فېۋرال 18, 2026

ئۇيغۇر پوچتىسى، 16-فېۋرال، ۋاشىنگتون

رەسسام ھاشىم قۇربان سۆز قىلماقتا

يېقىندا ئامېرىكىنىڭ ۋىرگىنىيە شتاتى چانتىللى (Chantilly) شەھىرىدىكى «ئوكيانۇس رېستورانى»دا، قازاقىستاندىن كەلگەن داڭلىق رەسسام ۋە قول ھۈنەرۋەن ھاشىم قۇربان ئەپەندىنىڭ رەسىم كۆرگەزمىسى تەنتەنىلىك ئۆتكۈزۈلدى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرى (AUCHP) تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ كۆرگەزمىگە ۋىرگىنىيە شتاتى ۋە نىيۇيورك شەھىرىدىن كەلگەن 100 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر جامائىتى قاتناشتى. پائالىيەتتە يەنە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خادىمى پيرو توززى (Piero Tozzi) ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دىرېكتورلىرىدىن لۇئىسا گرىۋ (Louisa Greve) خانىملارمۇ مېھمان سۈپىتىدە ھازىر بولدى.

كۆپچىلىك كۆرگەزمىدىن خاتىرە سۈرەت قالدۇردى

ئاتاقلىق رەسسام ھاشىم قۇرباننىڭ ئەسەرلىرى ئۆزگىچە بەدىئىي ئۇسلۇبى بىلەن ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدۇ. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە قەدىمكى بۇددا مەدەنىيىتى دەۋرىدىن بۈگۈنكى كۈنگىچە بولغان ئىنسان سىمالىرى ۋە مەنزىرىلەر سېھىرلىك بىر ئۇسلۇبتا تەسۋىرلەنگەن. ھاشىم قۇربان رەسىم سىزىشتىن سىرت، يەنە ياغاچ ئويماچىلىقى ۋە قاپاققا رەسىم سىزىشتەك ئالاھىدە ماھارىتى بىلەن تاماشىبىنلارنى ھەيران قالدۇردى. بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق تەسۋىرلەنگەن ئەسەرلىرى كۆرۈرمەنلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى. قازاقىستاننىڭ «خىزمەت كۆرسەتكەن 1000 ئىجادكار» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بۇ سەنئەتكارنىڭ ئەسەرلىرى ئىلگىرى رۇسىيە ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى مۇھىم كۆرگەزمىلەردە كۆرسىتىلگەن ئىدى.

كۆرگەزمە جەريانىدا، رەسسام ھاشىم قۇربان ئۆزىنىڭ «ئۆيىگە كىرەلمەيۋاتقان دەرۋىشلەر» ناملىق مەنىدار ئەسىرىنى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ ئىجراھىيە دىرېكتورى ئۆمەر قانات ئەپەندىگە تەقدىم قىلدى.

رەسسام ھاشىم قۇربان مەدىنە باۋۇدۇن خانىمغا ئۇنىڭ ئۈچۈن سزغان پورېترىت سۈرەتنى تەقدىم قىلماقتا

پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغۇچى، ئامېرىكا ئۇيغۇر مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرىنىڭ دىرېكتورى مەدىنە باۋۇدۇن خانىم بۇ ھەقتە توختىلىپ: «ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنئىتىنى قوغداش نۆۋەتتە ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى. بىزنىڭ بۇ پائالىيەتنى تەشكىللەشتىكى مەقسىتىمىز — ئۆز كىملىكىمىز ۋە مەدەنىيىتىمىز خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتقان پەيتتە، ئۇنى ساقلاپ قېلىشلا ئەمەس، بەلكى كۈچلەندۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇشتۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ كەلگۈسىدە قىلىدىغان نۇرغۇن خىزمەت پىلانلىرىمىز بار» دېدى. ئۇ يەنە مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ بۇنداق پائالىيەتلەرنى داۋاملىق ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇر سەنئىتىنى دۇنياغا تونۇتۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پائالىيەتكە ئامېرىكىدا كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇيغۇر ياش ۋەكىللىرىدىن ئاسنا تاھىر ئىزگىل جانلىق ۋە ساپ ئۇيغۇر تىلىدا رىياسەتچىلىك قىلىپ، كېيىنكى ئەۋلادنىڭ سەنئەت-مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش روھىنىڭ ئەمەلىي نامايەندىسى بولدى.


ئۇيغۇر پوچتىسى دىن تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى بايقاڭ

يېڭى يازمىلاردىن ئېلخەت ئارقىلىق خەۋەردار بولۇش ئۈچۈن مۇشتەرى بولۇڭ

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۇيغۇر پوچتىسى دىن تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى بايقاڭ

داۋاملىق ئوقۇش ۋە تېخىمۇ كۆپ ماتېرىياللارغا ئېرىشىش ئۈچۈن تىزىملىتىڭ.

داۋاملىق ئوقۇڭ