ئۇيغۇر پوچتىسى، ئۆزگۈر ئۇيغۇر
«مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ 5-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، ئۈچ نەپەر ئۇيغۇر ئاكا-ئۇكا ئۆتكەن 12 يىلدىن بېرى ھىندىستان تۈرمىسىدە ناھەق يېتىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ دېلوسى خەلقئارادا ئىنسان ھەقلىرىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم تالاش-تارتىش تىمىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانماقتا.
2013-يىلى 12-ئىيۇن كەچتە، ئۈچ ئاكا-ئۇكا — ئادىل تۇرسۇن (23)، ئابدۇخالىق تۇرسۇن (22) ۋە سالام تۇرسۇنلار (20) قەشقەر شەھىرى ئەتراپىدىكى ئۆيىدىن ئايرىلىپ، 13 كۈنلۈك جاپالىق سەپەردىن كېيىن ھىمالايا تاغلىرى ئارقىلىق ھىندىستاننىڭ تاغلىق رايونى لاداخقا كىرگەن ۋە سۇلتان چۈشكۈ ئەتراپىدا ھىندىستان چېگرا ئارمىيەسى تەرىپىدىن تۇتۇلغان. ئۇلارنى ھەربىيلەر ئىككى ئاي سوراق قىلىنغاندىن كېيىن ساقچى تەرەپكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. تىل بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۆز مەسىلىسىنى چۈشەندۈرۈشتە قىينالغان ئۈچ ئاكا-ئۇكا قاماقتا بىر يىل ياتقاندىن كېيىن، باشقا مەھبۇسلاردىن تىل ئۆگىنىپ، ئۆز ئەھۋالىنى چۈشەندۈرگۈدەك سەۋىيەگە يەتكەن. بۇ جەرياندا ئۇلار ھىندىستان ھۆكۈمىتىدىن ياكى تاشقى دۇنيادىن ھېچقانداق ياردەم ۋە قوللاشقا ئېرىشەلمىگەن.
بۇ ئۈچ ئاكا-ئۇكا ھىندىستان ھۆكۈمىتىگە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزىۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىدىن قېچىپ چىققانلىقىنى بىلدۈرگەن. دائىرىلەر ئۇلارنى چېگرادىن قانۇنسىز ئۆتۈش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ سوتقا بەرگەن. ھىندىستان سوتى ئۇلارغا دەسلەپتە 18 ئاي تۈرمىدە يېتىش جازاسى بەرگەن. بىراق، شۇ چاغدا تەختكە چىققان ھىندى مىللەتچى پارتىيەسى (Bharatiya Janata Party)نىڭ باش مىنىستىرى مودى قوزغىغان مىللەتچى سىياسەتنىڭ تەسىرى بىلەن، ھىندىستان دائىرىلىرى جازا مۇددىتى توشقاندىن كېيىنمۇ ئۇلارنى قويۇپ بېرىش رەت قىلغان. ھىندىستان ھۆكۈمىتى تالاش-تارتىش قوزغىغان «ئاممىۋى بىخەتەرلىك قانۇنى»نى سەۋەب كۆرسىتىپ، ئۇلارنى داۋاملىق تۈرمىدە تۇتۇپ قالغان.
ھىندىستان قانۇنى بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ گۇمانلىق شەخسلەرنى ئالتە ئايدىن ئىككى يىلغىچە تۇتۇپ تۇرۇشىغا رۇخسەت قىلسىمۇ، ئەمما دائىرىلەر بۇ ئۈچ ئۇيغۇرنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇش مۇددىتىنى ئىككى يىلدىن ئالتە قېتىم ئۇزارتقان. بۇ ئۈچ ئاكا-ئۇكا تا ھازىرغىچە خىتايغا قايتۇرۇلۇش ياكى قويۇپ بېرىلىش ھەققىدىكى قارارنى كۈتۈپ تۈرمىدە يېتىۋېتىپتۇ.
ئۇلارنىڭ ئادۋۇكاتى مۇھەممەد شافىي لاسسۇ ئۆتكەن ئون يىلدىن بۇيان ئۇلارنىڭ ناھەق ۋە قانۇنسىز شەكىلدە تۈرمىدە يېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە مۇنداق دېگەن: «بۇلار جىنايەتچى ئەمەس، زۇلۇمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلاردۇر.»
بۇ ئاكا-ئۇكىلار ھازىر ھىندىستاننىڭ خاريانا (Haryana) شتاتىنىڭ كارنال (Karnal) شەھىرىدىكى بىر تۈرمىدە ئىكەن. ئۇلار يېمەك-ئىچمەك ۋە داۋالىنىش مەسىلىلىرىدىن قىينىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇشى ھىندىستاندىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كەمسىتىشنىڭ بىر ئۆرنىكى دەپ قارالماقتا ئىكەن. ئادۋوكات شافىي بۇ ئاكا-ئۇكىلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلىشىدىن قاتتىق ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئادۇۋكات مۇھەممەد شافىي لاسسۇ مەزكۇر ئاكا-ئۇكىلارنىڭ سىياسىي پاناھلىق ھوقۇقىغا ئېرىشىشىنى ياكى ئۇلارنى قوبۇل قىلىدىغان ئۈچىنجى بىر بىخەتەر دۆلەتكە ئەۋەتىلىشىنى تەلەپ قىلىۋېتىپتۇ.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر خەۋەر «مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسەن خۇلاسىلەپ يېزىلدى. ئىسىم، پاكىتلار ئەينەن ئېلىندى.
Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى
Subscribe to get the latest posts sent to your email.
