ئىزاھات: ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى پەۋقۇلئاددە كومىتېتى 2025-يىللىق دوكلاتىنى 10-دېكابىر ئېلان قىلدى. ئۇيغۇر پوچتىسى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەزكۇر دوكلاتنىڭ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» بۆلىكى ۋە كومىتېت باشلىقلىرىنىڭ باياناتىنى مەزكۇر كومىتېتنىڭ رۇخسىتى بىلەن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.
كومىتېتىمىزنىڭ 2025-يىللىق دوكلات مەزگىلىدە، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى يەھۇدىيلار ئىرقىي قىرغىنچىلىقى خاتىرە
مۇزېيىدىكى سىمون-سكىيودت ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزى (Simon-Skjodt Center for the Prevention of Genocide) تەتقىقاتچىسى رىيان تۇمنىڭ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى (خ.خ.ج) ئەمەلدارلىرىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى (ش.ئۇ.ئا.ر)دىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلارغا قارىتا زور تۈركۈمدىكى ۋەھشىي جىنايەتلەرنى سادىر قىلغانلىقى ۋە سادىر قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى تەتقىقات نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى. تۇم ش.ئۇ.ئا.ر دىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق دېگەن يەكۈنلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بارلىق رەسمىي سىياسەتلەرنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى جەمزلەشتۈردى.
دوكلاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ش.ئۇ.ئا.ر دائىرىلىرى يېقىندا تۈركىي ۋە مۇسۇلمان شەخسلەرنى دائىم يېزا-قىشلاقلاردىكى ئەنئەنىۋى كەسىپلەردىن سانائەتكە يۆتكىگەن مەجبۇرىي ئەمگەك سىستېمىسىنى كېڭەيتكەن. دائىرىلەر يېزىلاردىكى ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان مەجبۇرىي ئەمگەك پروگراممىلىرىغا قوشۇمچە ھالدا ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنى مۇسادىرە قىلىپ، ئۇلارنىڭ يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى دۆلەت باشقۇرىدىغان ھەمكارلىق كوپېراتىپلىرىغا ۋە قۇرۇلۇش شىركەتلىرىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن.
ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە ئوخشاش، ش.ئۇ.ئا.ر دائىرىلىرى مۇسۇلمانلارنىڭ رامىزاندا روزا تۇتۇشىنى چەكلىگەن. خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىدا ئېلان قىلىنغان سىنلارغا قارىغاندا، دائىرىلەر 2025-يىلى مارت رامىزان مەزگىلىدە ئاقسۇ ۋە خوتەن ۋىلايەتلىرىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئاھالىلەرنىڭ روزا تۇتۇشىنى توسۇش ئۈچۈن ئۇلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغان. بۇنىڭدىن باشقا، دائىرىلەر قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ پەيزاۋات ناھىيىسىدىكى بىر قانچە بازارنىڭ ئاھالىلىرىدىن ئۆزلىرىنىڭ روزا تۇتمىغانلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، رامىزان مەزگىلىدە ئۆزلىرىنىڭ چۈشلۈك تاماق يەۋاتقانلىقىنى سۈرەتكە ئېلىشنى تەلەپ قىلغان.
2025-يىلى 27-فېۋرال، تايلاند ئەمەلدارلىرى خەلقئارانىڭ كۈچلۈك ئەندىشىسىگە ۋە خ.خ.ج دائىرىلىرىنىڭ 2009-يىلى كامبودژادىن ئوخشاش ئۇسۇلدا خىتايغا قايتۇرۇلغان 20 نەپەر ئۇيغۇرنى تۈرمىگە سالغانلىقى ياكى قىيناققا ئالغانلىقىغا دائىر دەلىللەرنىڭ مەۋجۇت بولۇشىغا قارىماي، 40 نەپەر ئۇيغۇر پاناھلىق تىلىگۈچىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن. بۇ كىشىلەر تەخمىنەن ئون يىل ئىلگىرى تۈركىيەگە يېتىپ بېرىش ئۈمىدىدە ش.ئۇ.ئا.ر دىن تايلاند ۋە باشقا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىگە قېچىپ كەتكەن 500 ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى ئىدى.
2024-يىلى نويابىر، «ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى» 2009-يىلى كامبودژادىن قايتۇرۇلغان 16 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك تۈرمە جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى، ئىككىيلەننىڭ تۈرمىدە قازا قىلغانلىقىنى دوكلات قىلغان.
2024-يىلى فېۋرالدا، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدىن پاناھلىق تىلەش ئۈمىدىدە كامبودژاغا قېچىپ بارغان 22 ياشلىق ئۇيغۇر ئابدۇرېقىپ راخمان (Abdureqip Rahman) كامبودژا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قايتۇرۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كۇچا ناھىيىسىگە مەجبۇرىي ئەۋەتىۋېتىلگەن. ب. د. ت ئەمەلدارلىرى ئۇنىڭغا ياردەم قىلىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، 2024-يىلى يانۋاردا، ئابدۇرېقىپ راخمان ئالدى بىلەن كامبودژا دائىرىلىرى تەرىپىدىن نەزەربەند قىلىنغان، ئاندىن كامبودژادىكى خ.خ.ج دائىرىلىرىنىڭ قولىغا ئۆتكۈزۈلۈپ، 1-فېۋرال كۇچاغا ئەۋەتىلگەن. 2024-يىلى دېكابىرغىچە ئابدۇرېقىپ راخماننىڭ ئەھۋالى نامەلۇم.
ش.ئۇ.ئا.ر دائىرىلىرى تۈركىي ۋە مۇسۇلمان ئاھالىسىگە قارىتا كونتروللۇقنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن نازارەت قىلىش تېخنىكىسى ۋە باشقا ئۇسۇللارنى ئىشلەتكەن. ئىشلىتىلگەن ئۇسۇللار ئارىسىدا 2024-يىلى يازدىكى تور بىخەتەرلىك ھەرىكىتى؛ قەشقەر ۋە خوتەن ۋىلايەتلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە كەلگەن مېھمانلارنى دەرھال ساقچىغا دوكلات قىلىش تەلەپلىرى؛ 2025-يىلى باھار بايرىمىدىن ئىلگىرىكى قىشلىق بىخەتەرلىك ھەرىكىتى؛ شۇنداقلا، ئىلگىرى تۇتۇلغان ئۇيغۇرلارنى، جۈملىدىن سودىگەرلەر، خەير-ساخاۋەتچىلەر ۋە چەتئەلگە ساياھەت قىلغان كىشىلەرنى قايتا تۇتۇش قاتارلىقلار بار.
ئىنگىلىز تىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغۇچى: تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىيان
Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى
Subscribe to get the latest posts sent to your email.
