دېكابىر 21, 2025
Amérikaning siyasiti özgergende, uyghur dewasi qandaq dawamlishidu?

Amérikaning siyasiti özgergende, uyghur dewasi qandaq dawamlishidu?

ئاسىيە ئۇيغۇر

ئاق ساراي 5- دىكابىر يېڭىدىن «دۆلەت بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيىسى دوكلاتى»نى ئېلان قىلدى. بۇ خىل دوكلاتنى ھەر بىر نۆۋەتلىك ئامېرىكا پرېزىدېنتى ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئىچىدە بىر قېتىم ئېلان قىلىدىغان بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ دۇنياۋى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان ئىش تۈرلىرىنى رەسمىي جاكارلايدۇ(يەنى ئامېرىكا دۇنيادىكى قايسى ئىشلارغا كۈچىنى ئىشلىتىدۇ ياكى ئارىلىشىدۇ)، شۇنداقلا بۇ دوكلات ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ خامچوت تەقسىماتىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

دوكلاتنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ غەربىي يېرىم شاردىكى ھۆكۈمرانلىقىنى قايتىدىن تىكلەيدىغانلىقى، ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەربىي كۈچىنى كۈچەيتىدىغانلىقى ۋە ياۋرۇپا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى قايتا باھالاش مۇمكىنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئەمما دوكلاتتا دىققەتنى تارتىدىغان مۇھىم بىر نوقتا شۇكى، ئۇيغۇر مەسىلىسى ئەسلا تىلغا ئېلىنمىغان.

قارايدىغان بولساق،  2018 – يىلدىن 2024 – يىلىغىىچە، ئۇيغۇر مەسىلىسى ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قارىتىلغان ئىستراتېگىيىسىدە مۇھىم مەسىلىلەر سۈپىتىدە كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈلدى. بولۇپمۇ «ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى سىياسىتى قانۇنى»نىڭ تەستىقلىنىشىدىن تارتىپ، «دۆلەت بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيىسى» ۋە يىللىق دوكلاتلاردا ئۈزلۈكسىز ۋە كۆپلەپ تىلغا ئېلىنىشقا باشلىغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسى ئامېرىكىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى، تەمىنلەش زەنجىرى بىخەتەرلىكى، تېخنىكا رىقابىتى ۋە قىممەت قاراشلىرى بىلەن چەمبەرچەس باغلىنىپ، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەسىلىگە ئايلانغانىدى. ھالبۇكى، 2025 – يىللىق «ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيسىى دوكلاتى»دا، ئۇيغۇر مەسىلىسى تۈگۈل، ئىنسان ھەقلىرى ۋە ياكى مەجبۇرىي ئەمگەككە دائىر ھېچقانداق مەسىلە تىلغا ئېلىنمىغان. بۇنىڭ سەۋەبى زادى نىمە؟ ئەجەبا، ئۇيغۇر مەسىلىسى بۈگۈن ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيىسىدىكى قىممىتىنى يوقاتتىمۇ ياكى ۋاشىنگىتوننىڭ «سۈكۈتى»دە باشقا بىر سەۋەبلەرمۇ بارمۇ؟ 

ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قاراتقان ئىستراتېگىيىسىدىكى ئۆزگىرىش

ئامېرىكىنىڭ 2025-يىللىق «دۆلەت بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيىسى»دا، خىتاي «ئۇزۇن مەزگىللىك تەھدىت» دەپ بېكىتىلگەن بولسىمۇ، دوكلاتتا «ئىستراتېگىيەلىك يوچۇق» قالدۇرۇلۇپ، «ئۆز-ئارا پايدا يەتكۈزۈش» دېگەن ئىبارىلەر كۆپرەك ئىشلىتىلگەن. بۇھادىسە، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قاراتقان ئىستراتېگىيىسىنىڭ بايدىن دەۋرىدىكى «قىممەت قاراشلارغا تايانغان دىپلوماتىيە» بىلەن سېلىشتۇرغاندا، تېخىمۇ رېئال بولغان سىياسىي يۆنىلىشكە بۇرۇلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

دوكلاتتا مۇنداق تىلغا ئېلىنغان:

  • ئامېرىكىنىڭ غەربىي يېرىم شاردىكى ھۆكۈمرانلىقىنى قايتا مۇستەھكەملەش؛
  • خىتاينىڭ لاتىن ئامېرىكىسىدىكى كېڭىيىشىنى چەكلەش؛
  • ھىندى- تىنچ ئوكيان رايونىدا ھەربىي تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش؛

يۇقىرىقى  ئىبارىلەردىن قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ دىققىتى نۆۋەتتە «لاتىن ئامېرىكا ۋە كارىب رايونىدىكى ئەنئەنىۋى تەسىر دائىرىسى»نى مۇستەھكەملەشكە يۈزلەنگەن. يەنى بۇئەھۋال ئامېرىكا- خىتاي ئارىسىدىكى رىقابەتنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئۇنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلىنىڭ قىسمەن ئۆزگىرىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

ئۇيغۇر مەسىلىسى نېمىشقا تىلغا ئېلىنمىدى؟

ئەڭ كۆپ دىققەت قوزغىغان نۇقتا شۇكى، 2025-يىللىق «دۆلەت بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيىسى»دا ئۇيغۇر مەسىلىسى پۈتۈنلەي تىلغا ئېلىنمىدى. بۇ، 2018- يىلىدىن 2024- يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى «دۆلەت بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيىسى» ۋە باشقا رەسمىي دوكلاتلار بىلەن رۇشەن سېلىشتۇرما پەيدا قىلىدۇ.

ئۇ مەزگىللەردە  ئۇيغۇر مەسىلىسى:

  • «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» بىلەن «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەكنى توختىتىش قانۇنى»نىڭ چىقىشىغا سەۋەب بولغان؛ 
  • ئامېرىكىنىڭ خىتاي سىياسىتىدىكى مۇھىم كوزىرغا ئايلانغان؛
  • تەمىنلەش زەنجىرى بىخەتەرلىكى ۋە تېخنىكا رىقابىتى بىلەن بىۋاسىتە باغلانغان.

بۇ ۋەجىدىن، بۇ قېتىمقى دوكلاتتا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى «تىلغا ئالماسلىق» تەساددىپىيلىق ئەمەس، بەلكى بۇ مەسىلىنى ئامېرىكىنىڭ نۆۋەتتە بايدىن دەۋرىدىكىدەك ئىنسان ھەقلىرىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغان دىپلوماتىيەدىن، كۈچ، سودا ۋە بىخەتەرلىككە تايانغان رېئال-سېياسەتكە يۆتكەلگەنلىكىدىن كېلىپ چىققان ئۆزگىرىش دەپ قاراشقا بولىدۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقلىرىنى قوغداشقا دائىر قانۇنلار بار، ئەمما ھېلىمۇ كۈچكە ئىگىمۇ؟

ئومۇمەن ئېيتقاندا، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئالاقىدار چىقىرىلغان قانۇنلار (مەسىلەن، مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن باغلىنىشلىق ئىمپورت چەكلىمىلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك قانۇنلار) قانۇنىي جەھەتتىن ھېلىمۇ كۈچكە ئىگە، ئەمما مەسىلە قانۇننىڭ بار-يوقلۇقىدا ئەمەس، ئۇنىڭ ئەمەلىي ئىجرا كۈچى ۋە ئىجرا دەرىجىسىدە كۆرۈلۈۋاتقان ئۆزگىرىشلەردە.

ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى (CBP) نىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، 2025-يىلى مەجبۇرىي ئەمگەككە دائىر تەكشۈرۈش ۋە چەكلەش قەدەملىرى ئالدىنقى يىللارغا سېلىشتۇرغاندا ئازايغان. كۆزەتكۈچىلەر بۇ ئەھۋالنى ئامېرىكىنىڭ نۆۋەتتىكى باسقۇچتا سودا ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرگە كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىشى، شۇنداقلا قانۇن ئىجرا ئورگانلىرىنىڭ بايلىق- ئادەم كۈچى ۋە سىياسىي ئەۋزەللىك تەرتىپىدىكى ئۆزگىرىشلەر بىلەن ئىزاھلاشقا ئۇرۇنماقتا. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك قانۇنلار ھېلىمۇ ئىجرا قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇنىڭ قانداق دەرىجىدە كۈچەيتىلىپ قوللىنىلىشى سىياسىي ئىرادە ۋە ئىجرا مېخانىزمىغا زور دەرىجىدە باغلىق بولۇپ قالغان.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ترامپ ھۆكۈمىتىدە ماركو رۇبىيونىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋەزىپىسىدە بولۇشى ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەر ۋە سىياسەتلەردە قايتا كۈچەيتىلىش ئېھتىماللىقىنىڭ ھەرۋاقىت مەۋجۇتلۇقىنى كۆرسىتىدۇ. 

ئامېرىكا كونگرېسى بىلەن ئاق ساراي ئارىسىدا پىكىر ئوخشاشماسلىقى بارمۇ؟

2025-يىلى 10-دېكابىر، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى (CECC) ئېلان قىلغان دوكلاتتا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش سىياسىتى قاتتىق تەنقىد قىلىندى. دوكلاتتا يەنە، خىتاينىڭ چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرگە تۈرلۈك بېسىم  ۋە تەھدىت قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەر ئالاھىدە تىلغا ئېلىندى.  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاق ساراي 2025-يىلى 4-دېكابىر ئېلان قىلغان «دۆلەت بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيىسى دوكلاتى» بولسا، دۇنياۋى بىخەتەرلىك ۋە چوڭ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەتكە مەركەزلەشكەن بولۇپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى تىلغا ئېلىنمىغان. بۇ ھادىسە كىشىگە ھەقىقەتەن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بىلەن ئاق ساراي ئارىسىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە نىسبەتەن پىكىر ئوخشىماسلىقى باردەك تەسىر بېرىدۇ. لېكىن رېئاللىق ئۇنداق بولۇشى ناتايىن. چۈنكى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى ئېلان قىلغان دوكلاتتا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ مەخسۇس تىلغا ئېلىنىشى ئېنىق. چۈنكى بۇ دوكلاتنى ئېلان قىلغان ئورگاننىڭ ئاساسلىق خىزمىتى دەل خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرىنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، ئۇچۇر ئىگىلەش ۋە بۇ ھەقتە دوكلات تەييارلاپ ھۆكۈمەتكە سۇنۇشتۇر. ئەمما ئاق ساراينىڭ «دۆلەت بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيىسى دوكلاتى» بولسا، بىر دۆلەتنىڭ مۇتلەق يۇقىرى دەرىجىلىك، دۇنياۋى بىخەتەرلىك ھۆججىتى ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق بىر دوكلاتتا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تىلغا ئېلىنماسلىقى، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئامېرىكىنىڭ كۈن تەرتىپىدىن چۈشۈپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. بەلكى ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قاراتقان ئىستراتېگىيىسىدە مەلۇم ئۇسلۇب جەھەتتىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. باشقىچە ئېيتقاندا، ئۇسلۇبنىڭ ئۆزگىرىشى مەسىلىنىڭ ئۆزىدىن ۋاز كەچكەنلىكنى ئەمەس، بەلكى بۇ مەسىلىنىڭ قايسى سىياسىي ۋە ئىستراتېگىيىلىك يوللار ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.

ئۇيغۇر دەۋاسى قانداق داۋاملىشىدۇ؟

ئەمەلىيەتتە، نۆۋەتتە كۆرۈلۈۋاتقان خەلقئارا سىياسىي ۋە ئىستراتېگىيىلىك ئۆزگىرىشلەر، ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ خەلقئارالىق كۈنتەرتىپتىن قېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەيدۇ، بەلكى بۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئامېرىكىنىڭلا كۈنتەرتىپىدىكى مەسىلە بولۇشتىن ھالقىپ، تېخىمۇ كەڭ خەلقئارا سەھنىگە يۈزلىنىشىنىڭ باشلىنىشى بولۇشى مۇمكىن. باشقىچە ئېيتقاندا، ئۇيغۇر مەسىلىسى بۈگۈن بىر دۆلەت ياكى بىر ھۆكۈمەتنىڭ ئىرادىسىگىلا باغلىق بولغان مەسىلە ئەمەس، بەلكى كۆپ قاتلاملىق، كۆپ ساھەلىك خەلقئارا مەسىلىگە ئايلىنىپ بولدى.

ئالدى بىلەن، ئۇيغۇر مەسىلىسى ئاللىبۇرۇن ياۋرۇپا ئىتتىپاقى ۋە بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرىنىڭ قانۇن- سىستېمىسىغا كىرگۈزۈلدى. مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى قانۇنلار، ئىمپورت چەكلىمىلىرى ۋە كارخانا مەسئۇلىيىتىگە دائىر نىزاملار ئارقىلىق، ئۇيغۇر مەسىلىسى ئاللىبۇرۇن قانۇنىي ئىجرا دەرىجىسىگە يۈكسەلدى. بۇ خىل قانۇنلاشتۇرۇش مەسىلىنىڭ ۋاقىتلىق سىياسىي ھاۋاغا باغلىنىپ قالماسلىقىغا مۇكەممەل شارائىت ھازىرلىدى.

ئىككىنچىدىن، ئۇيغۇر مەسىلىسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى مېخانىزمىلىرىدا مۇقىم ئورۇن ئالدى. ب د ت نىڭ مۇناسىۋەتلىك دوكلاتلىرى، مۇستەقىل مۇتەخەسسىسلەرنىڭ باھالاشلىرى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ ئىزچىل دىققىتى بۇ مەسىلىنى خەلقئارا قانۇن ۋە نورما سەۋىيەسىدە داۋاملىق كۈنتەرتىپتە ساقلاپ قالىدۇ.

ئۈچىنچىدىن، ئۇيغۇر مەسىلىسى بۈگۈن خەلقئارا كارخانىلار ۋە دۇنياۋى تەمىنلەش زەنجىرى بىلەن بىۋاسىتە باغلىنىپ قالدى. بۇ دېگەنلىك، بىر مەھسۇلاتنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشىدا ياكى خام ئەشياسىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن باغلانغان بۆلەك بولسا، ئۇ مەھسۇلاتنى سېتىۋاتقان ياكى ئىشلىتىۋاتقان كارخانىلار قانۇنىي جاۋابكارلىققا ۋە ئىقتىسادىي خەۋپكە دۇچ كېلىدۇ. شۇڭا بۈگۈن ئۇيغۇر مەسىلىسى پەقەت سىياسەتچىلەر ياكى ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى سۆزلەيدىغان مەسىلە ئەمەس، بەلكى سودا، بازار ۋە كارخانىلار ئۈچۈنمۇ جىددىي بىر مەسىلە بولۇپ قالدى. بۇنداق ئەھۋالدا، دۆلەتلەرنىڭ خىتايغا بولغان سىياسىي پوزىتسىيەسى ئۆزگەرگەن تەقدىردىمۇ، قانۇن، بازار بېسىمى ۋە كارخانا مەسئۇلىيىتى سەۋەبىدىن، ئۇيغۇر مەسىلىسى خەلقئارا كۈنتەرتىپتىن ئاسانلىقچە چۈشۈپ قالمايدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، مۇستەقىل ئاخبارات، ئاكادېمىك تەتقىقات ۋە ئۇيغۇر دىئاسپوراسىنىڭ ئاۋازى ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك كۈچى بولۇپ قالماقتا. خەۋەر ۋاسىتىلىرىنىڭ داۋاملىق ئىز قوغلىشى، ئالىملارنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتلىرى ۋە دىئاسپورا جەمئىيىتىنىڭ تەشۋىقات ۋە ئاڭلىتىش پائالىيەتلىرى بۇ مەسىلىنى پەقەت سىياسەتچىلەرنىڭ قارارىغا تاپشۇرۇپ قويماي، ئاممىۋى پىكىر ۋە بىلىم ساھەسىدە مۇستەھكەم ئورۇنغا ئىگە قىلدى.

خۇلاسىلىغاندا، ئۇيغۇر دەۋاسى بۈگۈن بىر باسقۇچتىن يەنە بىر باسقۇچقا ئۆتمەكتە. ئۇ بىر دۆلەتنىڭ تاشقى سىياسەت باياناتىغا باغلىق بولغان تار دائىرىلىك مەسىلە ئەمەس، بەلكى قانۇن، خەلقئارا قىممەت قاراش، بازار مېخانىزمى ۋە جامائەت پىكرى بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان كۆپ قاتلاملىق خەلقئارا دەۋاغا ئايلىنىپ بولدى. شۇڭا، نۆۋەتتىكى ئۆزگىرىشلەرنى ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ ئاجىزلىشىشى دەپ قاراشتىن كۆرە، چوڭ سەھنىگە كۆچۈشى ۋە ئىپادىلەش شەكلىنىڭ تېخىمۇ سەرخىللىشىشى دەپ چۈشەندۈرۈش تېخىمۇ مۇۋاپىق بولىدۇ. يەنى، ئامېرىكا سىياسىتى ھەر ۋاقىت ئۆزگىرىشى مۇمكىن، ئەمما ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ قانۇنىي ئاساسىي ۋە خەلقئارانىڭ ئارلىشىشى ئەسلا ئۆزگەرمەيدۇ. دېمەك، ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى، بىر دۆلەتنىڭ ۋاقىتلىق سىياسىي تاللىشىغا ئەمەس، بەلكى ئۇزۇن مۇددەتلىك چىدامچانلىققا ۋە كۆپ تەرەپلىك خەلقئارا قوللاشقا بەكرەك تايىنىدۇ.


Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe to get the latest posts sent to your email.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe now to keep reading and get access to the full archive.

Continue reading