ئۇيغۇر پوچتىسى، 3-مارت
ۋاشىنگتون رايونىدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى يەھۇدىي تەشكىلاتلىرىدىن بىرى بولغان ئاداس ئىسرائىلىيە جامائىتى (Adas Israel Congregation)، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش خەلقئارالىق ھەرىكىتىنىڭ سادىق بىر ئاۋازىغا ئايلاندى. ئۆتكەن ھەپتە ئۇلار يەنە ھەر ئاينىڭ ئاخىرقى پەيشەنبە كۈنى خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئېلىپ بارىدىغان ئىزچىل نامايىشىنى داۋاملاشتۇردى.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ئىجرائىيە دىرېكتورى ئۆمەر قانات ئەپەندى تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى:
«ئاداس ئىسرائىلىيە تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئەڭ ئېغىر كۈنگە دۇچ كەلگەندە بىز بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ ئېلىپ بارغان بۇ نامايىشلىرى ھەقىقەتەن كىشىنى تەسىرلەندۈرىدۇ. ئۇلار قىش-ياز، ئىسسىق-سوغۇق دېمەستىن، ھېچنېمىگە قارىماي خىتاي ھۆكۈمىتىگە ‘ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختات!’ دەپ توۋلىماقتا. تېخى ھازىرغىچە دۇنيانىڭ ھېچقانداق يېرىدە، ھەتتا بىرەر ئۇيغۇر تەشكىلاتىمۇ بۇنچە ئىزچىللىق بىلەن نامايىش ئېلىپ بارمىغان.»
ئاداس ئىسرائىلىيە ئەزالىرى ئۆزلىرىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراش ۋە ۋەتىندىن مەجبۇرى ئايرىلشتەك تارىخىي كەچۈرمىشلىرىگە تايانغان ھالدا، ئۇيغۇر خەلقى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشنى ئۆزلىرىنىڭ چوڭقۇر مەسئۇلىيىتى دەپ قارىماقتا.
ئۆتكەن يىلى، ئاداس ئسرائىل ئۇيغۇر تايمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېگەن:
«بىز نامايىشلىرىمىزدا شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى ئاۋاز چىقىرىش، ئۇيغۇرلار بىلەن تۇرۇش ۋە گۇاھلىق بېرىش زۆرۈرىيىتىگە بولغان قەتئىي ئىشەنچىمىزنى نامايان قىلىمىز. يەھۇدىى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىزنى بىر مىللەت، بىر مەدەنىيەت ۋە بىر دىن سۈپىتىدە يوقىتىشقا ئۇرۇنغان، ئەسىرلەر بويى داۋاملاشقان تارىخىي ئەسلىمىلىرىمىزنى ئۇنتۇمايمىز. بىز مۇساپىرەتچىلىكتە ياشاشنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. شۇنداقلا، بۇنداق زۇلۇملارغا قارشى تۇرۇشتا ئىتتىپاقداشلارنىڭ بىز بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشىنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى روشەن تونۇپ يېتىمىز. بىز ھەر بىر ئىنساننىڭ ھاياتىنى پۈتۈن بىر دۇنياغا باراۋەر دەپ قارايمىز. بۇ دۇنيالارنى ۋەيران قىلىشقا بولغان ئۇرۇنۇشلار بىزنىڭ ئىنكاس قايتۇرۇشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. بىز قولىمىزدىن كېلىشىچە بۇ نارازىلىق نامايىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك.»
خىتاي ھۆكۈمىتىگە شۇنى كۆرسىتىپ قويۇش كېرەككى، كىشىلەر ئۇيغۇر خەلقىنى ئۇنۇتقىنى يوق ۋە ئۇلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۇچراۋاتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان مۇئامىلىلىرىنى تېخىمۇ كۆپ كىشلەر تونۇپ يەتمەكتە. بىز بۇنىڭ ئەھمىيىتىگە ئىشىنىدىكەنمىز، نامايىشىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز ۋە قولىمىزدىن كېلىدىغان بارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئۇيغۇرلارنى قوللايمىز
ئۇيغۇر پوچتىسى دىن تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى بايقاڭ
يېڭى يازمىلاردىن ئېلخەت ئارقىلىق خەۋەردار بولۇش ئۈچۈن مۇشتەرى بولۇڭ
