B d t kishilik hoquq aliy komissari uyghurlar mesilisidiki heriketsizliki üchün tenqidke uchridi

تەرجىمە قىلغۇچى: تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىيان

كېننىس روس (كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ سابىق ئىجرائىيە دىرېكتورى):

«مەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە سورىماقچى. سىزدىن بۇرۇنقى باشلىق مىشېل باشلېت ”خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى سادىر قىلغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان“ ناھايىتى كۈچلۈك دوكلاتنى ئېلان قىلغانىدى. سىز ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيانقى ئۆتكەن ئۈچ يىلدا، بىر قېتىممۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى ئەيىبلەپ باقمىدىڭىز. بىراق بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا، سىز بۇنى ئەيىبلەمسىز، تەنقىدلەمسىز، ياكى قانداق قىلسىڭىز مەيلى، ئۇيغۇرلارغا قارشى ناتوغرا مۇئامىلىلەرنى ئەيىبلەمسىز؟ ئۆزىڭىزنىڭ تىلى بويىچە، مىشېل باشلېت ئېلان قىلغان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۈش ئېھتىماللىقى بار دېگەن دوكلاتنىڭ مەزمۇنىنى تەكىتلەپ ئۆتەمسىز؟»

ۋولكېر تۈرك:

«مەن ئۇ دوكلاتقا پۈتۈنلەي قوشۇلىمەن. مەن بۇنى ئاشكارا دەپ كەلدىم؛ قانچە قېتىم ئاشكارا ئىپادە بىلدۈرگەنلىكىمنى بىلمەيمەن. شۇنداق، دوكلات ئېلان قىلىندى، بىراق كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئۇ دوكلاتقا ئاساسەن بىرەر قارار چىقارمىدى. سىلەرگە مەلۇم بولغاندەك، ئۇ دوكلات – ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى.

شۇنداق، مېنىڭ ئىستراتېگىيەم خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن سۆزلىشىش، قايتا-قايتا، ئۈزلۈكسىز سۆزلىشىش. پەقەت شىنجاڭدىكى بۇ ئىش ھەققىدىلا ئەمەس، بەلكى يەنە خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدىكى خوڭكوڭ، تىبەت ۋە پۇقرالار ساھەسى قاتارلىقلار توغرىسىدا سۆھبەتلىشىدىغان پۇرسەتلەرنى ئىزدەش. بىز خىتاي بىلەن ناھايىتى جانلىق سۆھبەتلەرنى ئۆتكۈزدۇق، ھەر دەرىجىلىك ئەمەلدارلار بىلەن.

بۇ سۆھبەتلەرنىڭ بىز ھەممىمىز ئۈمىد قىلغان ئۆزگىرىشكە ئېلىپ بېرىش-بەرمەسلىكىگە كەلسەك، ئىلگىرىلەش ناھايىتى ئاستا. شۇنداق، مەن بۇ سەۋەبتىن ھەقىقەتەن بەكلا بىنەزەر. بۇ ئىش ئۈستىدە بىز بار كۈچىمىز بىلەن تىرىشىۋاتىمىز. راستىنى دېگەندە، تېخىمۇ كۆپرەك ئىش قىلىشىمىز ئۈچۈن قولىمىزدا يېتەرلىك مالىيە كۈچى يوق. بۇ بىزنىڭ خىزمىتىمىزنىڭ مۇھىم بىر قىسمى. بىز تىرىشچانلىقىمىزنى داۋام قىلىمىز، بۇ دوكلاتقا قارىتا مېنىڭ ھېچقانداق قارشى پىكرىم يوق.»

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز