نويابىر 21, 2025
yalqun-rozi-qelemkeshler

مۇھەممەت ئابدۇمىجىت، ئۇيغۇر پوچتىسى، 16-نويابىر

خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى (PEN International) 15-نويابىر دۇنيا مەھبۇس يازغۇچىلار كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن لوندون شەھىرىدە ئۇيۇشتۇرغان پائالىيەتتە، خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان ئۇيغۇر يازغۇچى ۋە ئوبزورچى يالقۇن روزىنى ھىمايە قىلىش چاقىرىقى ئېلان قىلدى.

بۇ كۈن يېزىقچىلىق سەۋەبىدىن تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان قەلەمكەشلەرنى ئەسلەش ۋە ئۇلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش مەقسىتىدە تەسىس قىلىنغان بولۇپ، PEN International ھەر يىلى 15-نويابىردىن 10-دېكابىرغىچە بولغان مەزگىلدە مەخسۇس چاقىرىق يايدۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ يىللىق ھىمايە قىلىش تىزىملىكىگە تۆت نەپەر مەھبۇس يازغۇچى ۋەكىل سۈپىتىدە تاللانغان بولۇپ، ئۇلار يالقۇن روزى (ئۇيغۇر)، رورى برانكېر (ۋېنېزۇئېلا)، مۇھەممەد تاجەدىن (ئالجىرىيە)، مىزىيا ئاماگلوبېلى (گىرۇزىيە) قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

خەلقئارا قەلەمكەشلەر مەركىزى تور بېتىدە ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىدا يۇقىرىقى يازغۇچىلار ئۈچۈن ئايرىم-ئايرىم تونۇشتۇرۇش ۋە چاقىرىق ئېلان قىلغان بولۇپ، يالقۇن روزىغا ئاتالغان چاقىرىقتا، ئۇنى دەرھال ۋە شەرتسىز قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

يالقۇن روزىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ھىمايە قىلغانلىقى جىنايەت ھېسابلاندى

خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى تور بېتىدە (PEN International) يالقۇن روزىنىڭ قەلەم ئارقىلىق تىنچ يول بىلەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە كىملىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەشەببۇس قىلغانلىقى ئۈچۈن جازالانغانلىقىغا ئورۇن بەرگەن.

جەمئىيەتنىڭ يوللانمىسىدا مۇنداق دېيىلگەن:
💬 «يالقۇن روزى تىنچ يول بىلەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، تىلى ۋە كىملىكىنى ئىلگىرى سۈرگىنى ئۈچۈن جازا ئۆتەۋاتىدۇ. ئۇنىڭ خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىكى تەستىقلىغان ئۇيغۇر دەرسلىكلىرىنى نەشىر قىلغاندىن كېيىن تۇتقۇن قىلىنىشى كۈلتۈرەل ئىپادە ۋە ئىنتېللېكتۇئال ئەركىنلىككە قارشى ئوچۇق-ئاشكارا ھۇجۇمدۇر.»

يوللانمىنىڭ داۋامىدا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن يالقۇن روزىنى دەرھال قويۇپ بېرىش، بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ۋە «شىنجاڭ» رايونىدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان سىستېمىلىق كۈلتۈرەل يوقىتىش سىياسىتىنى توختىتىش تەلەپ قىلىنغان.

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن: يالقۇن روزى ئۆزىنىڭ گۇناھىسزلىققا ئىشىنەتتى

ئاممىغا ئوچۇق مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا، خەلقىئارا قەلەمكەشلەر ئۇيغۇر مەركىزى (International PEN Uyghur Centre)نىڭ رەئىسى ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر مەركىزىگە ۋاكالىتەن پائالىيەتكە قاتناشقان بولۇپ، يالقۇن روزى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن تۇتقۇندىن ئىلگىرىكى ئۇچرىشىشنى يىغىن ئەھلى بىلەن ئورتاقلاشقان.
ئۇلار 2016-يىلى بىشكەكتە كۆرۈشكەن بولۇپ، يالقۇن روزى خىزمىتىدىن توختىتىلغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن.

«سەۋەبىنى سورىغىنىمدا ‘خىتايلارنى خۇرسەن قىلغۇدەك ئىش قىلمىدىم’ دەپ جاۋاب بەرگەنىدى. ئاندىن ‘ئۈرۈمچىگە قايتىمەن، ھېچىش قىلمايمەن، ھېچقانداق گۇناھىم يوق’ دېگەنىدى. ئۇ ناھايىتى خاتىرجەم كۆرۈنەتتى، ئۆزىنىڭ ھېچقانداق خاتالىق قىلمىغانلىقىغا تولىمۇ ئىشىنەتتى» دەيدۇ ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن.

ئەزىز ئەيسا بۇ ئەسلىمە ئارقىلىق، يالقۇن روزىنىڭ ئۆزىنىڭ بىگۇناھلىقىغا ئىشەنگەن ھالدا قايتىپ كېتىپ، ئارىدىن ئالتە ئاي ئۆتكەندىن كېيىنلا تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

شائىر ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن يەنە، يالقۇن روزىنىڭ مەسىلىسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىگە دىققەت تارتقان. ئۇ مۇستەقىل ئۇيغۇر سوتى ۋە ب د ت مەلۇماتلىرىغا ئاساسلىنىپ، ئۈچ مىليوندىن ئارتۇق گۇناھسىز ئۇيغۇرنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا ياكى قاماق لاگېرلىرىدا تۇتۇلۇۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا، يالقۇن روزىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 500 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر يازغۇچى، شائىر ۋە مۇنەۋۋەرلەرنىڭ لاگېرلاردا ياكى تۈرمىلەردە بىگۇناھ جازالىنىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.

خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى: يالقۇن روزى قويۇپ بېرىلسۇن

خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى يالقۇن روزىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن خىتاينىڭ ب د ت دىكى ۋەكىلى چېن شۈنگە ئوبيېكت قىلغان بىر ئىمزا توپلاش چاقىرىقى ئېلان قىلغان.

چاقىرىق خېتىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە بولۇپ، ئىختىيار قىلغانلار ئاستىدىكى ئۇلىنىش ئارقىلىق چاقىرىققا ئاۋاز قوشالايدىكەن: «مەن سىزدىن يالقۇن روزىنى دەرھال ۋە شەرتسىز قويۇپ بېرىشىڭىزنى، ئۇنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشىڭىزنى ۋە ئۇيغۇر يازغۇچى-مۇنەۋۋەرلىرىنىڭ قانۇنىي ۋە ئىنسانىي ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىمەن. ئىپادە ئەركىنلىكى ۋە كۈلتۈرنى ئىلگىرى سۈرۈش ئاساسلىق ئىنسانىي ھوقۇقتۇر».​​​​​​​​​​​​​​​​

ئىمزا قويۇش ئادرىسى: https://www.pen-international.org/our-campaigns/day-of-the-imprisoned-writer-2025


Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe to get the latest posts sent to your email.

2 thoughts on “دۇنيا مەھبۇس يازغۇچىلار كۈنىدە يالقۇن روزىنى قويۇپ بېرىش چاقىرىقى ئېلان قىلىندى

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe now to keep reading and get access to the full archive.

Continue reading