ئۇيغۇر پوچتىسى، 23-فېۋرال
ئامېرىكا (ئا ب د ) 2002-يىلىدىكى «تىبەت سىياسىتى قانۇنى» غا ئاساسەن، رايلى م. بارنېس (Riley M. Barnes) نى تىبەت مەسىلىلىرى بويىچە يېڭى ئالاھىدە ماسلاشتۇرغۇچى قىلىپ تەيىنلىدى. ئامېرىكا دۆلەت ئشلىرى مىنىستىرلىقى ماركو رۇبىيو تەرىپىدىن 2026-يىلى 17-فېۋرال — تىبەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى يېڭى يىلى «لوسار» بايرىمىغا توغرىلاپ ئېلان قىلىنغان بۇ تەيىنلەش، ۋاشىنگتوننىڭ تىبەتلەرنىڭ ئىنسان ھەقلىرى، دىنىي ئەركىنلىكى، مەدەنىيەت ۋە تىل مىراسلىرىنى قوغداشقا بولغان ئىزچىل ۋەدىسىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەيدۇ.
بارنېس ئەپەندى نۆۋەتتە ئامېرىكا دۆلەت ئشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ دېموكراتىيە، ئىنسان ھەقلىرى ۋە ئەمگەك ئىشلىرى بويىچە ياردەمچى مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنىمۇ ئۆتىمەكتە. ئۇ يېڭى ۋەزىپىسىدە تىبەتنىڭ ئۆزگىچە سالاھىيىتىنى قوغداشقا قارىتىلغان ئامېرىكا سىياسەتلىرىنى ماسلاشتۇرىدۇ. بۇ خىزمەتلەر خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئالىي رەھبەر دالاي لاما ۋەكىللىرى ئوتتۇرىسىدا ئەھمىيەتلىك سۆھبەتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ساختا ئۇچۇرلارغا تاقابىل تۇرۇش، تىبەتكە كىرىش ئەركىنلىكىنى قوللاش، تىبەت مۇساپىرلىرىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ئېھتىياجىنى ھەل قىلىش ھەمدە تىبەتنىڭ سىجىل تەرەققىياتى ۋە مۇھىت ئاسراش ئىشلىرىنى تەشەببۇس قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دارامسالادىكى مەركىزى تىبەت مەمۇرىيىتى (CTA) ۋە «خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى» (ICT) قاتارلىق تەشكىلاتلار بۇ تەيىنلەشنى قىزغىن قارشى ئېلىپ، بۇنى ئامېرىكىنىڭ تىبەت مەسىلىسىدىكى ئىككى پارتىيە ئورتاق قوللايدىغان سىياسىتىنىڭ داۋامى دەپ باھالىدى.
ماركو رۇبىيو ئۆزىنىڭ رەسمىي باياناتىدا: «تىبەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى يېڭى يىلى — لوسار بايرىمىنى تەبرىكلەۋاتقان بارلىق كىشىلەرگە ئوتلۇق سالام يوللايمەن. ئوت ئات يىلىنىڭ بۇ تۇنجى كۈنىدە، بىز پۈتۈن دۇنيادىكى تىبەتلەرنىڭ مەۋقەسىدىكى مۇستەھكەملىكنى ۋە ئېگىلمەس روھىنى تەبرىكلەيمىز. ئامېرىكا تىبەتلەرنىڭ تارتىۋالغىلى بولمايدىغان ئىنسان ھەقلىرىنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئۆزگىچە تىل، مەدەنىيەت ۋە دىنىي مىراسلىرىنى قوللاشقا بولغان ۋەدىسىدە ئىزچىل چىڭ تۇرىدۇ.
دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تىبەتلەرنىڭ يېڭى يىلىنىڭ سالامەتلىك ۋە بەرىكەت ئىچىدە ئۆتۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن. لوسار تاشى دېلېك (Losar Tashi Delek) ۋە يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!بۇ خاسىيەتلىك پەيتتە، مەن يەنە ياردەمچى مىنىستىر رايلى م. بارنېسنى ئامېرىكىنىڭ تىبەت مەسىلىلىرى بويىچە ئالاھىدە ماسلاشتۇرغۇچىسى قىلىپ تەيىنلىگەنلىكىمدىن خۇشالمەن» دېدى. ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى بۇ قەدەمنىڭ خىتاي باشقۇرۇشىدىكى تىبەت رايونلىرىدا دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ چەكلىنىشى، مەدەنىيەت جەھەتتىن ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىش ۋە تىلنىڭ باستۇرۇلۇشىغا بولغان ئەندىشىلەر كۈچىيىۋاتقان بىر پەيتتە، تىبەتلەرنىڭ تارتىۋالغىلى بولمايدىغان ھوقۇقلىرىنى قوغداشقا بولغان ساداقىتىنى مۇستەھكەملەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
مەركىزى تىبەت مەمۇرىيىتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمىنىڭ كاتىپى كارما چوئيىڭ: «بىز پرېزىدېنت دونالد ترامپ ۋە مېنستىر ماركو رۇبىيوغا بۇ مۇھىم تەيىنلەش ئۈچۈن چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز، شۇنداقلا ياردەمچى مىنىستىر رايلى م. بارنېسنىڭ يېڭى ۋەزىپىسىنى تەبرىكلەيمىز» دېدى.
بۇنىڭغا جاۋابەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ تەيىنلەشنى قاتتىق ئەيىبلەپ، ئالاھىدە ماسلاشتۇرغۇچى ۋەزىپىسىنى «ساپ سىياسىي ھەرىكەت» ۋە خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلىشىش دەپ سۈپەتلىدى. بېيجىڭ تىبەتكە ئالاقىدار مەسىلىلەرنىڭ پۈتۈنلەي خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ ۋەزىپىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلىدى.
بۇ تەرەققىيات تىبەتتىكى ئىنسان ھەقلىرى ئەھۋالى خەلقئارانىڭ ئۈزلۈكسىز كۆزىتىشىگە ئېرىشۋاتقان، ئامېرىكا دىپلوماتىك ۋاسىتىلەر ئارقىلىق بۇ مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان بىر مەزگىلدە يۈز بەردى. لوسار بايرىمى مەزگىلىدە ئېلان قىلىنغان بۇ خەۋەر، جۈملىدىن بارنېسنىڭ ئامېرىكا دۆلەت ئشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ يىللىق لوسار زىياپىتىگە ساھىبخانا بولۇشى، ۋاشىنگتوننىڭ تىبەت جەمئىيىتى ۋە تىبەتنى قوللىغۇچىلار بىلەن بولغان ئالاقىنى يېڭى بىر بالداققا كۆتۈرگەنلىكىدىن بېشارەت بەرمەكتە.
ئۇيغۇر پوچتىسى دىن تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى بايقاڭ
يېڭى يازمىلاردىن ئېلخەت ئارقىلىق خەۋەردار بولۇش ئۈچۈن مۇشتەرى بولۇڭ
