ئۇيغۇر پوچتىسى، 4-مارت

ئىھسان ئۇمۇن

ئۇيغۇر دىياسپوراسىدا مىللىي كىملىكنى ساقلاش ۋە تارىخىي ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش مەقسىتىدە، تونۇلغان تارىخچى دوكتور نەبىجان تۇرسۇن تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان مەخسۇس «ئۇيغۇر تارىخى دەرسخانىسى» رەسمىي دەرس باشلىدى. نۆۋەتتە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى يۈزلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ قىزغىن قاتنىشىشى بىلەن داۋاملىشىۋاتقان بۇ لىكسىيەلەر، ئۇيغۇر تارىخىنى ئاكادېمىك ئۆلچەمدە سىستېمىلىق ئۆگىنىشنىڭ تۇنجى قېتىملىق چوڭ تىپتىكى تور مەكتىپى بولۇپ قالدى.

ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر دەرسلەر نۆۋەتتە «زۇم» (Zoom) سۇپىسى ئارقىلىق دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان ۋاقىت رايونلىرىغا ماسلاشتۇرۇلغان ھالدا ئېلىپ بېرىلماقتا. دوكتور نەبىجان تۇرسۇننىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر دەرىسخانىنىڭ ھازىرغا قەدەر ئامېرىكا، كانادا، ياۋروپا، ئاۋسترالىيە ۋە ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن 90 غا يېقىن ئەزاسى بار ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرى ۋە پەرزەنتلىرىنى قوشقاندا 200 ئەتراپىدا ئادەم بۇ دەرسلەرنى سىستېمىلىق ئاڭلاۋاتقان بولۇپ، ئەزالار سانى كۈندىن-كۈنگە كۆپەيمەكتە.
دوكتور نەبىجان تۇرسۇن بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
«مەخسۇس سىستېمىلىق ئۇيغۇر تارىخى دەرسى بۇرۇن ھېچقانداق يەردە بولغان ئەمەس، ھازىرمۇ يوق. بۇ تونۇلغان بىر ئۇيغۇر تارىخشۇناسى تەرىپىدىن تۇنجى قېتىم سىستېمىلىق دەرس قىلىپ تەسىس قىلىنىشىدۇر. بىر يىللىق پىلانلانغان بۇ دەرسلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمدىن ھازىرغىچە بولغان بارلىق دەۋرلىرى ئۆزۈمنىڭ 13 توملۇق <ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى> ئەسىرى ئاساسىدا، ئاكادېمىك ئۆلچەمدە سۆزلىنىدۇ.»

دوكتور نەبىجان تۇرسۇن نۆۋەتتە ئۇيغۇر تارىخىنىڭ خىتاي تەرىپىدىن ئۆچۈرۈلۈش، ئۆزگەرتىلىش ۋە يوقىتىلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا تارىخنى ئادىل ۋە ئىلمىي شەرھلەشنىڭ جىددىي زۆرۈرىيەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە، دىياسپورادىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا، مەيلى زىيالىي ياكى سىياسەتچى بولسۇن، ئومۇمىي يۈزلۈك «تارىخىي ساۋاتسىزلىق»نىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئوتتۇرىغا قويدى:
«تارىخ تەرەققىيات ئەينىكى، كەلگۈسىگە يول كۆرسەتكۈچتۇر. تارىخىنى بىلمىگەن، ئۆگەنمىگەن ۋە ئۆگىنىشتىن مەھرۇم قالدۇرۇلغان مىللەت ئۆز كەلگۈسىنى توغرا كۆرەلمەيدۇ. خۇلاسە شۇكى، ئۆتمۈشسىز، تارىخسىز كەلگۈسى يوق.»

بۇ لىكسىيەلەر پەقەتلا شەرقىي تۈركىستان دائىرىسى بىلەن چەكلىنىپ قالماي، «ياۋرو-ئاسىيا ئۇيغۇر تارىخى» نامىدا كەڭ دائىرىلىك مەركىزىي ئاسىيا ۋە تۈركىي خەلقلەر تارىخى بىلەن باغلىنىشلىق ھالدا ئۆتۈلمەكتە. دەرىس ھەقلىق بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار تېزىملىتىش ئارقىلىق قاتناشسا بولىدىكەن.

لىكسىيەگە قاتنىشىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار دوكتور نەبىجان تۇرسۇننىڭ لىكسىيەلىرىدىن ئالغان تەسىراتلىرىنى ناھايىتى يۇقىرى باھالىماقتا. ئامرىكىدىن بۇ لىكسىيەگە قاتنىشىۋاتقان تونۇلغان جامائەت ئەربابى سەمەت ئاۋۇت ئۆز تەسىراتىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
«بىز ۋەتەندە ئوقۇغان تارىخىي رومانلاردا ھېسسىيات ۋە پەرەزلەر كۆپ ئىدى. لېكىن دوكتور نەبىجان تۇرسۇننىڭ لىكسىيەلىرى ئۇزۇن ۋاقىتلىق ئىلمىي تەتقىقات ۋە پاكىتلارغا ئاساسلانغانلىقى ئۈچۈن، بىز بۇرۇن بىلمەيدىغان نۇرغۇن يېڭى بىلىملەرگە ئېرىشىۋاتىمىز. لىكسىيەلەر جەلىپ قىلارلىق سۆزلىنىۋاتىدۇ. ئۆز تارىخىمىزنى، دوكتۇر نەبىجان تۇرسۇندەك تارىخ تەتقىقات ئالىملىرىمىزدىن ئاڭلاشنىڭ نەقەدەر زۆرۈر ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ھېس قىلىۋاتىمەن.»

مەزكۇر ئوقۇغۇچى يەنە ياش ئەۋلادلارنى ئۆز مىللىتىنىڭ تارىخىنى تىرىشىپ ئۆگىنىشكە، شۇنداق قىلغاندىلا مىللىي غۇرۇر ۋە سۆيگۈنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىنى تەۋسىيە قىلدى.


دوكتور نەبىجان تۇرسۇننىڭ بۇ تۈردىكى سىستېمىلىق لىكسىيەلىرىنىڭ كېڭىيىپ بېرىشى، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ كىملىك يىلتىزىنى ساقلاپ قېلىشىدا مۇھىم بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قالىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.


ئۇيغۇر پوچتىسى دىن تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى بايقاڭ

يېڭى يازمىلاردىن ئېلخەت ئارقىلىق خەۋەردار بولۇش ئۈچۈن مۇشتەرى بولۇڭ

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۇيغۇر پوچتىسى دىن تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى بايقاڭ

داۋاملىق ئوقۇش ۋە تېخىمۇ كۆپ ماتېرىياللارغا ئېرىشىش ئۈچۈن تىزىملىتىڭ.

داۋاملىق ئوقۇڭ