يانۋار 10, 2026

ئۇيغۇر پوچتىسى، 9-يانۋار  

 ئالپ 

خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتتە ئۆزىنىڭ سىياسىي ھوقۇقىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، «يۇمشاق بايان» (Soft Narrative) دەپ ئاتالغان يېڭى بىر تەشۋىقات ئىستراتېگىيەسىنى كەڭ كۆلەمدە يولغا قويماقتا. 

7- يانۋارھىندى- ئاسىيا خەۋەر ئاگېنتلىقى (IANS) ئېلان قىلغان دوكلاتتا ئاشكارىلىنىشىچە، بېيجىڭ دائىرىلىرى بۇ ئىككى رايوندىكى مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋە تارىخىي ئورۇنلارنى بۈگۈنكى سىياسىي نىشانلىرىغا ماسلاشتۇرۇپ قايتىدىن شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن يۇمشاق باياندىن پايدىلىنىشقا باشلىغان. 

دوكلاتنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار قىسىملىرىغا ئاساسلانغاندا، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى شەرقىي تۈركىستاندىكى قەدىمكى شەھەر خارابىلىرى ۋە مەدەنىيەت ئورۇنلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىنى قەدىمكى خىتاي سۇلالىلىرى بىلەن سۈنئىي تۈردە باغلاش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ بۇ زېمىنلاردىكى ھۆكۈمرانلىقىنى «تارىخىي جەھەتتىن ھەقلىق» قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنماقتا. خىتاي 20 يىل ئىلگىرى ئۆزى ئېلان قىلغان «ئاق تاشلىق كىتاب»تىكى بايانلارنى مەنبە قىلىپ تۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستان ئۈستىدىكى ھەربىي ۋە مەمۇرىي ھوقۇقىنى مىلادىدىن بۇرۇنقى 60- يىلىدىكى خەن سۇلالىسىنىڭ رايوندا بىر قۇماندانلىق مەركىزى قۇرغانلىقىغا تۇتاشتۇرۇشقا تىرىشماقتا. 

ھىندى- ئاسىيا خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ دوكلاتىدا تۇرپاندىكى يارغول قەدىمكى شەھىرى (Jiaohe Ancient City) نىڭ تەشۋىقاتتا تىپىك مىسال قىلىنىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان. بۇ قەدىمكى شەھەر تارىختا ئۇزۇن مەزگىل ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ مۇھىم سىياسىي ۋە مەدەنىيەت مەركىزى بولغان بولۇپ، شەھەرنىڭ بىناكارلىق ئۇسلۇبى پۈتۈنلەي ئوتتۇرا ئاسىياغا خاس بولغان توپا قۇرۇلمىلىق تۈسكە ئىگە. خىتاي تەشۋىقاتى بۇ شەھەرنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەر بىلەن بولغان تارىخىي باغلىنىشىنى ئېتنوگرافىيەلىك جەھەتتىن سۇسلاشتۇرۇپ، ئۇنى خىتاي تارىخىنىڭ بىر پارچىسى قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغان.  

دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى يارغولغا ئوخشاش قەدىمكى ئورۇنلارنى «خىتاي مىللىتىنىڭ ئورتاق مىراسى» سۈپىتىدە قايتا شەكىللەندۈرمەكتە. خىتاي سىياسەتچىلىرى بۇ قەدىمكى قۇرۇلمىنى تاشقى دۇنياغا «قەدىمكى يىپەك يولىنىڭ بىر قىسمى» سۈپىتىدە تونۇشتۇرۇپ، ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا  خاس كىملىكنى غايىب قىلماقتا. دوكلاتتا يەنە: «يارغول قەدىمكى شەھىرى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەستىقلانغان مەدەنىيەت ئاسسىمىلياتسىيەسى ۋە خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن بولغان تارىخىي رىشتە بايانىنىڭ نىشانىغا ئايلانغان ئورۇنلارنىڭ بىرىدۇر» دەپ قوشۇمچە قىلىنغان. 

ھىندىستاننىڭ ئىنگلىز تىلىدىكى خەۋەر تاراتقۇسى بولغان «لوكمات ۋاقتى» (Lokmat Times) نىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، خوڭكوڭ پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتاي مىللەتلەر سىياسىتى مۇتەخەسسىسى باررى ساۋتمان (Barry Sautman) بېيجىڭنىڭ بۇ خىل داۋاسىنى «ئەھمىيەتسىز» دەپ باھالاپ مۇنداق دەيدۇ: 

«ئۇ چاغدىكى دۆلەت ئۇقۇمى بىلەن ھازىرقى دۆلەت ئۇقۇمى بىر- بىرىگە ئوخشىمايدۇ، ئۆلچەملەر ئۆزگەردى. خىتاينىڭ مۈلۈك ھوقۇقىمىز مىڭلىغان يىللار ئىلگىرىلا بار ئىدى، دېگەن بۇ خىل دەۋالىرىنىڭ ھېچقايسىسى ئەستايىدىل تارىخچىلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنمايدۇ.» 

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، بېيجىڭنىڭ بۇ يېڭى تاكتىكىسى خەلقئارا جەمئىيەتنى قايمۇقتۇرۇش، ئۇلارغا ساختا بىر «ئىناۋەتلىك تارىخ» سۇنۇش ۋە شەرقىي تۈركىستان بىلەن تىبەت ئۈستىدىكى تولۇق كونتروللۇقنى سىياسىي جەھەتتىن جەزملەشتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان. 


Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe to get the latest posts sent to your email.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe now to keep reading and get access to the full archive.

Continue reading