28-فېۋرال
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئىراندىكى بارلىق بىخەتەرلىك كۈچلىرىنى قورال تاشلاشقا چاقىردى.
ترامپ: «بىزنىڭ ئىشىمىز تۈگىگەندە، ئىران دېڭىز ئارمىيەسىدىن، ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمىدىن ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىدىن ھېچنېمە قالمايدۇ»، دېدى.
ئامېرىكا ئۇرۇش منستىرلىكى بۇ ھۇجۇمنى «ئەپسانىۋى غەزەپ ھەرىكىتى» دەپ ئاتىدى
ترامپ ئىران ئۆكتىچىلىرىگە مۇنداق خىتاب قىلدى: «بىز ئىشىمىزنى تۈگەتكەندە، بېرىپ ھاكىمىيەتنى قولۇڭلارغا ئېلىڭلار. ئۇنىڭدىن كېيىن ئىراننىڭ تەقدىرىنى ئىرانلىقلار ئۆزى بەلگىلەيدۇ».
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتىدىن قويۇپ بېرىلگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بايقالدى. ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە، ھەپتىلەپ داۋاملاشقان ھەربىي مۇداخىلە تەھدىتلىرىدىن كېيىن، شەنبە كۈنى ئىرانغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىغانلىقىنى ئېلان قىلدى؛ ھۇجۇملاردا نۇرغۇن شەھەرلەردە پارتلاش ئاۋازى ئاڭلاندى.
تەييارلىغۇچى: ئېھسان
ئۇيغۇر پوچتىسى دىن تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى بايقاڭ
يېڭى يازمىلاردىن ئېلخەت ئارقىلىق خەۋەردار بولۇش ئۈچۈن مۇشتەرى بولۇڭ
