دېكابىر 29, 2025

ئۇيغۇر پوچتىسى 

27-دېكابىر

ئامېرىكا تەيۋەنگە 10 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق قورال سېتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، تەيۋەننى ئۆز زېمىنى دەپ قارايدىغان بېيجىڭ بۇنىڭغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى. ۋاشىنگتون تەيۋەنگە كەڭ كۆلەملىك قورال سېتىش پىلانىنى ئېلان قىلىپ بىر ھەپتىدىن كېيىن، يەنى جۈمە كۈنى بېيجىڭ ئامېرىكىنىڭ مۇداپىئەگە ئالاقىدار 20 شىركىتى ۋە بۇ شىركەتلەرنىڭ 10 نەپەر ئەمەلدارىغا جازا يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ جازا تەدبىرلىرى مەزكۇر شىركەتلەرنىڭ خىتايدىكى مۈلكىنى توڭلىتىش ۋە شەخس ھەم تەشكىلاتلارنىڭ ئۇلار بىلەن سودا قىلىشىنى چەكلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. 

جازالانغان شىركەتلەر ئارىسىدا Northrop Grumman Systems Corporation ، L3Harris Maritime Services ۋە سېنت لۇئىستىكى بويىن (Boeing) شىركىتى بار. شۇنداقلا Anduril Industries مۇداپىئە شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى پالمېر لۇكى (Palmer Luckey) قاتارلىق 10 مەسئۇلنىڭ خىتايدا سودا قىلىشى چەكلەنگەن ۋە ئۇلارنىڭ خىتايغا كىرىشى مەنئى قىلىنغان. ئۇلارنىڭ خىتايدىكى مۈلۈكلىرىمۇ توڭلىتىلغان.

ترامپ ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان تەيۋەنگە 10 مىليارد دوللاردىن ئاشىدىغان قورال سېتىش پىلانى ئەگەر ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تەرىپىدىن تەستىقلانسا، بۇ امېرىكىنىڭ تەيۋەنگە ئەڭ چوڭ كۆلەملىك قورال سېتىشى بولۇپ قالىدىكەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا: «بىز شۇنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەيمىزكى، تەيۋەن مەسىلىسى خىتاينىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىنىڭ مەركىزى، شۇنداقلا خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى ھەرگىز بېسىپ ئۆتۈشكە بولمايدىغان بىرىنچى قىزىل سىزىقىدۇر» دېگەن. باياناتتا يەنە: «تەيۋەنگە قورال سېتىش بىلەن شۇغۇللانغان ھەر قانداق شىركەت ياكى شەخس ئۆز خاتالىقى ئۈچۈن بەدەل تۆلەيدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇرۇلغان. خىتاي يەنە ئامېرىكىنى «تەيۋەننى قوراللاندۇرۇشتەك خەتەرلىك ھەرىكەتلەرنى» توختىتىشقا چاقىرغان.

تەيۋەن مەسىلىسى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى ئەڭ نازۇك نۇقتا بولۇپ، تەھلىلچىلەر بۇنىڭ ئىككى كۈچ ئوتتۇرىسىدا ھەربىي توقۇنۇشقا ئايلىنىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىمەكتە. خىتاي ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىشىنى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك كېلىشىملەرگە خىلاپ دەپ دەۋا قىلماقتا.

خىتاي ئارمىيىسى يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا تەيۋەن ئەتراپىدىكى ھاۋا ۋە دېڭىز تەۋەلىكىدىكى پائالىيەتلىرىنى كۆپەيتتى، ھەربىي پاراخوت ۋە كۈرەشچى ئايروپىلانلار بىلەن ئارال ئەتراپىدا ھەر كۈنى دېگۈدەك مانېۋىر ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە.

ئامېرىكا فېدېراتسىيە قانۇنىغا ئاساسەن، ۋاشىنگتون تەيۋەننىڭ ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىغا ياردەم بېرىشكە مەجبۇر. بۇ نۇقتا خىتاي بىلەن بولغان زىددىيەتنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى. بېيجىڭ بىلەن ۋاشىنگتون ئوتتۇرىسىدا سودا، تېخنىكا ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىدىمۇ جىددىيچىلىك مەۋجۇت.

مەزكۇر خەۋەر ئامېرىكا ئىستېمالچىلار خەۋەرلىرى ۋە سودا تور بېكىتىنىڭ ئالاقىدار خەۋىرىگە ئاساسەن تەرجىمە قىلىنىپ تەييارلاندى.


Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe to get the latest posts sent to your email.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe now to keep reading and get access to the full archive.

Continue reading