پېيرو توزىنىڭ تەبرىك سۆزى: سىلەر ئەسلەرنى ۋە بىر خەلقنىڭ روھىنى ساقلاپ قېلىۋاتىسىلەر
(ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ئالاھىدە كومىتېتىنىڭ دېرىكتورى پېيرو توزىنىڭ «ئۇيغۇر پوچتىسى»نىڭ قۇرۇلۇش مۇراسمىدا سۆزلىگەن سۆزى)
مېنى «ئۇيغۇر پوچتىسى»نىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمىغا ۋە ئۇيغۇر تىلىدىكى تاراتقۇلارنىڭ رولى توغرىسىدا سۆز قىلىشقا تەكلىپ قىلغىنىڭلارغا رەھمەت. بۇ يەردىكى بىرمۇنچە دوستلار ئارىسىدا بولۇش مېنى خۇشال قىلدى.
ئۆتكەن ھەپتە ھىندىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن بىر مۇنبەردە، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدە يولغا قويۇلماقچى بولغان مىللەتلەر ئىىتتپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇن لايىھەىسى ھەققىدە تور ئارقىلىق سۆزلەش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ئىدىم. ئۇ مۇنبەردە ئاشۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ خىتاينىڭ ھازىرقى تېرىتورىيىسى ئىچىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا بولغان تەسىرى مەركىزى تېما بولغانىدى، رۇشەن ئابباس خانىممۇ ئۇ مۇنبەردە سۆز قىلدى.
ئاشۇ قانۇن لايىھەسىدە ئىپادىلەنگەندەك، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى ئوتتۇرىغا قويغان «بىرلىك» ئىدىيىسى ئۆزلىرى «باشقا» دەپ قارىغان كىشىلەرنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل ۋە باشقا ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ مەدەنىيىتىنى يوقىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ.
شۈبھىسىزكى، بىز مەدەنىيەتنى يوقىتىشنىڭ ئاقىۋەتلىرىگە ئاللىقاچان شاھىت بولدۇق: بالىلارنى ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىپ مۇستەملىكە ياتاقلىق مەكتەپلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇش، خىتايلارنى ئۇيغۇر ئۆيلىرىگە ھەتتا كارۋاتلىرىغىچە كىرگۈزىدىغان «قوشماق تۇغقان بولۇش» پروگراممىلىرىنى يولغا قويۇش، ئارىلىشىپ نىكاھلىنىشقا مەجبۇرلاش ھەمدە ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىتىشنى چەكلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا خىتاي تىلىنى مەجبۇرىي ئىجرا قىلىش قاتارلىقلار.
بۇ سىياسەتلەرنى مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش ۋە مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش (مەجبۇرىي ئەزا يىغىۋېلىشنى دېمىگەندىمۇ) بىلەن قوشقاندا، بۇ ئومۇمىي جەھەتتىن بىر خەلقنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇشنى، شۇنداقلا مېنىڭچە، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسى بويىچە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى شەكىللەندۈرىدۇ.
بۇ يەنە سىلەرنىڭ «ئۇيغۇر پوچتىسى» ۋە ئۇيغۇر تىلىدىكى تاراتقۇلار ئارقىلىق قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنىڭ نېمە ئۈچۈن شۇنچە مۇھىم ئىكەنلىكىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ: سىلەر ئەسلەرنى ۋە بىر خەلقنىڭ روھىنى ساقلاپ قېلىۋاتىسىلەر.
بۈگۈنكى كۈندە بۇ خىل تاراتقۇلارغا ئالاھىدە ئېھتىياج بار، چۈنكى بىز بېيجىڭنىڭ پۈتۈن خىتايدا خىتاي تىلىنى ئۆلچەملەشتۈرمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرىۋاتىمىز؛ خىتاي تىلى پەقەت ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ياكى تىبەتتىلا ئەمەس، بەلكى دائىم خىتاي «شېۋىلىرى» دەپ ئاتالغان، ئەمما ئەمەلىيەتتە كانتونچە، شاڭخەيچە ياكى خوككىن تىلى (فۇجىيەن يەرلىك تىلى-ت) قاتارلىق ئايرىم تىللار دەپ تۈرگە ئايرىشقا بولىدىغان تىللارنىڭمۇ ئورنىنى ئالماقچى. بۇ ئارقىلىق، خىتاي كومپارتىيىسى تولدۇرۇشقا بولىدىغان ھەمدە تولدۇرۇشقا تېگىشلىك بىر بوشلۇقنى پەيدا قىلدى. نۆۋەتتە، ئۇيغۇر تىلىدىكى تاراتقۇلارغا، شۇنداقلا ختاي تىلىدىن باشقا تىللاردىكى تاراتقۇلارغا ھەقىقىي ئېھتىياج ۋە پۇرسەت يارىتىلدى.
ئاراڭلاردىكى بەزى مۇخبىرلار ۋە تاراتقۇ ساھەسدىكى تالانتلىق كىشىلەرنىڭ ئامېرىكا ئاۋازى ياكى ئەركىن ئاسيا رادىئوسىدا خىزمەت قىلغان تارىخى بار. بىز ئامېرىكا پارلامېنتى خىتاي ئىجرائىيە كومىتېتى يېقىندا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدىن ئىنتايىن ئىقتىدارلىق بىر مۇخبىرنى ئۆزىمىزنىڭ ئالاقە ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا تەكلىپ قىلدۇق. شۇڭا مەن «ئۇيغۇر پوچتىسى»دىن ئىبارەت بۇ يېڭى تاراتقۇنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىنى كۆرۈپ تولىمۇ خۇشال بولدۇم، چۈنكى بىز تەرەپتىىكى بىر بوشلۇقمۇ تولدۇرۇلدى.
سىلەر ئۆزىڭلارنىڭ مۇلازىمەت ۋە بىلىم تارقىتىش ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىۋاتقىنىڭلاردا، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ يالغانلىرىغا ۋە ساختا تەشۋىقاتلىرىغا قارشى تۇرۇپ، ھەقىقەتنى پاكىت بىلەن تەمىنلىشىڭلار كېرەك؛ ئەمەلىيەتەنى راستچىللىق بىلەن خەۋەر قىلىش زۆرۈر ھەم ئىنتايىن مۇھىم. خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ تەشۋىقاتچىلىرى سىلەرنىڭ پاكىت جەھەتتىكى ھەرقانداق خاتالىقىڭلارنى تۇتىۋېلىپ، ئىناۋىتىڭلارنى تۆكۈشكە ئۇرۇنىدۇ، ئۇلارغا بۇنداق پۇرسەتنى بەرمەڭلار.
سىلەر ھەقىقەتنى ئاشكارىلاشقا بولغان قەتئىيلىكىڭلاردا ۋە ئاخباراتچىلىقنىڭ ئەڭ يۇقۇرى ئۆلچىمىگە بولغان ساداقىتىڭلادا چىڭ تۇرساڭلار، يالغۇز خىتاي تېرىتورىيىسىدىكى ئۇيغۇر تىللىق كىشىلەرگىلا ئەمەس، بەلكى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ ياخشى خىزمەت قىلالايسىلەر.
كومىتېتىمىزنىڭ خىزمەتلىرى يۇقۇرى سۈپەتلىك ئاخبارات خەۋەرلىرىگە مۇھتاج، شۇڭا خەۋەرلىرىڭلارنىڭ چىنلىقى بىز ئۈچۈنمۇ زۆرۈر.
سىلەرنىڭ ھەقىقەتكە بولغان ئەنە شۇ ساداقىتىڭلار ئاخىردا خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ يالغانلىرى ۋە ساختا تەشۋىقاتلىرى بىلەن روشەن سېلىشتۇرما بولىدۇ. شۇڭا مەن سىلەرنى رىغبەتلەندۈرىمەن ۋە سىلەرگە رەھمەت ئېيتىمەن. خىزمىتىڭلارنىڭ ئەھمىيىتى ناھايىتى زور. ئاللاھ سىلەرگە ۋە سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلارغا بەرىكەت بەرسۇن، سىلەرنى، مۇخبىرلىرىڭلارنى ۋە خىزمەتچى خادىملىرىڭلارنى ئامان قىلسۇن. رەھمەت.
نۇتۇقنىڭ ئىنگىلىزچىسنى بۇ يەردىن ئوقۇڭ
Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى
Subscribe to get the latest posts sent to your email.
