ئاخباراتچىلىق ئەخلاقىدا بەش پرىنسىپ

ئاخباراتچىلىق ئەخلاقىدا بەش پرىنسىپ

ئېتىكىلىق ئاخباراتچىلىق تورى (The Ethical Journalism Network) ئاممىنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش ئۈچۈن، ئېتىكىلىق ئاخباراتچىلىقنىڭ بەش ئاچقۇچلۇق پرىنسىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇيغۇر پوچتىسىدا (Uyghur Post)، بىز خەۋەرلىرىمىز ۋە ئوقۇرمەنلىرىمىز بىلەن ئۇچۇر ئورتاقلىشىش ئۇسۇلىمىزدا مۇشۇ ئوخشاش پرىنسىپلارنى قوغداشقا تېرشچانلىق قىلىمىز.

The Ethical Journalism Network outlines five key principles of ethical journalism to guide the work of informing the public. At Uyghur Post, we are committed to upholding these same principles in our reporting and in the way we share information with our readers.

1- ھەقىقەت ۋە توغرىلىق (Heqiqet Ve Toghriliq)

ژۇرنالىستلار ھەمىشە «ھەقىقەت»كە كاپالەتلىك قىلالمايدۇ، لېكىن فاكتنى توغرا يېزىش ئاخبارىتىنىڭ ئاساسلىق پرىنسىپىدۇر. بىز ھەمىشە توغرا بولۇشقا تىرىشىپ، قولىمىزدىكى بارلىق مۇناسىۋەتلىك فاكتلارنى بېرىشىمىز ۋە ئۇلارنىڭ تەكشۈرۈلگەنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. ئەگەر بىز ئۇچۇرنى دەلىللەپ بېرەلمىسەك، شۇنداق دېيىشىمىز كېرەك.

2- مۇستەقىللىق (Musteqilliq)

ژۇرنالىستلار مۇستەقىل ئاۋاز بولۇشى كېرەك؛ بىز سىياسەتچى، كارخانىچى ياكى مەدەنىيەتكە ئائىت ئالاھىدە مەنپەئەتلەرگە ۋاكالىتەن رەسمىي ياكى غەيرىي رەسمىي ھالدا ھەرىكەت قىلماسلىقىمىز كېرەك. بىز ئۆزىمىزنىڭ مەنپەئەت توقۇنۇشى پەيدا قىلىشى مۇمكىن بولغان ھەرقانداق سىياسىي باغلىنىشلىرىمىز، ئىقتىسادىي كېلىشىملىرىمىز ياكى باشقا شەخسىي ئۇچۇرلىرىمىزنى تەھرىرلىرىمىزگە ياكى ئاڭلىغۇچىلارغا ئېلان قىلىشىمىز كېرەك.

3- ئادىللىق ۋە بېتەرەپلىك (Adilliq Ve Bitereplik)

كۆپىنچە ھېكايىلەرنىڭ ئەڭ ئاز دېگەندە ئىككى تەرىپى بار. گەرچە ھەر بىر ئەسەردە ھەر بىر تەرەپنى تونۇشتۇرۇش مەجبۇرىيىتى بولمىسىمۇ، لېكىن ھېكايىلەر تەڭپۇڭ بولۇشى ۋە كونتېكىست ۋە ئارقا كۆرۈنۈش قوشۇلۇشى كېرەك. ھەرقاچان ئوبيېكتىپ بولۇش مۇمكىن ئەمەس، ھەمدە ھەرقاچان ئوبيېكتىپ بولۇشمۇ مۇۋاپىق بولماسلىقى مۇمكىن (مەسىلەن، ۋەھشىلىك ياكى غەيرى ئىنسانىي ۋەقەلەرگە دۇچ كەلگەندە)، لېكىن بېتەرەپ دوكلات قىلىش ئىشەنچ ۋە ئېتىقادنى كۈچەيتىدۇ.

4- ئىنسانىيلىق (Insaniyliq)

ژۇرنالىستلار ھېچقانداق باشقىلارغا زىيان يەتكۈزمەسلىكى كېرەك. بىز ئېلان قىلغان ياكى تارقاتقان نەرسىلەر ئازابلىق بولۇشى مۇمكىن، لېكىن بىز سۆز ۋە سۈرەتلىرىمىزنىڭ باشقىلارنىڭ ھاياتىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى بىلىشىمىز كېرەك.

5- جاۋابكارلىق (Jawapkarliq)

كەسپچانلىق ۋە مەسئۇلىيەتچان ئاخبارىتىنىڭ ئېنىق بەلگىسى – ئۆزىمىزنى جاۋابكارلىققا تارتىش ئىقتىدارىمىزدۇر. بىز خاتالىق سادىر قىلغاندا، چوقۇم ئۇنى تۈزىتىشىمىز كېرەك، خاتالىقىمىزنى ئېتىراپ قىلىشىمىز – ئۆچمەنلىكنى ئىپادىلەش ئەمەس، سەمىمىي بولۇشى كېرەك. بىز ئوقۇرمەن (ئاڭلىغۇچىلار)نىڭ ئەندىشىسىگە قۇلاق سالىمىز. ئوقۇرمەنلەرنىڭ يازغانلىرى ياكى دېگەنلىرىنى ئۆزگەرتمەسلىكىمىز مۇمكىن، لېكىن بىز ئادىل بولالمىغان چېغىمىزدا، ھامان بىر چارە بىلەن تەمىنلەيمىز.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز