ئەركىن سىدىق
ھازىر خىتاينىڭ كەڭ كۆلەملىك ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى باشلىغىنىغا توققۇز يىل بولاي دەپ قالدى. مۇشۇنداق بىر كۈندە ئۇيغۇرلار چەت ئەلدە ئېلىپ بېرىۋاتقان مىللىي ئازادلىق دەۋاسى بۇرۇنقى ھەر قانداق دەۋرلەردىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ كېڭەيدى ۋە كۈچەيدى. چەت ئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە ئۆزئارا ئۇيۇشۇپ، ناھايىتى كۈچلۈك بىرلىك سەپ ھاسىل قىلدى. ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى چەت ئەلدە ساقلاپ قېلىش جەھەتتىكى ئىشلار بۇرۇنقى ۋاقىتلاردىكىدىن تېخىمۇ ياخشى تەشكىللەندى، پائالىيەتلەر سىستېمىلاشتۇرۇلدى، كېڭەيتىلدى ۋە كۈچەيتىلدى. ئۇيغۇر پروجېكت فوندى قىلىۋاتقان ئىشلار ئەنە شۇ ساھەدىكى ئىشلارنىڭ مۇھىم بىر قىسمى. چەت ئەللىكلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆرسەتكەن ھېسداشلىقى ۋە ياردىمىمۇ كېڭەيدى ۋە كۈچەيدى. ئەمما ۋەتەندىكى زۇلۇم، ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلۇقنىڭ يوقىلىش يۈزلىنىشى ۋە ئۇيغۇر ۋەتىنىنىڭ ۋەيران قىلىنىشى ئاستىلىمىدى ياكى ئاجىزلىمىدى. ئەكسىچە، بۇرۇنقىدەكلا ھەتتا بۇرۇنقىدىنمۇ ۋەھشىي ھالدا ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. بۇنداق ئەھۋال يېقىنقى كۈنلەردە چەت ئەلدە ياشاۋاتقان خېلى كۆپ ساندىكى قېرىنداشلارنىڭ ئۈمىدسىزلىنىشىنى، ھەتتا چۈشكۈنلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشقا باشلىدى. دەۋرىمىزدە دىئاسپورادىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئىككى خىل كىشىلەر توپى گەۋدىلىنىشكە باشلىدى: ئۇنىڭ بىرى، خىتاينىڭ چىشىغا تەگمەي، ئۆز ئىشىنى قىلىپ ياشاۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار؛ يەنە بىرى، ئۆزىنىڭ قولىدىن كەلگەننى قىلىپ، بارلىق تىرىشچانلىقى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى قۇتقۇزۇش يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار. ئۇيغۇر پروجېكت فوندى ۋە «مەشئەل ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى» دىكى قېرىنداشلار مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيتتە ئۆزىمىزنى قۇتقۇزۇش يوللىرى ئۈستىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان ئاشۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمىدىن تەركىب تاپقان.
ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى تارىخىدا ئۆز زىيالىيلىرىغا بۈگۈنكىدەك كۈچلۈك دەرىجىدە ئېھتىياجلىق بولۇپ باققان ئەمەس. زىيالىيلار يېڭى ئىدىيە يارىتىدۇ. ژۇرنالىست، ئوقۇتقۇچى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش باشقا بىلىم ئەھلىلىرى بولسا ئاشۇ يېڭى ئىدىيەلەرنى خەلققە يېشىپ چۈشەندۈرىدۇ. شۇ ئارقىلىق بۇ يېڭى ئىدىيەلەر ئاممىۋى پوزىتسىيەگە ۋە ئومۇمىي خەلق ئەقىدىسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ ياكى ئۇلارنى بىر يېڭى تۈسكە كىرگۈزىدۇ. زىيالىيلار مانا مۇشۇنداق بىر جەريان ئارقىلىق بىر مىللەت ۋە بىر جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ ۋە تۆھپە قوشىدۇ. ئەمما زىيالىيلارنىڭ رولى دىكتاتورلۇق تۈزۈم ئاستىدىكى جەمئىيەت بىلەن ئەركىن دۆلەتلەردىكى جەمئىيەتتە تۈپتىن ئوخشىمايدىغان بولۇپ، بىز بۇ يەردە دىئاسپورادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆزلەۋاتقان بولغاچقا، پەقەت ئەركىن دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلارنىلا كۆزدە تۇتۇۋاتىمىز.
بىر ئادەمنىڭ نامىنىڭ مەشھۇر بولۇشى ئۇنىڭ ئىدىيەسىنىڭ يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. مەسىلەن، ماركسنىڭ «ئىشلەپچىقىرىش ماتېرىياللىرى ۋە قوراللىرى بىلەن ھەپىلىشىدىغان ‹ئەمگەك›بايلىقنىڭ ھەقىقىي مەنبەسى» دېگەن نەزەرىيەسى بۇنىڭ تىپىك مىسالى. ئەگەر بۇ نەزەرىيە توغرا بولغان بولسا، ئەمگەك كۈچى كۆپ، ئەمما تېخنولوگىيەسى ئاز دۆلەتلەر تېخنولوگىيەسى كۈچلۈك ئەمما ئەمگەك كۈچى ئاز دۆلەتلەردىن بەكرەك گۈللەنگەن بولاتتى. ماركس داڭلىق شەخس، ھەمدە ئۇنىڭ يۇقىرىقى نەزەرىيەسىمۇ ناھايىتى داڭلىق. ئەمما ئۇ نەزەرىيە كوممۇنىست ھاكىمىيەت تۈزۈمىنى تاللىغان ئەللەرنىڭ ھەممىسىگە ئېغىر بالايىئاپەتلەرنى ئېلىپ كەلدى، ھەمدە نەچچە ئون مىليون ئىنساننىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەب بولدى. يېقىنقى يىللاردا بەزى نوپۇزلۇق ئۇيغۇرلارنىڭ داڭلىق نەزەرىيەلىرىنىڭ دىئاسپورادىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ بەزى ئېغىر زىيانلارنى ئېلىپ كەلگىنىگە كۆپلىرىمىز شاھىت بولدۇق.
«زىيالىي» دېگەن تەنقىدىي پىكىر قىلغۇچى كەسىپلەر ساھەسىدىكى بىر ئالاھىدە كەسىپ كاتېگورىيەسىگە قارىتىلغان بولۇپ، ئۇ، شۇغۇللىنىدىغان كەسپى ئاساسىي جەھەتتىن ئىدىيە ۋە ئىدىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ساھە بولغان، ئىشلەپ چىقىرىدىغان ئەڭ دەسلەپكى ۋە ئەڭ ئاخىرقى مەھسۇلاتى پەقەت ئىدىيەلەرلا بولغان كىشىلەرگە ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن، يازغۇچىلار ۋە ئاكادېمىكلار. مېڭە دوختۇرلىرى ۋە ئىنژېنېرلار ناھايىتى كۆپ ۋە ناھايىتى ئۇزۇن مەنىۋى تەربىيەلىنىشتىن كېيىن ئاندىن ئاشۇ كەسىپنىڭ ئەھلىلىرىگە ئايلىنىدۇ. ئەمما ئۇلار ئىجتىمائىي پەن ئىلىم ساھەسىدە زىيالىيغا كىرمەيدۇ. چۈنكى، زىيالىيلار ئىشلەپ چىقىرىدىغان ئاساسىي ۋە ئەڭ ئاخىرقى مەھسۇلات چوقۇم ئىدىيە بولۇشى كېرەك. دېمەك، ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدە ماقالە يازىدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى زىيالىي ئەمەس. ئۇلار بۇ ئىشتا بىر زىيالىيلىق رولىنى ئالمىدى، بەلكى ئۆزلىرىدىكى زىيالىيلىق قابىلىيەت ۋە ئىقتىدارلارنى ئىشقا سالدى.
ئىدىيەلەر يالغۇز زىيالىيلارغىلا تەۋە بولغان مۈلۈك ئەمەس. ئىدىيەلەرنىڭ سۈپىتىنى باھالاشتا قوللىنىدىغان ئۆلچەملەرمۇ پەقەت زىيالىيلارنىڭ ئىدىيەلىرى بىلەنلا چەكلىنىدىغان نەرسىلەر ئەمەس. ئىنژېنېر، دوختۇر ۋە ئىقتىسادشۇناسلار ھەپىلىشىدىغان ئىدىيەلەرنىڭ مۇرەككەپلىكى جەمئىيەتشۇناس ياكى تىلشۇناسلار ھەپىلىشىدىغان ئىدىيەلەرنىڭكىدىن ئاددىي ئەمەس. ئەمما ئۇلارنىڭ ئىدىيەلىرى تاشقى ئۆلچەم ئاساسىدا باھالىنىدۇ ۋە جەزملەشتۈرۈلىدۇ. زىيالىيلارنىڭ ئىدىيەلىرى بولسا قىزىقارلىقى، ئورگىناللىقى، قايىل قىلارلىقى، گۈزەللىكى ۋە ئەپچىللىكى ئاساسىدا باھالىنىدىغان بولۇپ، باشقا ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭكىگە ئوخشاش تاشقى ئۆلچەملەر ئارقىلىق باھالانمايدۇ. شۇڭلاشقا بىر ئىدىيە زىيالىينىڭمۇ ياكى باشقىلارنىڭمۇ، دېگەننى ئۇنى باھالايدىغان ئۆلچەم ئىچكى ئۆلچەممۇ ياكى تاشقى ئۆلچەممۇ، دېگەنگە قاراپ ئايرىشقىمۇ بولىدۇ.
بىلىم بىلەن چۈشەنچە ئوخشاش نەرسە ئەمەس. ئىلمىي تەجرىبىلەرنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكەن چۈشەنچىلەر بىلىم ھېسابلىنىدۇ. ھوقۇق ئىگىلەش بىلىم ئىگىلەشتىن كۆپ ئاسان. شۇڭلاشقا بىلىم ئېلىشقا ناھايىتى ھۇرۇن كېلىدىغان كىشىلەر ئىچىدە بىلىم ئىگىلەشنىڭ ئورنىغا ھوقۇق ئىگىلەشكە ئىنتىلىدىغانلار ئاز ئەمەس. ئەمما، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تەقدىرىنى ياخشىلاش بارلىق مىللەت ئەزالىرىنىڭ بىلىم ۋە باشقا ساھەلەرنىڭ ھەممىسىدە يۇقىرى ساپالىق كىشىلەردىن بولۇپ تەربىيەلىنىپ يېتىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.
ئىدىيەلەرنى پەقەت ئىچكى ئۆلچەم بىلەنلا باھالاشنىڭ بىرقانچە زىيانلىق تەرىپى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرى، شەخسىي نام، شۆھرەت، ئابرۇي، نوپۇز ۋە مەنپەئەت قوغلىشىدىغان كىشىلەرنىڭ ئۆز مەقسىتىگە يېتىۋېلىشى ئۈچۈن خاتا ئىدىيەلەرنى مەقسەتلىك ھالدا تارقىتىپ، تاشقى دۇنيادا ئىسپاتلانغان ياخشى ۋە توغرا ئىدىيەلەرنى كەڭ خەلق ئاممىسى ئالدىدا رەت قىلىشى ياكى بۇرمىلىشىدۇر. يېقىنقى يىللاردا دىئاسپورادىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئاشۇنداق ئەھۋاللارمۇ خېلى كۆپ يۈز بەردى.
قىسقىسى، زىيالىيلارنىڭ ۋە زىيالىيلىقنىڭ سىرتقى دۇنياغا نىسبەتەن جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغان مەسئۇلىيىتى بولماسلىقى، ياكى زىيالىيلار چەمبىرىكىنىڭ سىرتىدا جاۋابكارلىققا تارتىلماسلىقى ئىجتىمائىي ساھەدىكى بىر ناھايىتى پايدىسىز ئەھۋال بولۇپ، ئاشۇنداق ئەھۋالنىڭ زىيىنىنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە ئازايتىشتا بارلىق بىلىم ئەھلىلىرىنىڭ بىر ئورتاق ئەخلاقىي مەجبۇرىيىتى بار. بارلىق بىلىم ئىگىلىرىنىڭ ئالدىغا قويۇلغان يەنە بىر مۇھىم تارىخىي ۋەزىپە، دىئاسپورادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئالدىغا يېڭىدىن تاشلانغان ئىدىيەلەرگە نىسبەتەن «ئىسپاتلانغان ھەقىقەت» دېگەن پوزىتسىيەدە بولماي، «بۇنىڭدىن كېيىن سىنىلىدىغان پەرەز» دەپ مۇئامىلە قىلىش ۋە ئۆزىمىزنىڭ مىللىي مەنپەئەتىنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇش ئېڭىمىزنى ئۆستۈرۈش، ھەمدە مىللىي مەنپەئەتنى ئۆز مەنپەئەتىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويىدىغان ھەقىقىي مىللەتپەرۋەر كىشىلەر قوشۇنىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىش.
«ئىلاۋە»: مەزكۇر يازما «دەۋر ۋە بىز – 2023» دېگەن كىتابنىڭ مۇقەددىمىسى بولۇپ، كىتابقا ئۇيغۇر پروجېكت فوندى ۋە مەشئەل ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى نامىدا بېسىلغان. ئەسلىدە ئۇنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسىنى مەن تەييارلىغان بولۇپ، ئۇيغۇر پرجوجېكت فوندى ۋە مەشئەل ئۇيغۇر گۇرۇپپىسىدىكى سەپداشلارنىڭ ئۆزگەرتىش، قىسقارتىش ۋە تولۇقلىشىدىن ئۆتۈپ كىتابتىكى نۇسخىسى ۋۇجۇتقا كەلگەنىدى. مەزكۇر يازمىدىكى مەزمۇن ھازىر دىئاسپورادىكى ئۇيغۇرلار ئۇچۇن تولىمۇ زۆرۈر بولۇۋاتقان بولغاچقا، مەن بۇ قېتىم ئۇنىڭدىكى «ئىستانبۇلدا 20 لېكسىيە – 2023» پائالىيىتى ۋە كىتابنى تەييارلاشقا تۆھپە قوشقان قېرىنداشلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى چىقىرىۋېتىپ، ئۇنىڭ مۇشۇ نۇسخىسىنى تەييارلىدىم.
— ئەركىن سىدىق. 2025-12-12
دوكتۇر ئەركىن سىدىق ئۇيغۇر پېروجەكىت فوندى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى؛
ئۇيغۇر پوچتىسدا ئوبزور-ماقالە ئىلان قىلىش ئۈچۈن، بۇنى ئوقۇپ چېقىڭ.
Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى
Subscribe to get the latest posts sent to your email.
