دېكابىر 21, 2025
Awstraliyede «toghraq rohi» resim körgezmisi ghelibilik ayaqlashti

ئۇيغۇر پوچتىسى، 18-دىكابىر                       

 سەلىمە ئا.كامال

 8- نويابىر ئاۋسترالىيەنىڭ سېدنېي شەھرىدە مەرۋايىت ھاپىز، ئەكرەم ئىمىن، لۇتپۇللا قاتارلىق ئۇيغۇر رەسساملارنىڭ گۈزەل سەنئەت رەسىم كۆرگەزمىسى باشلاندى.

سېدنېي ئۇيغۇر مەدەنىيەت مىراسلىرى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، رىياسەتچى مەلىكەزات خانىم پائالىيەت باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى. مىللىيچە كىيىملىرىنى كىيگەن يىگىت-قىزلاركىلاسسك ئۇيغۇر مۇزىكا ساداسى ئىچىدە رەسساملارنىڭ ئەنئەنىۋىي گۈزەل سەنئەت بىلەن مودا گۈزەل سەنئەتنىڭ مۇناسىۋىتى ماھىرلىق بىلەن يارىتىلغان ئەسەرلىرى رەتلىك تىزىلغان، كۆركەم بېزەلگەن زالنى ئايلىنىپ ئۇسسۇل ئوينىدى. كۆرگەزمىگە كەلگەن ئۇيغۇرلار ھەمدە  ئەننى سىتەنلىي قاتارلىق رايون مەسئۇللىرى چاۋاك چېلىپ ئۇلارنى قىزغىن ئالقىشلىدى.

  ئۇيغۇرلار كۆپرەك ئولتۇراقلاشقان لېۋرپول رايونلۇق كونسۇل باشلىقى سەھنىگە چىقىپ:

 – مەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىلەتتىم، ئۇيغۇرلارنى تونۇيتتىم. بۈگۈن بۇ پائالىيەت ئارقىلىق سىلەرنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەندىم. بۇندىن كېيىن، قانداق ياردەم كېرەك بولسا مەن يېنىڭلاردا بولىمەن، – دېدى.

ھەرقايسى رايونلۇق ھۆكۈمەت مەسئۇللىرىمۇ ئارقا- ئارقىدىن سۆزگە چىقتى. ئۇلار بۇ كۆرگەزمىگە قويۇلغان ئۇيغۇر رەسساملىرىنىڭ ئىجادىيەتلىرىدىن ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنئىتى  ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا بولغان چۈشەنچىسىنىڭ چوڭقۇرلاشقانلىقىنى بىلدۇرۇشتى. تەبرىك نۇتۇقلىرىدا مەدەنىيەتلىك ئۇيغۇرلارنىڭ  ئېغىر زۇلۇم چېكىۋاتقانلىقىنى ئۇنۇتمىدى.

 پائالىيەتكە قاتناشقان ئۇيغۇرلار رەسساملارنىڭ ئەسەرلىرىنى سېتىۋالدى، شۇنداقلا دۇنياغا داڭلىق «مىڭ ئۆي تام رەسىملىرى» مىراس مەدەنىيىتىمىزنى سەرسانلىق ھاياتىدا داۋاملاشتۇرغان بۇ ئىزباسارلارغا ئاپىرىن ئېيتىشتى. 

 سۈرەتتە:گۈلناز خانىم رەسىمنى چۈشەندۈرمەكتە. (سولدا)                

رىياسەتچى مەلىكەزات بىلەن رەسسام ئەكرەم سەھنىدە. (ئوڭدا)

رەسسام مەرۋايىت رىزۋانگۈل ئاپپاي تاللىۋالغان رەسىمىنى تاپشۇرۇپ بەردى. (سولدا)         

ئەكرەم رەسىمىگە مەپتون بولغان خېرىدار بىلەن. (ئوڭدا)

كۆرگەزمە سېدنېيدا ئۈچ كۈن داۋاملاشتى. ئاندىن مېلبورن، ئادېلايدې شەھەرلىرىدە ئىككى ھەپتە داۋاملاشتى. بۇ جەرياندا رەسساملار «سېدنېي ئۈمىد ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپى بىلەن جەنۇبىي ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر ئانا تىل  مەكتىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا رەسىم سىزىش  تېخنىكىسى بويىچە نەق مەيداندا ئەمەلىي دەرس ئۆتتى.

  مەن بۇ قېتىمقى كۆلىمى، چېتىلىش دائىرىسى كەڭ پائالىيەتنىڭ تەشكىللىگۈچىسى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت ۋە مىراسلىرى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى گۈلناز ئابدۇللاتاجى قىزىنى زىيارەت قىلدىم.

مۇخبىر: «پائالىيەت مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. كۆپ ئەجىر قىپسىلەر. ئىلگىرى ئاۋسترالىيەدە بۇنداق پائالىيەت بولمىغان. جەمئىيىتىڭلار نېمەئۈچۈن بۇ پىلاننى تۈزۇپ، ئەمەلىيلەشتۈردى؟»

 گۈلناز: «مەن بۇ ھەقتە كۆپ ئويلاندىم. ئۆزۈم 1982-يىلىدىن 1986–يىلغىچە بېيجىڭ گۈزەل-سەنئەت ئىنىستىتۇتىدا ئوقىغان. ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، ئاتالمىش شىنجاڭ سەنئەت مەكتىپىدە ئىزچىل سەككىز يىل گۈزەل-سەنئەت مۇئەللىمى بولۇپ ئىشلەپ، نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلىدىم.1995- يىلى ئاۋسترالىيەگە كۆچمەن بولدۇم. شۇنىڭدىن كېيىن ھاياتنى نۆلدىن باشلىدىم. بالىلىرىمنى بېقىش، ئوقۇتۇش، يېڭى ھاياتقا ماسلىشىش قاتارلىق ئالدىراشچىلىقلار قاينىمىغا چۆكۈپ قالدىم. كەسپىمنى داۋاملاشتۇرالمىدىم. بۇنىڭدىن ئەپسۇسلىنىمەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خەلقىمىزدە روھىي چۈشكۈنلۈك ئېغىرلاشتى. رەسساملىرىمىز، سەنئەتكارلىرىمىزدىن خەلقىمىزگە روھىي مەدەتكار بولغانلارمۇ بار.غەرپ دۇنياسىدا بۇ كەسپتە رىقابەت كۈچلۈك. مەن مۇشۇ رىقابەت قاينىمىدا تىرىشىۋاتقان رەسساملىرىمىزنى ئىزدەپ، ئىجادىيەتلىرىنى كۆرۈپ، بەك تەسىرلەندىم. رەسساملىرىمىزنى ئۆزىمىزمۇ ئەتىۋارلىساق، ئۇلارنىڭ دىلى ئۆزىمىزدىن سۇ ئىچسە، ئىجادىيەت ئىلھام بۇلاقلىرى تېخىمۇ قاينىغان بولاتتىغۇ. ئۇلارئۈچۈن، ئۇيغۇرۇم ئۈچۈن مەن نېمە قىلىپ بېرەلەيمەن؟ دېگەنلەرنى ئويلىدىم. مەلىكەزات ئەھمەت مىللەتسۆيەر زىيالى ياشلىرىمىزدىن بىرى. ئۇسېدنېي ئۈمىد ئۇيغۇرئانا تىل مەكتىپىدە ئۈچ يېرىم يىل ئانا تىل ئوقۇتقۇچىسى بولغان. ئىككىمىز ئالدى بىلەن بىرگۈرۈپپا قۇردۇق، تۇنجى قەدەمنى رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىشتىن  باشلاش پىلانىنى تۇزدۇق. ئەمەلىيلەشتۇرۇشكە بىريىل تىرىشتۇق. بېسىممۇ ئېغىر بولدى. بەزى ۋەتەنداشلىرىمىز ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقنى قىسمەن بولسىمۇ يېنىكلىتىشىمىزگە ياردەمدە بولدى. ئۇلارغا رەھمەت!»

 مۇخبىر: «مەنمۇ سىلەرنىڭ بۇ پائالىيەتنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگىنىڭلارغا قايىل بولدۇم. يۇقۇرى سەۋىيەلىك، سۈپەتلىك كۆرگەزمە بولدى. ئۆزىڭىز بۇ پائالىيەتتىن قانداق خۇلاسىگە كەلدىڭىز؟

 گۈلناز: «ھەرقانداق ئىجابىي ئىش روياپقا چىققاندا <كىم قىپتۇ؟> دېگەننى تارتىشماي، پائالىيەتنىڭ خاراكتېرى، ئالاھىدىلىكى، تولۇقلىما قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىلار ئۈستىدە ئەستايىدىل ئويلىنىش زۆرۈر. تۇنجى قېتىملىق <توغراق روھى> رەسىم كۆرگەزمىسى <مەدەنىيەت-سەنئەت چاغلىق نەرسە…> دېگۈچىلەرگە بىرقېتىملىق ئەمەلىي دەرس بولدى. نۇرغۇن ياشلار كېلىپ كۆردى. بۇ كۆرگەزمە ياشلارغا ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە مىللەتپەرۋەرلىك دەرىسى بولدى. ئۈچ شەھەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ كۆرۈشۈش پۇرسىتى، شادلىق سورۇنى بولدى. جەمئىيىتىمىزنىڭ رەئىسى مەلىكەزات ئەھمەد قىزى كۆپ كۈچ چىقاردى. ئالدى بىلەن رەئىسىمىزگە، گۈرۇپپىمىزدىكى پىداكارلارغا رەھمەت ئېيتىمەن. بۇ پائالىيەتتە، ئەڭ  مۇھىمى، رەسساملىرىمىزغا بىرقېتىملىق روھىي كۈچ بېرەلىدۇق. مەدەنىيەت-سەنئەت جەھەتتىكى ئۆزگىچىلىكىمىز بىلەن باشقا مىللەت خەلقلىرىگە ئۇيغۇرنىڭ ئىلغار بىرمىلللەت ئىكەنلىكىنى  تونۇشتۇرالىدۇق. بۇنىڭدىن غورۇرلىنىمەن.» 


Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe to get the latest posts sent to your email.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe now to keep reading and get access to the full archive.

Continue reading