suriyediki uyghurlar-abduweli ayup
ئابدۇۋەلى ئايۇپ
بۈگۈن 17-نويابىر سەھەردىن باشلاپ سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش تېمىسى قىزىپ كەتتى. گەرچە بۇ خەۋەرنى سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستېرلىقى يالغانغا چىقارغان بولسىمۇ گەپنىڭ ئايىغى بېسىلمىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ قايتۇرۇلۇپ كېتىش خەۋىپى فرانسىيە بىرلەشمە خەۋەر ئاگېنتلىقىدىن باشقا ئاخباراتلارغا يېيىلىپ، ھەر قايسى تىللاردا بەس بەس بىلەن خەۋەر قىلىنغان بىلەن، ئۇچۇرنىڭ ناتوغرىلىقى توغرىلىق خەۋەر ئانچە كەڭ تارالمىدى.
سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قايتۇرۇلمايدىغانلىقى ئېنىقلاندى، ئەمما مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ چۈشەنچىسىدىكى ئېنىقسىزلىق، كۆڭلىدىكى پەرىشانلىق تۇمانى تېخى تاراپ كەتمىدى. خەۋەردە ساننىڭ نېمە ئۈچۈن 400 دېيىلگەنلىكى، نېمە ئۈچۈن تاشقى ئىشلار مىنىسترلىقىدىكى ئىككى ئەمەلدارنىڭ فرانسىيە مۇخبىرىغا شۇنداق دېگەنلىكى كىشىنى گۇمانغا سالىدۇ. ئەجەبا شامال چىقمىسا دەرەخ لىڭشارمىدى؟
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قايتۇرۇلۇش ئىھتىماللىقىنى ئاڭلىغاندىكى بىسەرەمجانلىقىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ. بىزدە «يىلاندىن قورقۇپ كەتكەن ئارغامچىدىنمۇ قورقۇپتۇ» دېگەن ماقال بار. تايلاندنىڭ تېخى سەككىز ئايلار بۇرۇن 40 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكى مۇساپىر ئۇيغۇرنىڭ يۈرىكىنى ئەزگەچكە 400 ئۇيغۇرنىڭ سۈرىيەدىن قايتۇرۇلۇپ كېتىش خەۋىپى ساراسىمە يارىتىشى نورمال.
ھالبۇكى سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلار مۇھاجىرەت دۇنياسىدىكى ھېچ بىر ئۇيغۇرلارغا ئوخشىمايدۇ. ئۇلار سۈرىيەگە پاناھلىق تىلەپ، مەبلەغ سېلىپ، ياكى خىزمەت بىلەن كۆچۈپ كەلگەن ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ قولىدا، زۇلۇم ئوچاقلىرىدا پۇچۇلىنىۋاتقان ئاچا سىڭىل، ئاكا ئىنىلەرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قوراللىق تەلىم ئېلىشقا كەلگەن، شۇ جەرياندا ئۆزىگە چېنىقىش پۇرسىتى بەرگەن سۈرىيە خەلقىگە يارىدەملىشىپ ئازاتلىق ئۇرۇشىغا قاتناشقان، ھەمدە بۇلتۇر نۇيابىردا سۈرىيەنى ئازات قىلغان بەش كۈچنىڭ بىرى بولۇپ غالىپلارنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.
سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش مەسىلىسى پەقەتلا ئاخباراتچىلارنىڭ بازار قىزىتىش ئۈچۈن، ئەتراپلىق دەلىللىمەيلا تارقاتقان ھېكايەسىدۇر. بۇ ھېكايە، نە سۈرىيەدىكى مەمۇرىي، ھەربىي ئەمەلىيەتكە، نە خەلقئارا ۋەزىيەتكە، نە جۇغراپىيەلىك سىياسى رېياللىققا، نە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنىڭ نوپۇزلۇق ئورنىغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ.
ئۇيغۇرلارنى سۈرىيەدىن خىتايغا قايتۇرۇش دېگەن ئۇقۇم ھازىرچە تېخى پاراڭ تېماسى ئەمەس، ئۇنداق گەپ غەيۋەت بولۇپمۇ مەۋجۇت بولمايدۇ. چۈنكى ئۇيغۇرلار بۈگۈن سۈرىيەدە قوغلىنىش خەۋپىدە قالغان ئەمەس، سۈرىيە خەلقىنى ئىچكى ۋە تاشقى ۋەھىمىدىن قوغداش بۇرچىنى ئۆتەۋاتقان كۈچ. ئۇلار سۈرىيە دۆلەتىنىڭ ئازات قىلغۇچىلىرى، قوغدۇغۇچىلىرى ۋە قۇرغۇچىلىرى. ئۇيغۇرلار قوغلانسا يېڭى سۈرىيەنىڭ ئازاتلىقى تەۋرەپ قالىدۇ.
ئۇيغۇرلار سۈرىيەدە بىر قوشۇننىڭ ئىگىسى. دۆلەت ئارمىيەسىنىڭ بىر قانىتى. خىتاي سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى تەلەپ قىلسا، سۈرىيە دۆلەت ئارمىيەسنىڭ ئەسكىرىنى تەلەپ قىلغان ھېساپلىنىدۇ. ھېچ بىر دۆلەت ئۆز ئەسكىرىنى يات ئەلگە ئۆتكۈزۈپ بەرمەيدۇ.
ئۇيغۇرلار ھەر زامان قوراللىق، ئۇلار بىرى كېلىپ تۇتۇپ كەتسە قول قوشتۇرۇپ كەينىدىن ماڭىدىغان ياۋاش زەيپانە ھالەتتە ئەمەس. ئۇلار ئەسكەر، ھەممەيلەندە ئۆزىنى قوغدايدىغان ساپا، قورال ۋە ئىقتىدار بار. ھەممەيلەن ئون نەچچە يىللىق ئۇرۇشتىن ساق چىققان غازىلار. ئۇلارنى بىرى باغلاپ، كىشەنلەپ ئېلىپ مېڭىشقا پېتىنالمايدۇ.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە مەنسۇپ مەمۇرىيەتى بار. ئۇلارنىڭ ساقچى، بىخەتەرلىك كۈچلىرى بار. ئۇلار ئۆز رايۇنىدا يۈز بەرگەن ھەر قانداق ئامانلىق، بىخەتەرلىك، ئىقتىسادى ۋە جىنايى ئىشلار دىلوسىغا ئۆزى ئىگە بولۇدۇ. رازۋېتكا قىلىش، تۇتۇشنى تەستىقلاش، قاماش، سوت ئېچىش قاتارلىق بارلىق قانۇنى تەرتىپلەرنى بىر تەرەپ قىلىدىغان خادىملار بار. سۈرىيە دۆلەتى تېخى بىرەر ئۇيغۇرنى ھەر قانداق سەۋەپ بىلەن تۇتۇپ باقمىدى.
يېقىندا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئارمىيەدە داۋاملىق قېلىشىغا يېشىل چىراق ياقتى. رايۇندىكى موھىم دۆلەتلەردىن بولغان ئىسرائىلىيە ۋە تۈركىيەمۇ ئامېرىكا ياققان بۇ يېشىل چىراقنى ئۆچۈرمەيدىغان ئىتتىپاقداش. ئەخمەت ئەلشارامۇ ئۇيغۇرلارنىڭ پۇقرالىققا ئېرىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. سۈرىيەدە بىر قانچە ئۇيغۇر مەھەللىسى قۇرۇشنىڭ تەييارلىقى ئىشلىنىۋاتىدۇ. مېنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللاردىن ئىگىلىشىمچە ئۇيغۇرلارنىڭ پۇقرالىقى ۋاقىت مەسىلىسى. ئەگەر يېقىنقى ئايلاردا ئۇيغۇرلار سۈرىيە پۇقراسىغا ئايلانغان تەقدىردە خىتاي ئەمەس، ھېچ بىر دۆلەت سۈرىيەنىڭ پاسپورتىنى كۆتۈرگەن بىر پۇقراسىنى ماڭا قايتۇرۇپ بەر دېيەلمەيدۇ.
ناۋادا سۈرىيە قايتۇرۇپ بېرىشى مۇمكىن دېيىلسە، كۈرت مەمۇرىيىتى باشقۇرۇۋاتقان روجاۋادا ئەسىرلىكتە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر ئاياللار ۋە بالىلار ئېسىمىزگە كېلىدۇ، ئەمما بۇمۇ بىر قۇرۇق پاراڭ. چۈنكى خىتاي ئۇلارنى ئېلىپ كەتمەكچى بولسا بەشىر ئەسەتنىڭ ۋاقتىدا سىنايتتى. ياكى كېيىنكى كۈرت مەمۇرىيىتى بىلەن بەشىر ئەسەت ھۆكۈمىتى ئىتىپاقلاشقان يىللاردا كۈچەيتتى. ب د ت نىڭ قولى بىلەن ھېچ بولمىغاندا سوراق بولسىمۇ قىلىپ باقاتتى. خىتاي بۇلارنىڭ ھېچ بىرىنى قىلالمىدى. بەلكى قىزىقمىغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. بەلكىم خىتاينىڭ ئىمكانى، كۈچى يەتمىگەندۇ. بەلكىم ئۇنچە پۇل خەجلەپ دۇنيادا رەسۋا بولۇشنى خالىمىغاندۇ. چۈنكى ئۇ ئايال بالىلاردىن خىتايغا ھېچ بىر خەۋپ كەلمەيدۇ، ئۇلار سۈرىيەگە قويۇپ بېرىلسەمۇ خىتاينىڭ مەنپەئەتىگە خىرىس كەلتۈرمەيدۇ.
ھازىرقى سۈرىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرنى قايتتۇرمايدۇ. مەن ئېرىشكەن خەۋەرلەردە ھاكىمىيەتنىڭ خىتايغا بۇنى ئوچۇق ئېيتقانلىقى تەكىتلىنىۋاتىدۇ. ھالبۇكى، نېمە ئۈچۈن سۈرىيە ھۆكۈمىتىدە بۇنداق بىرى ئاشكارىلاپ بىرى ئىنكار قىلىدىغان غىژغىژلار چىقىدۇ؟ سەۋەبى مەنچە يېڭى ھۆكۈمەت تەركىبىدە ئىشلەۋاتقان ئەسەتتىن قالغان كونا ئەمەلدارلار، بۇرۇنقى دەمەشق مەنپەئەتدارلار گورۇھى دېگەنلەر ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقىنى مۇشۇنداق پىسىلداق چىقىرىپ ئىپادىلەۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. ياكى سۈرىيە جەمئىيىتىدە خىتايدىن مەنپەئەتلىنىپ كۆنگەن بىر تەبىقە كىشىلەر شۇنداقراق بىر خىيالنى قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى تارتۇقلاپ خىتايدىن نەپ ئۈندۈرمەكچى بولۇۋاتقاندۇ، ۋە ياكى ئەخمەت ئەلشارانىڭ خىتاي زىيارىتى ئالدىدا مۇخبىرلار مۇشۇنداق تېمالارنى تاشلاپ بازار قىزىتىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.
بۈگۈنكى سۈرىيەنىڭ ئۇيغۇرنى قايتتۇرمايدىغانلىقى مەڭگۈلۈك شۇنداق قىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرمەيدۇ. سۈرىيە ھازىر بىر دېموكراتىك دۆلەت بولۇشقا قاراپ كېتىۋاتىدۇ. ھازىرقى ھۆكۈمەت بىر ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت بولۇپ، سۈرىيەدە كەلگۈسىدە ئومۇمى سايلامنىڭ بولۇشى، يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ تەشكىللنىشى ئېنىق. بەلكىم بەش يىلدىن كېيىنكى يېڭى ھۆكۈمەت شارانىڭ سەپدىشى بولغان ئۇيغۇرنى تونىماسلىقى، قوشۇننى ئەرەپلەشتۈرۈشى، ئەسلى سۈرىيەلىك بولمىغانلارنى چەكلىشى مۇمكىن. ئەمما ئۇ بىر ئىھتىماللىق، يەنە بىر ئىھتىماللىق، سۈرىيەدە كېيىنكى بەش يىلدا ھۆكۈمەت ئالمىشىپ، ئۇيغۇرلار قوغلانغىچە خىتاي لىڭشىپ قېلىشى، سۈرىيەدىكى قوشۇنىمىز ھۇجۇم قىلىپ بېرىپ پوسكايغان خىتايچە كومۇنىست ھاكىمىيەتىنى گۇم قىلىپ، شى جاللاتنى ۋە ئۇيغۇرغا ئىرقى قىرغىنچىلىق قىلغان بارلىق جىنايەتچىلەرنى ئادالەت سوتىغا يالاپ ئېلىپ بارىدىغان قەھرىمانلارغا ئايلىنىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن.
ئەسكەرتىش: ئاپتور يېقىندا سۈرىيەنى زىيارەت قىلىپ، ئۇيغۇر جەمئىيەتلىرى بىلەن بىۋاسىتە پىكىر ئالماشتۇرغان ۋە بىر يۈرۈش يازمىلارنى ئېلان قىلغانىدى. «ئۇيغۇر پوچتىسى» ئوخشىمىغان پىكىرلەرگە سەھنە بېرىش پىرىنسىپى بويىچە، سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدىمۇ مۇستەقىل ئاۋازغا ئورۇن بەردى. ئوبزورلاردا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىر ۋە كۆز-قاراشلار ئاپتورنىڭ مۇستەقىل پىكرى بولۇپ، «ئۇيغۇر پوچتىسى»نىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىشى ناتايىن.
Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى
Subscribe to get the latest posts sent to your email.
