دېكابىر 21, 2025
Amérika dölet mejlisi aliy we ottura mekteplerde uyghur we xitay tillirini öginishni tewsiye qildi

ئۇيغۇر پوچتىسى، 18-دېكابىر

ئۆزگۈر ئۇيغۇر

ئامېرىكا دۆلەت مەجلسىدىكى ئىككى پارتىيە خادىملىرىدىن تەشكىللەنگەن دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائ‍ىيە كومىتېتى 10-دېكابىر ئېلان قىلغان يىللىق دوكلاتىدا، خىتاي تىلى ۋە باشقا خىتايغا مۇناسىۋەتلىك تىللارنى «پېششىق ئۆگىنىش» پىلانىنى زور دەرىجىدە كېڭەيتىشكە چاقىردى. ئۇلار ۋاشىنگىتوننىڭ ئامېرىكا مائارىپ ساھەسىدىن بېيجىڭنىڭ تەسىرىنى چەكلەش قەدىمىگە ئەگىشىپ، تىل جەھەتتىكى ئالاھىدە ماھارەتنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئۈچۈن تولىمۇ زۆرۈر ئامىلغا ئايلىنىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
بۇ تەشەببۇس پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ ئىككىنچى نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتى دەۋرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىگە چېتىشلىق ئورگانلار بىلەن بولغان ھەمكارلىقنىڭ قاتتىق چەكلىنىشى ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پىلانلىرىغا ئاجرىتىلغان فېدېراتسىيە مەبلىغىنىڭ قىسقارتىلىشىدەك بىر ۋەزىيەتتە ئوتتۇرىغا چىقتى.
ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا خىتاي تىلى ئۆگىنىش پۇرسەتلىرى كۆپ بولسىمۇ، كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرى تاقالغاندىن كېيىن، خىتاي تىلى ئۆگىنىش نىسبىتى تۆۋەنلىگەن.
ھازىر ئامېرىكىدا خارۋارد ئۇنىۋېرىسىتېتى، ئىندىيانا ئۇنىۋېرىسىتېتى، جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرىسىتېتى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش پىروگراممىلىرى تەسىس قىلىنغان.
ۋاشىنگتون ئۆزىنىڭ خىتاي سىياسىتىنى قاتتىقلاشتۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە، ئېھتىياتچانلىقنىڭ «بىلىم جەھەتتىكى چېكىنىش»كە ئايلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەڭ چوڭ خىرىسلارنىڭ بىرى بولۇپ قالماقتا. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، تىل ماھارىتى بېيجىڭغا بېرىلگەن بىر يول قويۇش بولماستىن، بەلكى ئامېرىكا ئۈچۈن بىر سىتراتېگىيەلىك بايلىق ئىكەن.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى پەۋقۇلئاددە كومىتېتىنىڭ 2025-يىللىق دوكلاتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئائىت قسمى ۋە كومىتېتىنىڭ باشلىقلىرىنىڭ باياناتىنى كومىتېتىنىڭ رۇخستى بىلەن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ ئىلان قىلدى.تۆۋەندىكى ئادېرستىن ئوقۇڭ

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى پەۋقۇلئاددە كومىتېتىنىڭ باشلىقلىرىنىڭ 2025-يىللىق دوكلات ھەققىدىكى باياناتى

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى پەۋقۇلئاددە كومىتېتىنىڭ باشلىقلىرىنىڭ 2025-يىللىق دوكلات ھەققىدىكى باياناتى

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى پەۋقۇلئاددە كومىتېتىنىڭ 2025-يىللىق دوكلاتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئائىت قىسمى

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى پەۋقۇلئاددە كومىتېتىنىڭ 2025-يىللىق دوكلاتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئائىت قىسمى


Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe to get the latest posts sent to your email.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe now to keep reading and get access to the full archive.

Continue reading