فېۋرال 3, 2026

ئۇيغۇر پوچتىسى

27-يانۋار

1. تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈلدى

2014-يىلىدىن بېرى تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 48 ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلماسلىقى ۋە ئۈچىنچى بىر بىخەتەر دۆلەتكە ئەۋەتىلىشىنى تەلەپ قىلىپ، ئەنقەرەدىكى تايلاند ئەلچىخانىسى ئالدىدا پارلامېنت ئەزالىرى، سىياسىي پارتىيە ۋە ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن مەتبۇئات باياناتى ئېلان قىلىندى ھەمدە تەلەپ خېتى ئەلچىخانىغا تاپشۇرۇلدى.

2. غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ 28 يىللىقى ئەنقەرەدە خاتىرىلەندى

«دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپى» ۋە باشقا قېرىنداش تەشكىلاتلارنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن،  «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى»نىڭ 28 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن شەھىدلەرنى ئەسلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتكە پارلامېنت ئەزالىرى، مۇخبىرلار ۋە ئاكادېمىكلار قاتناشتى.

3. مەرھۇم مەمەت رىزا بېكىن پاشا ئەسلەندى

شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ سابىق رەئىسى مەرھۇم مەمەت رىزا بېكىن پاشا ۋاپاتىنىڭ 15 يىللىقىنى ئەسلەش پائالىيىتى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەت دائىرىسىدە «شەرقىي تۈركىستان كۈرىشى» تېمىسىدا سۆھبەت يىغىنى ئېلىپ بېرىلدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن «ئازفلى جەمئىيىتى»گە ۋە ئادۋوكات ئارزۇمان ئازافلىغا ئالاھىدە تەشەككۈر ئېيتىمىز.

4. بارىن ئىنقىلابىنىڭ 35 يىللىقى ۋە بارىن روھى خاتىرىلەندى

شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىرلىكى تەرىپىدىن 5-ئاپرېل بارىن ئىنقىلابىنىڭ 35 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەسلەش ۋە دۇئا قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا بارىن روھىنىڭ خەلقىمىزگە بولغان تەسىرى ۋە ئازادلىققا بولغان ئىشەنچ مۇزاكىرە قىلىندى.

5. «ياۋرو-ئاسىيا بىر ۋەخپىسى»دە لېكسىيە بېرىلدى

«ياۋرو-ئاسىيا بىر ۋەخپى» تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان تېمىسىدىكى يىغىنغا سۆزلىگۈچى سۈپىتىدە قاتناشتۇق. ۋەخپە رەئىسى شابەن گۈلباھار ئەپەندى ۋە باشقا سۆزلىگۈچىلەرگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز.

6. سىياسىي پارتىيەلەر بىلەن ئۇچرىشىش ئېلىپ بېرىلدى

تۈركىيە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىرلىكى سۈپىتىدە، ئەنقەرەدە سىياسىي پارتىيە رەھبەرلىرى ۋە پارلامېنت ئەزالىرىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە قىلىنىشقا تېگىشلىك خىزمەتلەر ھەققىدە تەلەپلىرىمىزنى سۇندۇق.

7. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئىستانبۇلدا زىيارەتتە بولدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندىنى كۈتۈۋېلىش ۋە ئىستانبۇلدىكى تەشكىلات مەسئۇللىرى، ئۆلىمالار، زىيالىيلار ۋە ياشلار بىلەن جەم بولۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

8. زەپەر پارتىيەسىگە زىيارەت ئېلىپ بېرىلدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن باشچىلىقىدىكى ھەيئەت «زەپەر پارتىيەسى» رەئىسى پىروفېسسور ئۈمىت ئۆزداغنى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆرسەتكەن قىزغىنلىقىغا تەشەككۈر بىلدۈردى.

9. «يېڭىدىن رەفاھ» پارتىيەسى بىلەن كۆرۈشۈش

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەيئىتى «يېڭىدىن رەفاھ» پارتىيەسى رەئىسى دوكتور فاتىھ ئەرباكاننى زىيارەت قىلىپ، ئۇيغۇر داۋاسىنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن مىننەتدارلىق بىلدۈردى.

10. ئۇيغۇر كىملىكىنى قوغداش يىغىنىدا دوكلات بېرىلدى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى تەرىپىدىن ئەنقەرەدە ئۇيۇشتۇرۇلغان «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى داۋاملىشىۋاتقان پەيتتە ئۇيغۇر كىملىكىنى قوغداش» تېمىسىدىكى يىغىندا، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئارا ھەمكارلىقنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە دوكلات بەردۇق.

11. ئىشغالىيەتنىڭ 76-يىلىغا قارشى نامايىش ئېلىپ بېرىلدى

شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي كومپارتىيەسى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغانلىقىنىڭ 76 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىرلىكتە نامايىش ئۆتكۈزۈپ، ئىشغالىيەتنى ھەرگىز قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

12. 12-نويابىر جۇمھۇرىيەت بايرىمى تەبرىكلەندى

ئىستانبۇلدا 12-نويابىر شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن چوڭ تىپتىكى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتكە زەيتىنبۇرنۇ رايونلۇق ھۆكۈمەت باشلىقى دوكتور ئادەم ئۇسلۇ ۋە كۆپلىگەن تەشكىلات رەئىسلىرى قاتناشتى.

13. ئىسا يۈسۈپ ئالپتېكىننى ئەسلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

مەرھۇم رەھبىرىمىز ئىسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ۋاپاتىنىڭ 30 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، «ئىسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ۋەخپى» ۋە «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپى» تەرىپىدىن «ئۈچ ئەپەندىلەر ۋە شەھىدلەرنى ئەسلەش پائالىيىتى» ئۆتكۈزۈلدى.

ئۇچۇرلارنى رەتلەپ تەييارلىغۇچى: تايىر ئىمىن،نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر پوچتىسغا تەۋە، رۇخسەتسز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ.


ئۇيغۇر پوچتىسى دىن تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى بايقاڭ

يېڭى يازمىلاردىن ئېلخەت ئارقىلىق خەۋەردار بولۇش ئۈچۈن مۇشتەرى بولۇڭ

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۇيغۇر پوچتىسى دىن تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى بايقاڭ

داۋاملىق ئوقۇش ۋە تېخىمۇ كۆپ ماتېرىياللارغا ئېرىشىش ئۈچۈن تىزىملىتىڭ.

داۋاملىق ئوقۇڭ