ئابدۇۋەلى ئايۇپ
سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئۆكتەبىردە ئىككىنچى قېتىم ئۇچراشتىم. ئۇلار قۇرغان مەكتەپلەر، مەسچىتلەر، شىركەتلەر، زاۋۇتلارنى زىيارەت قىلدىم. «ئۇرە، ئات، تاشلا، پاس بەر» سادالىرى بىلەن قىزىغان پۇتبول، ۋاسكېتبول مۇسابىقىلىرىنى كۆردۈم. ئاۋام ئۇيغۇرلار توپلاشقان مەھەللىلەرنى ئايلىنىپ، مۇتەخەسسىس ئۇيغۇرلار ئىشلەۋاتقان دوختۇرخانىلاردا ھەمسۆھبەت بولۇپ، ئۇيغۇرچە ئاشخانىلاردا تاماق يەپ، ئەتىدىن كەچكىچە ئانا تىلىمدا سۆزلەپ يۈردۈم. كەچلىك بازارنى ئايلىنىپ سامسا، لەغمەن، ھەتتا ئۆپكە-ھېسىپلارنى يەپ ھۇزۇرلاندىم. سۈرىيەدىكى 15 كۈنلۈك سەپەر مۇھاجىرەت ھاياتىمدا ئەڭ قىسقا، ئەڭ تېز ۋاراقلىنىپ ئۆتۈپ كەتكەن، ئەمما تىنماي خاتىرىلەنگەن، لىققىدە مۇھەببەت بىلەن يېزىلغان سەھىپىلەر بولدى. تۆۋەندە شۇ سەھىپىلەردىن بىر قانچە بەتنى سۇناي.
- نۆۋەتتە ھۇجۇم نىشانىمىز مائارىپ «سۈرىيەدىكى زالىمغا قارشى ھۇجۇمدا يەڭدۇق، ئەمدى ھۇجۇم نىشانىمىز مائارىپ، كەلگۈسىمىز مائارىپىمىزغا باغلىق» دېدى بىر ئۇيغۇر قوماندان دانە-دانە سۆزلەپ. 84-دىۋىزىيەدىكى باشقا رەھبەرلەر بىلەن بولغان سۆھبەتلەردىمۇ مائارىپ ئەڭ كۆپ تەكىتلەندى. ئۇلار يەسلىدىن تارتىپ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە قەدەر ئۇيغۇرچە مائارىپنى قۇرۇپ چىقىپتۇ. ئانا تىل ئوقۇتۇشىدا قوللانغان دەرسلىكلەر خىتايدا چەكلەنگەن ئۇيغۇرچە دەرسلىك كىتابلارنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسى ئىكەن. تەبىئىي پەنلەر ئوقۇتۇشى بۇرۇنقى ئۇيغۇرچە دەرسلىكلەر بىلەن ئازادە سىنىپلاردا داۋام قىلىۋېتىپتۇ. تولۇق ئوتتۇرا مائارىپى ئەرەبچە بولىدىكەن، ئۇيغۇرچە تەكرار قىلىنىدىكەن.
- سىز مائارىپنى ئەڭ مۇھىم دېدىڭىز، ئەمما مەكتەپلەردە كۈتۈپخانا، تەجرىبەخانا، گىمناستىكا مەيدانى، ئەسلىھەلەر يوقتەك قىلىدۇ، يەسلىلەردە ئويۇنچۇقلار ئاز ئىكەنغۇ؟ دېدىم ئاخىرقى كۈنى تاماق ۋاقتىدا. بۇ سوئالنىڭ ۋەزنى ئېغىر، جاۋابىنى ئىككىلىمىز بىلىمىز. يىگىرمە مىڭغا يېقىن ئادەمنى باشقۇرۇش، ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئۇلارنى سۈرىيە جەمئىيىتىدە ياتقا مۇھتاج قىلماي قامداش ئاسان ئەمەس. ئۇلاردا يوقنى تولۇقلاپ بېرىش، قېرىنداشلىق مېھرىمىزنى سەبىلەرگە توپ، ئويۇنچۇق ۋە كىتابلار ئارقىلىق يەتكۈزۈش ئۆزىنى ئۇيغۇر سانايدىغان ھەممىمىزنىڭ بۇرچى. سۈرىيەدىكى ئۇيغۇر مائارىپى سۈرىيە مائارىپى ئەمەس، بەلكى ۋەتەندە يولى ئۈزۈلگەن ئانا تىلدىكى مائارىپنىڭ داۋامى. ئۇنى ساقلاپ قېلىش، كۈچلەندۈرۈش، مۇھاجىرەتتە خىرىسقا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلۇق سۇ ئىچىدىغان بۇلاققا ئايلاندۇرۇش ھەممىمىزنىڭ ھۇجۇم نىشانى مەنچە.
- بىز توپ مەيدانىدىمۇ غالىپ
«بىز سۈرىيەدە جەڭگاھتىلا غالىب ئەمەس، توپ مەيدانىدىمۇ غالىب» دېدى 40 ياشلاردىكى بىر ئۈرۈمچىلىك قوماندان. سۈرىيەدىكى كۈنلەردە ئىككى قېتىملىق توپ مۇسابىقىسىنى كۆرۈش پۇرسىتىمىز بولدى. 12-ئۆكتەبىر ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى بولدى، ئۇيغۇرچە ئاتلار قويۇلغان سەككىز كوماندا قاتناشتى. ئەتىگەن سائەت 9 بىلەن، ئىدلىب شەھەر ئىچىدىكى مۆلچەرىمدە بەش يۈز كىشى سىغىدىغان زالغا 300 دىن كۆپرەك ئۇيغۇر يىغىلدى. بۇ مېنىڭ 10 يىللىق ھاياتىمدا تۇنجى قېتىم بۇنچە كۆپ ئۇيغۇرنى كۆرۈشۈم ئىدى. ئۇيغۇرلار 2022-يىلدىن بۇيان بۇنداق مۇسابىقىلەرنى داۋاملاشتۇرۇپ كەپتۇ. ئىدلىب شەھىرى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ۋاسكېتبول مۇسابىقىلىرىدە نەتىجىلەرگە ئېرىشىپتۇ، كۆك بايراق بىلەن سەھنىگە چىقىپ ئۇيغۇرلارنى غۇرۇرلاندۇرغان شەرەپلىك مىنۇتلارغىمۇ شاھىت بوپتۇ.
«ئۈرۈمچىدىكى ھۇررا ئېسىڭىزدىمۇ؟ ھەقىقىي ھۇررا ساداسىنى خەلقىمىز يېقىندا بىزدىن ئاڭلايدۇ» دېدى، دۈگۈلەك كەلگەن، تۇرقىدىن، مېڭىشىدىن چېنىققانلىقى چىقىپ تۇرىدىغان بىر جەڭچى پۇتبول مەيدانىدىن چۈشۈپ يېنىمغا كېلىپ. ئېسىمدە بولمامدىكەن، ئۇ كۈنى ئۈرۈمچى بايراقتەك تېگى كۆك، ھۇررا دېگەن ئاق خەتلىك پومالارنى كىيىشكەن ئۇيغۇر ياشلار بىلەن تېخىمۇ چىرايلىق بولۇپ كەتكەن تۇرسا. بىر چۈشتىن بۇرۇن باشلانغان، بەش سائەتچە داۋام قىلغان ئۇ قېتىملىق پۇتبول مۇسابىقىسى ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىدىن ئىككى كۈن كېيىن ئىدلىبتىكى يەنە بىر چوڭ ئۈستى يېپىق مەيداندا بولغان ئىدى. توپچىلار ئىچىدىكى ۋەتەندە كەسپىي تېرىنېر، تەنھەرىكەتچى بولغانلار بىلەن ھەمسۆھبەت بولدۇق، چوڭ-چوڭ مۇسابىقىلەرگە قاتناشقانلار بىلەنمۇ پاراڭلاشتۇق. ھەممىسىنىڭ غېمى پۇتبول ئارقىلىق ئۇيغۇرنى قانداق تونۇتۇش، كۈرەشنى قانداق داۋام قىلىشتا ئىدى. بولۇپمۇ تۇرپانلىق بىر توپچى ئىنىمىز مېنى قايىل قىلدى. ئۇ 2016-يىلى ئىدلىبتىكى بىر جەڭدە يارىلىنىپ پالەچ بولۇپ قالىدۇ، دەپ دىئاگنوز قويۇلغان ئىكەن. ئەمما ئىزچىل تەنتەربىيە بىلەن شۇغۇللانغاچقا قىلىنغان ئوپېراتسىيە ئۇنى يىقىتالمايلا قالماي مۆجىزە كۆرۈلۈپتۇ. شۇندىن بۇيان ئۇ ئىزچىل تىرىشىپ يۈرۈپ شۇ كۈنكىدەك ھارماس توپچى بولۇپ ئەسلىگە كەپتۇ.
- يېڭى ئۇيغۇر پەيدا قىلمايمىز
«بىز سۈرىيەدە يېڭى ئۇيغۇر پەيدا قىلمايمىز، شەرقىي تۈركىستاندىن ئېلىپ كەلگەن كىملىكىمىزنى ساقلايمىز، كۈچلەندۈرىمىز» دەيدۇ سۈرىيەدىكى ئۇيغۇر يېتەكچىلەر. سۈرىيەدىكى ئۇيغۇر قوماندانلارنىڭ ئېيتىشىچە ئۇلار ئون يىلدىن ئارتۇق جەڭ مەيدانىدا يۈرۈپ ئۆگەنگەنلىرى ھەقىقەتەنمۇ كۆپ ئىكەن. ئۇلار خەلقسىز غەلىبە بولمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ، مىللەتتىن ئايرىلىپ قېلىشنىڭ زاۋاللىققا ئېلىپ بارىدىغانلىقىغا چىنپۈتىدۇ. ئۇلار سۈرىيەلىكلەرنىڭ دىن، پىكىر، مەزھەب پەرقىنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ، ئەرەب جۇمھۇرىيىتى دېگەن نام ئاستىغا قانداق ئۇيۇشقانلىقىدىن دەرس ئالغان. ئۇلار يەھۇدىيلارنىڭ دۆلەت قۇرۇشتىكى ۋاز كەچمەس تىرىشچانلىقىنى، قۇربان بېرىش روھىنى، ئۈمىدلىكىنى ئۈلگە قىلىشنى خالايدۇ. ئۇلارنىڭ «بىز سۈرىيەدە ياشاۋاتىمىز، ئەمما دىندا ئۆزىمىزنىڭ يولىدا ماڭىمىز، ئىسلامغا مۇشەررەپ بولغان ئەجدادىمىز ھەنەفىي مەزھىبىدە بولغانلىقى ئۈچۈن بىزمۇ شۇ مەزھەبنى تۇتىمىز. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام بىلەن يۇغۇرۇلغان ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتىپ يېڭى مىللەت بەرپا قىلمايمىز» دېگەن پىكرى ئويلىنىشقا، تەقدىرلەشكە ئەرزىيدۇ.
- تىجارەتنىمۇ جەڭ دەپ قىلىمىز
ئۇيغۇرلارنىڭ سۈرىيەدە شىركەت، رېمۇنت زاۋۇتى، ماي پونكىتى، زەيتۇنلۇقى، ئېكىنزارلىقى، زەنجىرسىمان تاللا بازىرى، دوختۇرخانىسى، دورىخانىسى ۋە سۈتچىلىك فېرمىسى بار، (بۇ فېرمانى يېقىندا سېتىپتۇ، قوتانلارنى زىيارەت قىلىشقا پۇرسەت بولمىدى). بىز زىيارەت جەريانىدا بۇلارنىڭ ھەممىسىنى زىيارەت قىلدۇق. رېمۇنت زاۋۇتىدىكى ئۇستام، خوتەنلىك قېرىندىشىمىز بىزنى تارتىنىپراق كۈتۈۋالدى. دەملەنگەن دورا چاينى تەخسە بىلەن قوش قوللاپ سۇنۇپ تۇرۇپ «بىزنىڭ سىلەردەك سەككىز سائەتلىك ئىش تۈزۈمىمىز يوق، ئىش كەلمەي، ئارام ئېلىپ قالساق يولىمىزغا تەلمۈرۈپ تۇرغان ۋەتەندىكى قېرىنداشلارغا يۈز كېلەلمەيۋاتقاندەك ئازابلىنىپ كېتىمىز» دېدى.
بىز ئىدلىبنىڭ قايناق ماشىنا بازىرىدىكى سىپتا بېزەلگەن شىركەت ئىشخانىسىدا كۈتۈۋېلىندۇق. شىرە ئۈستىدە سۈرىيە بايرىقى يېنىدا شەرقىي تۈركىستان بايرىقى تىكلەنگەن ئىدى. «قۇرۇق تاغار ئۆرە تۇرمايدۇ، مۇئەللىم، بىز بۇرۇن سودىنىمۇ قىلغان، جەڭنىمۇ قىلغان، ھازىر ھېلىمۇ تىجارەت مەيدانىدا جەڭ قىلىۋاتىمىز!» دېدى 84-دىۋىزىيەنىڭ ئىقتىسادقا مەسئۇل خادىمى. ئۇلار سودا-تىجارەت بىلەن ئۆزىنى قامداشقا 2016-يىلى كىرىشكەن بولۇپ، ھازىرغىچە، نېفىت، ماشىنا، زەيتۇن، سۈتچىلىك، ئۆي-مۈلۈك قاتارلىق سودىلارنى قىلىپ كەلگەن ئىكەن. يېقىندا بىر سودا مەركىزى سېلىش ئۈچۈن يەرنى تەييار قىلىپتۇ. قۇرۇلۇش باشلاش ئۈچۈن بىر قانچە مىليون ياۋرو كېتىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا ساياھەتچىلىك شىركىتى قۇرۇپ ئىش باشلاپ بوپتۇ. يېڭىدىن قۇرۇلغان شىركەتنىڭ ئىسمى «بۈركۈت» ئىكەن. بۇ شىركەت ماشىنا سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىپ ئوبدانلا ئىقتىساد توپلاپتۇ. يېقىندا ئۇلار ئالتۇن سودىسى بىلەن شۇغۇللانماقچى ئىكەن.
- بىزنى مۇھەببەت بىرلەشتۈرىدۇ، مەدەنىيەت جەملەيدۇ
رەھبەرلەر ئىچىدە دەمەشىق ئايروپورتىغا ئالدىمغا چىققان بىز بىلەن ئەڭ كۆپ مۇڭداشقان، بارلىق ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بەرگەن، ئۆيىدە لەغمەن بىلەن مېھمان قىلغان كىشىدىن كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگەندىم. بىرىنچى كۈنى ئۇ ماشىنىدا كېتىۋېتىپ «ئادەملەرنى ئىدىيە بىرلەشتۈرمەيدىكەن، مۇھەببەت بىرلەشتۈرىدىكەن» دېدى. ئۇنى بۇ ئويغا كەلتۈرگەن ۋەقەلىكمۇ تەسىرلىك ئىدى. بۇ دوستىمىز غەربتە چوڭ بولۇپ خىزمەتكە چىققان، ئۆي ئايرىپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىنمۇ تاپقان پۇلىدىن بىر قىسمىنى ئاتا-ئانىسىنى يوقلاپ تۇرۇشقا، دۇئاسىنى ئېلىشقا سەرپ قىلغان ئىكەن. بۇنى كۆرگەن ئۇنىڭ خىزمەتدېشى، يېقىن دوستى، بىر خىرىستىيان بوۋاي بۇ پەزىلەتنى ياقتۇرۇپ قاپتۇ، ھەمدە يۈز مىڭ دوللار قىممىتىدىكى مىراسىنى ئۇنىڭ نامىغا قالدۇرماقچى بوپتۇ. «بىر مىللەتنى ئۇيۇشتۇرۇش ئۈچۈن ئىدىيەدىن بەكرەك مەدەنىيەت مۇھىم ئىكەن، نەچچە مىڭ يىللىق مەدەنىيەت، يۇرتقا، ئەجدادقا، تارىخقا بولغان مۇھەببەت بىزنى بىر-بىرىمىزگە يېپىشتۇرۇپ تۇرىدىكەن» دېدى ئۇ يەنە بىر كۈنى تۇنجى كۈنى دېگەن پىكرىنى تېخىمۇ تولۇقلاپ. ئۇ دادىسى بىلەن بارغان يەرلەرنى، قىلغان ئىشلارنى، ئاڭلىغان نەسىھەتلەرنى، بوۋا-مومىلاردىن قالغان ئۆرپ-ئادەتتىكى يارقىنلىقلارنى سۆزلەپ ھارمايتتى، دېمەك، ئۇ يىراقتا قالغان ۋە بارغانچە غۇۋالىشىۋاتقان قەدىمىي، ئوتلۇق، جەلپكار مەدەنىيەتنى سېغىنغان ئىدى. ئۇنىڭ ھەر بىر ئېغىز گېپىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتا مىراس ئەنئەنىسىدىكى ئېسىللىقلارنى تەشەببۇس قىلغۇسى كېلىۋاتقانلىقى چىقىپ تۇراتتى. بىر كۈنى شۇنچە ئالدىراش بىر ئىش بىلەن كېتىۋاتقان ئىدۇق، ئۇنىڭ تۇيۇقسىز ماشىنىنى توختىتىپ، «بىر مىنۇت ساقلاپ تۇرۇڭ، مەن ئانامغا سالام بېرىپلا چىقاي» دېگىنىنى ئاڭلاپ كۆزۈمگە ياش كەلدى. بىز شۇنداق مۇھەببەتلىك كىشىلەر ئىدۇق، ئەۋلادىمىزغا، ئەتراپىمىزغا، دوستلۇققا، قېرىنداشلىققا، ئەجدادىمىزغا ۋاپادار ئىدۇق! «ئاتا رازى، ئانا رازى – مۇھەممەت مۇستاپا رازى» دېگەنگە ئېتىقاد قىلاتتۇق.
يازما مۇشۇ يەردە توختىدى! يېزىلىدىغان تەسىرلىك قۇرلار، تىزىلىدىغان مىسرالار يازغانلىرىمدىن كۆپ، ئەمما يېزىلىدىغاننىڭ ھەممىسىنى يازغىلى بولمايدۇ، پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇر سەرسانلارغا ئوخشاش سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىمۇ تېخى خاتىرجەملىككە تولۇق ئېرىشىپ بولدى دېيەلمەيمىز. شۇڭا دېگىلى بولىدىغانلار خېلى بولغان بىلەن، دېسەك بولمايدىغانلار، قانداق دېسەك مۇۋاپىق بولىدىغانلىقى ئېنىق بولمىغانلار تېخىمۇ نۇرغۇن. ئەسلى پىلان بويىچە ئۇيغۇرچە يازمىسام، ئىنگلىزچە كىتاب، پروگرامما بولۇپلا چىقسا بولاتتى. مۇشۇ يازمىمۇ تەلەپ بويىچە ئۆچۈرۈلەمدۇ، ياكى قانچىلىك تۇرغۇزالالايمەن بىلمەيمەن، ئەمما ماڭا قۇچاق ئاچقان، مېنى مەسچىتلەردە، مەكتەپلەردە، ئىشخانا، ئاشخانا، دوختۇرخانا، دۇككان، زاۋۇت ۋە مەيدانلاردا باغرىنى كەڭ ئېچىپ، قەلبىدە بارىنى ئوتتۇرىغا تۆكۈپ كۈتۈۋالغان، ئىنگلىزچە بىلمەيدىغان قەدىردان قارا كۆزلەرگە رەھمىتىمنى بىلدۈرۈشتە بۇنىڭدىن ئارتۇق ۋاسىتە تاپالمىدىم.
ئەسكەرتىش: ئوبزورلاردا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىر ۋە كۆز-قاراشلار «ئۇيغۇر پوچتىسى»نىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ.
Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى
Subscribe to get the latest posts sent to your email.
