دېكابىر 29, 2025

 ب د ت تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان «دۇنيا تۈركىي تىل ئائىلىسى كۈنى» تۈرك دۇنياسىنىڭ بىرلىكى ئۈچۈن بىر ئابىدە دەپ قارالغان بولسىمۇ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ سىستېمىلىق ھالدا چەتكە قېقىلىشى كۈچلۈك نارازىلىق قوزغىدى.

تاهىر ئىمىن ئۇيغۇرىيان | 15-دېكابىر

2025-يىلى نويابىردا،  ب د ت يۇنېسكو (مائارىپ- پەن- مەدەنىيەت- تەشكىلاتى)نىڭ سەمەرقەنتتە ئۆتكۈزۈلگەن 43- نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىدا، 15-دېكابىر رەسمىي ھالدا «دۇنيا تۈركىي تىل ئائىلىسى كۈنى» دەپ ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ قارار تۈركىي تىللاردا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تىل مىراسلىرىنى ۋە مەدەنىيەت بىرلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى سىمۋوللۇق بىر ئابىدە بولۇپ قالغان. مەزكۇر تەشەببۇس تۈركىي دۆلەتلەر تەشكىلاتى (OTS) غا ئەزا دۆلەتلەر — تۈركىيە، ئەزەربەيجان، قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستان تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، باشقا 26 دۆلەت بۇ تەكلىپنى ئورتاق قوللىغان.

تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈش ۋە رەسمىي بايانلار

تۈركىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلى (TRT Haber) نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ تەشەببۇس تۈركىي تىللارنىڭ ساقلىنىشى، كېيىنكى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈلۈشى ۋە دۇنياۋى تەسىرىنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىكەن. بۇ تىرىشچانلىق 8-ئەسىردىكى ئورخۇن ئابىدىلىرىدىن تارتىپ، تۈركىي دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىكىدە قۇرۇلىۋاتقان «ئورتاق تۈرك ئېلىپبەسى» گىچە بولغان جەريانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇ تەشەببۇسنىڭ تۇنجى يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قلىنغان ب د ت باياناتىدا مۇنداق دېيىلگەن: «15-دېكابىرنىڭ تاللىنىشى تىلشۇناسلىق ساھەسىدىكى تارىخىي بىر دەقىقىگە باغلىق. 1893-يىلى دەل مۇشۇ كۈندە، دانىيەلىك تىلشۇناس ۋىلخېلم تومسېن تۈركىي تىل ئائىلىسىنىڭ ئەڭ قەدىمىي يازما يادىكارلىقلىرىدىن بىرى بولغان ئورخۇن ئابىدىلىرىنىڭ ئېلىپبەسىنى يېشىپ چىققانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئۇنىڭ بۇ بۆسۈش خاراكتېرلىك تەتقىقاتى بۈگۈنكى كۈندە ياۋرۇ-ئاسىيا قىتئەسىدىكى ئونلىغان جەمئىيەتلەرنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرغان تىل ئەنئەنىسىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىشكە يول ئاچقان.»

تۈركىيە دائىرىلىرى پرېزىدېنت رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۈركىي دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باشلىقلار يىغىنلىرىدىكى دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلىرىنىڭ بۇ تەشەببۇسنىڭ قوبۇل قىلىنىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

تۈركىي دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە خەلقئارا تۈرك مەدەنىيىتى تەشكىلاتى (TÜRKSOY) مۇ 15-دېكابىرنى «مىڭ يىللىق مىراسنىڭ ئاۋازى» ناملىق سۆھبەت يىغىنلىرى ۋە تۈرلۈك پائالىيەتلەر بىلەن قۇتلىدى. تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان باياناتىدا: «ئېلىنغان بۇ قارار تۈرك دۇنياسىنىڭ ئورتاق مىراسى بولغان تۈرك تىلىنى قوغداش ۋە كەلگۈسى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈش يولىدىكى بىرلىكتە ئېلىپ بېرىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرىمىزنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرىدۇ» دەپ كۆرسەتتى.

ئۇيغۇر تىلىنىڭ سىستېمىلىق سىرتتا قالدۇرۇلىشى

گەرچە تۈركىي دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ئەزا دۆلەتلەر بۇ قارارنى قىزغىن تەبرىكلىگەن بولسىمۇ، ئەمما بارلىق رەسمىي باياناتلاردا ئۇيغۇر خەلقى، ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر ۋەتىنىگە ئائىت ھېچقانداق ئۇچۇر تىلغا ئېلىنمىغان. بۇ سۈكۈت ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئەڭ قەدىمىي تۈركىي تىللاردىن بىرى ئىكەنلىكى ۋە ئۇيغۇر ۋەتىنىنىڭ تۈركىي ئەدەبىياتنىڭ ئەڭ مۇھىم ئەسەرلىرى بولغان مەھمۇد كاشغەرىنىڭ «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇ بىلىگ» يېزىلغان مەركەز ئىكەنلىكىدەك تارىخىي ھەقىقەتكە پۈتۈنلەي زىتتۇر.

«ئۇيغۇر پوچتىسى»نىڭ ھەمكار تاراتقۇسى بولغان «ئۇيغۇر تايمىز» (Uyghur Times) نىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، تۈركىي دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ رەسمىي تور بېتىدىكى ئالاقىدار مەزمۇنلاردا «ئۇيغۇر»، «شىنجاڭ» ياكى «شەرقىي تۈركىستان» دېگەن سۆزلەر بىر قېتىممۇ تىلغا ئېلىنمىغان.

ئاكادېمىك ۋە سىياسىي تەنقىدلەر

ئۇيغۇر تىلىنىڭ رەسمىي تەشۋىقات ماتېرىياللىرىدىن چەتكە قېقىلىشى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە پائالىيەتچىلىرىنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىدى. ئامېرىكانىڭ ۋىرجىنىيە شىتاتىغا جايلاشقان ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى (Center for Uyghur Studies) مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، دۇنيا جامائىتىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر تىلىنى يوقىتىش سىياسىتىگە دىققەت قىلىشقا ئۈندەش بىلەن بىرگە، يۇنېسكونى بۇ كۈننىڭ رېئاللىقتىن ئايرىلغان قۇرۇق سىمۋوللۇق تەبرىكلەشكە ئايلىنىپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىردى. بۇ ئورۇننىڭ ئىجرائىىيە مۇدىرى ئابدۇلھېكىم ئىدرىس ئۆزىنىڭ ئورگان تور بېتىدىكى باياناتىدا مۇنداق دېدى: «يۇنېسكو دۇنيا تۈركىي تىل كۈنى تەشەببۇسىنى باشلىغان بىر پەيتتە، بارلىق تۈركىي تىللارنىڭ يىلتىزى بولغان ئۇيغۇر تىلى ۋەتىنىمىزدە خىتاي دۆلىتى تەرىپىدىن يوقىتىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە. خىتاي مەكتەپلەردە ئانا تىلىمىزنى جىنايەت دەپ بېكىتتى، دەرسلىكلىرىمىزنى ۋەيران قىلدى ۋە تىلىمىزنىڭ ھامىيلىرىنى تۈرمىگە تاشلىدى. بىز  تۈركىي تىل ئائىلىسى ئىچىدىكى ئەڭ كۆپ زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقان بىر ئەزا سۈپىتىدە، سىستېمىلىق يوقىتىلىشىغا سۈكۈت قىلىپ تۇرۇپ، تۈركىي تىلنىڭ كۆپ خىللىقىنى ھۆرمەت قىلىمىز دەپ دەۋا قىلالمايمىز.»

ئۇيغۇر زىيالىيسى، شەرقى تۈركستان سۈرگۈن ھۆكۈمىتىنىڭ پىرېزدېنتى مەمتىمىن ئەلا تۈركىي دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تەشۋىقاتلىرىدىكى كەمچىلىكلەرنى تەنقىد قىلىپ: «15-دېكابىر دۇنيا تۈركىي تىلى كۈنى دەپ ئېلان قىلىندى، ئەمما تەشۋىقات ماتېرىياللىرىدا ئۇيغۇر تىلى ۋە شەرقىي تۈركىستان بايرىقى چەتكە قېقىلدى. ئۇيغۇر تىلى بولمىسا، تۈركىي تىل ئائىلىسى تولۇق بولمايدۇ ۋە ئەھمىيىتىنى يوقىتىدۇ» دەپ يازدى.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، «ئورتاق تۈرك ئېلىپبەسى» كەبى مەدەنىيەت بىرلىكى تەشەببۇسلىرى سىستېمىلىق زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان تۈركىي تىل ۋە جەمئىيەتلەرگە سەل قارىغاندا، ئۆزىنىڭ ئەخلاقىي ئاساسىنى يوقىتىپ قويىدۇ.

تۈركىي دۆلەتلەر تەشكىلاتى 2009-يىلى قۇرۇلغان تۈركىي دۆلەتلەر كېڭىشىدىن تەرەققىي قىلىپ، 2021-يىلى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن 8-نۆۋەتلىك كېڭەشتە ئىسمى «تۈركىي دۆلەتلەر تەشكىلاتى»غا ئۆزگەرتىلگەن بولۇپ، باش شتابى ئىستانبۇلغا جايلاشقان. مەزكۇر تەشكىلات گەرچە ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدا ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلسىمۇ، ئەمما بۇ تەشكىلاتنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى ئىزچىل سۈكۈتى بىر چوڭ كەمتۈكلۈك سۈپىتىدە قالماقتا.

بۇ خەۋەر-ئۇيغۇر تايمىزدا ئېلان قىلىنغان ئىنگىلىزچە خەۋەردىن تەرجىمە قىلىنغان.


Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe to get the latest posts sent to your email.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe now to keep reading and get access to the full archive.

Continue reading