەسىر كۈچكە ئىگە نۇتۇق سۆزلىگۈچى بىر يەرگە جەم بولغان بولۇپ، دۇنياۋى ئەركىنلىكنىڭ چېكىنىشىگە ئەگىشىپ، بېرلىن يەنە بىر قېتىم مۇنازىرىنىڭ مەركىزى سەھنىسىگە ئايلانغان. بۇ مۇنبەرگە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدىن قۇرۇلتاينىڭ ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى رۇشەن ئابباس، قۇرۇلتاي بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ دېرىكتورى، قۇرۇلتاي فوندىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇربان ۋە ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ دېرىكتورى ئابدۇلھەكىم ئىدرىسلار قاتناشقان.
مەزكۇر يىغىندا ئورۇنلاشتۇرۇلغان مەخسۇس سۆھبەتتە سۆز قىلغان رۆشەن ئابباس سۆزىدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدە توختۇلۇپ مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويغان: « نېفىت، تەبىئىي گاز، پاختا، پولى كرېمنىي، ئۇران ۋە ئاز ئۇچرايدىغان كان مەھسۇلاتلىرىغا باي ئۇيغۇر ۋەتىنى مېنىڭ خەلقىمنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى ۋە بارچە ئىنسانلارغا ئوخشاش ھۆر ياشاش پۇرسىتىنى ئېلىپ كېلىشى كېرەك ئىدى. ئەكسىچە، خىتاي ئۇلارنى ئۆزىنىڭ دۇنياغا خوجا بولۇش غايىسى ئۈچۈن بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ ئىشلىتىپ، بىزنىڭ خەلقىمىزنى قىرغىنچىلىق، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە نازارەت نىشانىغا ئايلاندۇرۇۋاتىدۇ، ئۇيغۇر كىملىكى سىستېمىلىق ھالدا ئۆچۈرۈلىۋاتىدۇ. تىلىمىز چەكلەنگەن، ئېتىقادىمىز جىنايەت دەپ قارىلىۋاتىدۇ، بايلىقلىرىمىز بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىۋاتىدۇ؛ مىليونلىغان ئۇيغۇر تۇتقۇن قىلىنىپ، جازا لاگېرلىرىدا، تۈرمىلەردە قىينالماقتا؛ ئائىلىلەر پارچىلانماقتا، بىر مىليوندىن جىق ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى خىتاي دۆلىتى تەرىپىدىن ئاسمىلاتسىيەنىڭ قۇربانى بولۇپ، ياتاقلىق مەكتەپلەرگە ئەۋەتىلدى.»

«ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ بەدىنى بۇ قىرغىنچىلىقنىڭ جەڭ مەيدانىغا ئايلاندۇرۇلۇپ مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىش، بالا چۈشۈرۈش ۋە خىتاي ئەرلىرى بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلاندى، بۇ سەۋەپتىن بەزى رايونلاردا تۇغۇلۇش نىسبىتى نۆلگە چۈشۈپ قالغان. خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى مېنىڭ خەلقىمنى قۇل ئىشچى قىلىپ دۇنيانى بۇنىڭغا شېرىك قىلىۋاتقاندا، ئۇيغۇرلار دۇنياۋى تەمىنلەش زەنجىرىنى مال بىلەن تەمىنلەيدىغان زاۋۇتلارغا ئەۋەتىلدى. خىتاي ھۈكۈمىتى بۇنى <نامراتلىقنى ئازايتىش> ۋە <ئىقتىساتنى كۈچلەندۈرۈش> دەپ ئاتاپ، زامانىۋى قۇللۇقنى يوشۇرىۋاتىدۇ، بۇنىڭغا ھۆكۈمەتلەر ۋە شىركەتلەر يەنىلا كۆزىنى يۇمماقتا! »
رۆشەن ئابباس خانىم يەنە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكىگە سۈكۈت قىلىۋاتقانلىقىنى ئەيىپلەپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ئۈستەللىرىمىزدىكى پەمىدۇردىن دېڭىز مەھسۇلاتلىرىغىچە، كىيىدىغان كىيىملىرىمىزدىن قولىمىزدىكى تېلېفونلىرىمىزغىچە ۋە ھەتتا بالىلىرىمىز ئوينايدىغان ئويۇنچۇقلارغىچە بىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندى. ھۆكۈمەتلەر ئۈچۈن بۇ پەقەت ئەخلاقىي سىناق ئەمەس، بەلكى دۇنياۋى سودا ۋە ئىستېمالچىلار ئۈچۈنمۇ بىر ۋىجدانىي سىناقتۇر! دۇنيادىكى پاكىز ئېنېرگىيە ۋە تېخنىكا ئىنقىلابلىرى قۇل قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ قان-تەرى بەدىلىگە قۇرۇلدى. بېيجىڭ ئەرزان، ئەمما بىر مىللەتنىڭ قېنى بىلەن بۇلغانغان كىر ئېنېرگىيەنى دۇنياغا ئېكسپورت قىلىش ئۈچۈن، پۈتۈن بىر مىللەتنىڭ ئازاب-ئوقۇبىتىنى پايدىغا ۋە گېئوپولىتىك سىياسىي كۈچكە ئايلاندۇرماقتا. دۇنيا بۇ ھەقىقەتنى تونۇپ يەتمىگۈچە، بۇ يەردە تىلغا ئېلىنىۋاتقان «ئىلگىرىلەش» دېگەن سۆز ئادالەت، ئەركىنلىك ۋە ئىنسانىي ئىززەت-ھۆرمەتتىن مەھرۇم قالىدۇ. خىتاي ھۈكۈمىتى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ئۈچۈن، پەقەت 2024-يىلىلا 3 مىليون 400 مىڭ ئادەمنى يۆتكىگەنلىكى ئاشكارىلاندى. خىتاي دۇنيادىكى قۇياش ئېنېرگىيەسى تاختىلىرىنىڭ %80 نى ئىشلەپچىقىرىدۇ، بۇ ياۋروپانىڭ يېرىمىنى ئىگىلەيدۇ؛ قۇياش ئېنېرگىيەسى بىلەن تەمىنلىنىدىغان پولى كرېمنىينىڭ %30 گە يېقىنى مېنىڭ ۋەتىنىمدىن كېلىدۇ، ئۇلار ئۇيغۇر قۇللىرى تەرىپىدىن كۆمۈر ئېنېرگىيەسى بىلەن ئىشلەيدىغان زاۋۇتلاردا ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. بۇ خىتاي ھۆكۈمىتى تېخنىكىلىق جەھەتتىن قوللانغان ئۇيغۇرلارغا قارشى قىرغىنچىلىق ۋە دىكتاتورلۇقنىڭ تەمىنلەش زەنجىرى، نازارەت قىلىش ۋە ئىقتىسادىي كۈچنى قورال قىلىپ، دۇنياۋى تەرتىپنى ئۆز ئىرادىسىگە بويسۇندۇرۇشىنىڭ بىر لايىھەسى. كارخانا رەھبەرلىرى ئەخلاقىي مەسئۇلىيەتنىڭ خەير-ساخاۋەت ئەمەس، بەلكى ئەركىن ۋە مۇقىم دۇنيا ئۈچۈن مۇھىم ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشى كېرەك».
رۆشەن ئابباس خانىم يەنە ياۋروپا دۆلەتلىرى ۋە كارخانىلىرىنى خىتاينىڭ بۇ قۇللۇق زەنجىرىنى پارچىلاشقا چاقىرىق قىلىپ مۇنداق دېدى: «ھەر بىر مەھسۇلاتنىڭ بىر ھېكايىسى بار. مەسىلە شۇكى، بۇ ھېكايە ئىززەت-ھۆرمەتنى ياكى قىرغىنچىلىقنى ئەكىس ئەتتۈرەمدۇ؟ بۇندىن 36 يىل بۇرۇن، بۇ يەردە (بېرلىندا) بىر تام بار ئىدى، بۇ تام كىشىلەرنى، ئائىلىلەرنى ۋە ئىدىيەلەرنى ئايرىيتتى. ئۇ تام پۇقرالار يالغانچىلىق بىلەن ياشاشنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن يىقىلدى. بۈگۈن، بىز باشقا بىر خىل تامغا دۇچ كېلىۋاتىمىز: ئۇ بولسىمۇ پايدا ۋە ئىنكار قىلىشتىن قۇرۇلغان تامدۇر. بىر ۋاقىتلار بۇ شەھەرنى بۆلگەن تامغا ئوخشاش، كىشىلەر ئادالەت، ئىنسان ھەقلىرى ۋە ئەركىن جەمئىيەتنىڭ بەدەل تۆلىشىگە ئەرزىيدىغانلىقىنى قارار قىلغاندا ۋە ھەممىمىز جاسارەتنى شېرىكلىكتىن ئۈستۈن قويۇپ، بېيجىڭنىڭ زامانىۋى قۇللۇقى ۋە قىرغىنچىلىقىغا يول قويۇشنى رەت قىلغاندا، ئۇنى چېقىۋېتىشكە مۇمكىن بولىدۇ. مەن ياۋروپا كارخانىلىرى ۋە ھۆكۈمەتلىرىنى تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرۇشقا چاقىرىمەن. تەسىر كۈچۈڭلارنى بۇ زۇلۇم ماشىنىسىنى پارچىلاشقا ئىشلىتىڭلار. تەمىنلەش زەنجىرىنى ئەركىنلىكنىڭ قورالىغا ئايلاندۇرۇڭلار!»

بۇ نۆۋەتلىك بېرلىن ئەركىنلىك مۇنبىرىنىڭ تېمىسى: «ئىدىيەۋى بۆلۈنۈش دەۋرىدە ئەركىنلىكنى قانداق قوغدايمىز؟» دېگەندىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ يىغىن سۆھبەتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئەركىنلىك ھەرىكەتلىرىگە ئىلھام بېرىش ۋە ئىنسانىيەتنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە ئىزدىنىش ئۈچۈن تەشكىللەنگەن. بۇ قېتىمقى بېرلىن ئەركىنىلك مۇنبىرىگە بېرلىن شەھرىنىڭ شەھەر باشلىقى، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، گېرمانىيە پارلامېنت ئەزالىرى، ئامېرىكىنىڭ گېرمانىيەدىكى باش ئەلچىسى ۋە ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئەلچىلىرى، مېدىيالار، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر، سىياسىي ئۆكتىچىلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشەببۇسچىلىرى قاتناشقان.
Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى
Subscribe to get the latest posts sent to your email.
